logo

trugen jacn

بۈگۈردىكى زەنجىرسىمان پارتلاشنىڭ چوڭ كۆلەملىك بىر ئىسيان ئىكەنلىكى، ئىسياننىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ئاخباراتى، بۈگۈردىكى زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم خەۋەر ئېلان قىلدى. ۋەقە ھەققىدىكى تۇنجى خەۋىرىدە پەقەت ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان خىتاي مەتبۇئاتى، بۈگۈنكىسىدە ۋەقەدە جەمئىي 52 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەنلەر 10، قارشى تەرەپتىن ئۆلگەنلەر 42 نەپەر. خىتايغا قارشى تەرەپتىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە مۇخبىرىمىز بۈگۈردىن بىۋاسىتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن، بۈگۈردە 21 ‏-سېنتەبىر يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاشنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى چوڭ بىر ئىسيان ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئىسياننى قانلىق شەكىلدە باستۇرغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 50 دىن ئارتۇق پىدائىي بۈگۈرنىڭ ئۈچ يېزا-بازىرىدىكى ئاز دېگەندە 7 ئورۇندا خىتاي كۈچلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە ھۇجۇم ئېلىپ بارغان. ئەگەر خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار توغرا بولسا، پىدائىيلار بۇ قېتىمقى ئىسيانىدا ئېغىر بەدەل تۆلىگەن، ئەمما بۈگۈردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە، جۈملىدىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋە ساقچىلارغا قاتتىق ۋەھىمە سالغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bugur-partlash-09252014150928.html

Share
1253 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.