logo

trugen jacn

بۈركۈتنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلار

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

بۈركۈتنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلار

 

بۈركۈت ئۆمرى ئۇزۇن بولغان قۇشلار جىنىسىغا كىرىدۇ. بەزى بۈركۈتلەر 70 ياشقىچە ياشايدۇ. تۈرك، ئىنگىلىز، فرانسۇز، گېرمان… مىللەتلىرى ئارىسىدا بۈركۈتنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى توغرۇلۇق تەسىرلىك بىر ھېكايە بار؛ بۈركۈتلەر 40 ياشقا كىرگەندە تۇمشۇقى ئۇزىراپ ئىچىگە ئېگىلىپ قالغاچقا ئوۋنى چوقۇلاش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. تىرناقلىرى ھەددىدىن زىيادە ئۇزىراپ كەتكەچكە ئوۋنى پەنجىسىدە چاڭگاللاپ تۇتالمايدۇ. بۈركۈت 40 ياشقا كىرگەندە قاناتلىرىمۇ پاخپىيىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇچقاندا بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن قاناتلىرى تەكشى ئېچىلمايدۇ. شۇڭا كۆك يۈزىدە ئېگىز ئۇچالمايدۇ ۋە تۇتقان كىچىك ئولجىلارنىمۇ كۆتۈرۈپ ئۇچالايدىغان كۈچىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ

روھى چۈشكەن، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى يوقاتقان بۈركۈت، ياكى ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىش ۋەياكى قايتا تۇغۇلۇپ ئۆمرىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش توغرىسىدا قارار قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قايتا تۇغۇلۇش دېيىلگەن مۇددەت ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە بەكمۇ ئازابلىق 150 كۈنلۈك چىدىغۇسىز بىر جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قايتا تۇغۇلۇشقا قارار بەرگەن بۈركۈت ئەڭ ئاخىرقى ئولجىسىنى ئېلىپ ئىنسان ئاياق باسالمايدىغان، ھەتتا ھەرقانداق قۇشمۇ ئۇلىشالمايدىغان يۈكسەك تاغ چوققىسىغا ئۇچۇپ بېرىپ قاتتىق قىيا تاش ئۈستىگە قونىدۇ. بۈركۈت ئالدى بىلەن، ئۇزىراپ كېرەككە كەلمەس بۇلۇپ قالغان تۇمشۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۇمشۇقىنى قىيا تاشقا ئۇرۇشقا باشلايدۇ. قىيا تاشنى قاتتىق چوقۇلاۋەرگەن بۈركۈت ئاغرىق ئازابىدىن ھوشىدىن كېتىدۇ. ھوشىغا كەلگەندە تۇمشۇقىنى تاشقا ئۇرۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. بۈركۈتنىڭ بىگىزدەك مەزمۇت تۇمشۇقى سۇنمىغاچقا ئېغىز،بۇرنى قان بىلەن بۇلغىنىپ كېتىدۇ. بۈركۈت كۆپ قېتىم ھوشىدىن كەتسىمۇ، تۇمشۇقىدىن قانلار ئېقىۋاتسىمۇ، تۇمشۇقىنى تاشقا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئاخىرى تۇمشۇقىنى سۇندۇرۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. بۈركۈت تۇمشۇقىنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىنى كۈتىدۇ. يېڭى تۇمشۇقى چىقىپ كۈچەيگەندە ئۈسۈپ كەتكەن كېلەڭسىز تىرناقلىرىنى چوقۇلاپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. تىرناقلىرى قاناپ كەتسىمۇ، ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىسىمۇ، بۈركۈت تىرناقلىرىنى چوقىلاشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئاخىرى تىرناقلىرىنى بىر بىرلەپ چىقىرىپ تاشلايدۇ. كونا تىرناقلىرىدىن قۇتۇلغان بۈركۈت ئەندى پاخپىيىپ كېرەككە كەلمەس بولۇپ قالغان قاناتلىرىنى بىر، بىرلەپ يۇلۇشقا باشلايدۇ. قانات، قۇيرۇقلىرىنى يۇلۇپ تۈكسىز باچكىدەك بولۇپ قالغان بۈركۈت خىلۋەت بىر ئۇگىغا يوشۇرۇنۇپ، ئەتراپتىن ئۈششاق، چۈششەك جانلىقلارنى تۇتۇپ يەپ قانات، قۇيرۇق، تىرناقلىرىنىڭ ئۈسۈپ چىقىشىنى كۈتىدۇ

بۈركۈت تاغ چوققىسىدىكى قىيا تاشقا قونغان كۈندىن 5 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ”قايتا تۇغۇلۇش“ دەپ ئاتىغىنىمىز يېڭىلىنىش جەريانى تاماملىنىدۇ. قىرانلىق كۈچىگە تەكرار ئېرىشكەن بۈركۈت بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىللىق ھاياتىنى غالىپلىق بىلەن ياشاش ئۈچۈن تەكرار كۆك يۈزىگە كۆتۈرۈلىدۇ

بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى، 40 ياشتا ئازابسىز ئۆلۈم بىلەن ئازابلىق يېڭىدىن تۇغۇلۇشنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قالغان بۈركۈتكە ئوخشايدۇ. يېڭىدىن تۇغۇلۇش ئەنە شۇنداق چىدىغۇسىز جىسمانى ۋە روھى ئازاب سىناقلىرىغا دۇچ كېلىدىغان بىر جەرياندۇر. ئەگەر ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋە خەتەرلىك ئىجتىمائى مۇھىتتىن ساق، سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىپ مىللىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بولىدىغان بولسا، ئالدى بىلەن ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھايات – ماماتلىق كۈرەش ئىستىراتىگىيەسىنىڭ سخېمىسىنى سىزىپ چىققۇچىلار ۋە بۇ ئازابلىق يېڭىلىنىش جەريانىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولىشى كېرەك. ھەربىر ئاڭلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى، شۇنداقلا ۋەتەن سىرتىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئۆزىنى يېڭىلىماي تۇرۇپ يېڭى مىللىي بوھرانغا قارشى ئۇلۇغ مىللىتىمىز ئۈچۈن قوغدىنىش قالقىنى ھاسىل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس

تولغاقسىز توغۇلۇش يوقتۇر. ئاسماننىڭ تولغىقى گۇلدۇرماما، نەتىجىسى يامغۇردۇر. ئانىنىڭ تولغاق پەرياتلىرى بۇۋاقنىڭ ئىڭىرىغان ساداسى بىلەن تەڭلا پەسىيىدۇ. تۇغۇلۇش يېڭىلىقتۇر.يېڭىلىق ھايات دېمەكتۇر. بۈركۈتنىڭ ھېكايىسى، شەيلەرنىڭ ئوز ئوزىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ھاياتىي كۇچكە قايتا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ تىپىك ئولگىسىدۇر. ئۇيغۇر مىللى روھى قايتىدىن توغۇلۇش تولغىقىنىڭ شىددەتلىك ئازابى ئىچىدە تولغۇنىۋاتىدۇ.تولغاق ھەقىقەتەن چىدىغۇسىز ئازاپلىق بىر ھادىسە. بىراق تولغاقنىڭ ھەر بىر نەتىجىسى بىر مۆجىزىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتى يېپ يېڭى مىللى روھ بىلەن قاناتلانغاندىن كېيىن ئەركىنلىك ئاسمىنىدا تەكرار جەۋلان قىلغۇسى. زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ چىقىپ كۆتۈرۈلگەن قوياشنى يەريۈزىدە توسۇپ قالالايدىغان كۇچ بولمىغىنىدەك،يېڭىدىن توغۇلۇش مۆجىزىسىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن مىللى كۈچنى ھەرقانداق پولات سېپىللەرنىڭمۇ توسۇپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس

WhatsApp Audio 2018-04-23 at 09.07.09

Share
2822 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.