logo

trugen jacn

بۈگۈردىكى ئىسياندا ئۆلگەن پۇقرالاردىن روزى ئوسماننىڭ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

7b2622e4-f166-4094-8048-6142cad6e590

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۈگۈردە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن ئىسياننى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ۋەقەدە 6 پۇقرانىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈردىكى يەرلىك دائىرىلەر ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن پۇقرالاردىن بىرى 49 ياشلىق ئاشخانا خوجايىنى روزى ئوسمان بولۇپ، خىتاي تەرەپ روزى ئوسمان ئائىلىسىگە ئۇنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان

ئەمما، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن مەرھۇمنىڭ تۇغقانلىرى روزى ئوسماننىڭ ئوقتا ئۆلگەنلىكى ۋە ئوقنىڭ يۈرەك قىسىمغا تەگكەنلىكىنى كۆرگەن. ساقچىلار روزى ئوسماننىڭ جەسىتىنى يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، جەسەتنى مەزكۇر ئائىلىگە قايتا كۆرسەتمىگەن. روزى ئوسماننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، مۇخبىرىمىزغا ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتىغا ئىشىنىپ مېيىتنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىتلار، روزى ئوسماننىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ۋەقەدە ئۆلگەن پۇقرالاردىن بىرىنىڭ بۈگۈرنىڭ يېڭىسار بازىرىدىن ئىكەنلىكى ۋە ئاشخانا خوجايىنى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

بۈگۈردە بىر كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان خادىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بىز بىلەن لۇشيەن تەربىيىسىدە ئىشلەۋاتقان بىر كادىرنىڭ تۇغقىنى ئاشخانا ئاچىدىكەن، شۇ كۈنى ئاشخانىسىنى تاقاپ سىرتقا چىقىشىغىلا تېررورچىلار ئۇنى ئۆزىگە ئەگىشىشنى ئېيتىپتۇ، ئۇنىمىغان ئىكەن ئېتىۋېتىپتۇ

بىز ئاتالمىش «تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى» دېيىلگەن بۇ كىشىنىڭ قېرىندىشى بىلەن كۆرۈشتۇق. سۆھبەت داۋامىدا ئۆلگۈچىنىڭ 49 ياشلىق روزى ئوسمان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

-ئۆلگۈچى مېنىڭ تاغام بولىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ سول تەرىپىدە ئاشخانا ئاچاتتى، سائەت 4 بىلەن 4 يېرىم ئارىسىدا ئاشخانىسىنى تاقاپ سىرتقا چىققان ئىكەن…. تېررورچىلار ئېتىۋېتىپتۇ

بىز ئۇنىڭدىن تېررورچىلارنىڭ قولىدا قورال بار ياكى يوق ئىكەنلىكىنى سورىدۇق، ئۇ بۇ ئەھۋالدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز يەنە ئۇنىڭدىن جەسەتنى كۆرۈپ-كۆرمىگەنلىكى، جەسەتتە پىچاق ياكى ئوق ئىزى بارلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى نەق مەيدانغا بېرىپ جەسەتنى كۆرگەنلىكى ۋە روزى ئوسماننىڭ ئوقتىن ئۆلگەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى

ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەقەنى ئاڭلاپ ئۇرۇق تۇغقانلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپتۇ، ئايال تۇغقانلار جەسەتكە يېقىنلىشالماپتۇ، ئەر تۇغقانلار جەسەتنى كۆرۈپتۇ، ئوق يۈرەككەن ئىكەن، قان بەك جىق چىقىپ كېتىپ، جان ئۈزۈپتۇ

سوئال: تۇغقانلىرىڭلار ئوق ئىزى ياكى پىچاق ئىزى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەپتىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق. ئوق ئىزى ئىكەن

بىز يەنە روزا ئوسماننىڭ ئىنىسى مامۇت ئوسماننىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇمۇ ساقچىلارنىڭ« روزا ئوسماننى تېررورچىلار ئۆلتۈردى» دەپ ئۇقتۇرغانلىقىنى ۋە ھېلىغىچە جەسەتنى قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى

مەلۇم بولۇشىچە، روزى ئوسماننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ساقچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە، يەنى ئۇنىڭ ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشەنگەن، ئەمما پاكىتلار، روزى ئوسماننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا. چۈنكى ھازىرغا قەدەر ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىمۇ، خىتاي تەرەپ ئۆزى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىمۇ، ئىسيانچىلارنىڭ قولىدا ئاپتوماتىك قورال بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق

قېتىمقى ئىسياندا ئىككى ساقچىخانا ھۇجۇم نىشانى بولغان، پۇقرالار ھۇجۇم نىشانى قىلىنمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرىكى ۋەقەلەردىمۇ ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ قولىدا ئاپتوماتىك قورال بولغانلىقى، ۋەقەلەردە ئۇيغۇر پۇقرالىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلار يوق

يەنە روزى ئوسماننىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋاقتى، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4 يېرىم. خىتاي خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پارتلاشنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى سائەت 3

يەنى روزى ئوسماننىڭ ئۆلگەن ۋاقتى، دەل خىتاي قوراللىق كۈچلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئارىدىن بىر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەن مەزگىل

ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدە ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان، ئەمما روزى ئوسماننىڭ جەسىتى تا ھازىرغىچە قايتۇرۇلمىغان.

يۇقىرىقى تەپسىلاتلار، روزى ئوسماننىڭ ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئەمەس، ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/bugurde-partlash-10012014155944.html

Share
1807 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.