logo

trugen jacn

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار

4437e68d893a15a6e2b04b

مېھرىبان
2015-u0102-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەتلىرىدە دائىرىلەر ئاتالمىش ئوچۇق سوت ئېچىپ، جازاغا ھۆكۈم قىلىش، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىنكى تەكشۈرۈش – تۇتقۇن قىلىش يوللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. 1 – نويابىر خوتەن ئىلچى يېزىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

بۇلتۇر 11 – ئاينىڭ بېشى ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خوتەن شەھىرىدە ئالدىنقى شەنبە كۈنى بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى شەھەرنىڭ توپچا دېگەن جايىدىكى بىر ئۆيدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۆيدە توپلىشىپ ئولتۇرغان ياشلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان، توقۇنۇشتا، خىتاي تەرەپ ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 10 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان. ۋەقەدىن كېيىن ئىلچى يېزىسىدا ئۆي ئاختۇرۇپ ئادەم تۇتۇش ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ۋەقە ھەققىدە باشقا مەلۇمات بېرىلمىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەقەنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزا 11 – كەنتى يەنى توپچا كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

2. قەشقەر ئوتتۇرا سوتى 22 ئۇيغۇرنى «دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ سوت ئاچتى

قەشقەر ئوتتۇرا سوتى بۇلتۇر 10 – نويابىر دۈشەنبە كۈنى 22 ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق ئىدىيىسىنى تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلەپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى چوڭ كۈرەش يىغىنى تۈسىنى ئالغان ئوچۇق سوت يىغىنى ئاچقان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا جازا ھۆكۈم قىلىنغان 22 نەپەر ئۇيغۇر دائىرىلەر تەرىپىدىن «ياۋا ئاخۇن» دەپ ئاتىلىپ،«قانۇنسىز دىنىي تەبلىق ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان خەلق ئىچىدىكى دىنىي زاتلار»، «ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەسچىتلەردىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان دىنىي ئۆلىمالار»، ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى داۋاملاشتۇرغان» ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان. دائىرىلەر ئاچقان سوتتا بۇ ئۇيغۇرلارغا 5 يىلدىن 16 يىلغا قەدەر مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. ئاتالمىش ئوچۇق سوتتىن كېيىن قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ئەنىۋەر تۇرسۇن سۆز قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەر تەۋەسىدە دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنى تارقاتقۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

3. 14 – نويابىر چاپچال ناھىيىسىدە ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار چەتئەل رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىندى

بۇلتۇر 14 – نويابىر كۈنى چاپچال ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر ناھىيەدىكى يېرىدىن ئايرىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدارنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر قۇربانجان مەمەت ۋە ياسىنجان مەمەت قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققانلىقى ۋە چەتئەل رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغان.

4. 20 – نويابىر چەرچەن ناھىيىسىدە 4 مەيدان ئوچۇق سوت ئېچىلىپ 12 ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ بۇلتۇر 20 – نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چەرچەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى 4 مەيدان ئاممىۋى ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 10 دېلو بويىچە 12 ئۇيغۇرغا جازا بەرگەن. خەۋەردە جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى بېرىلمىگەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىق» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

5. 28 – نويابىر يەكەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 11 ئۇيغۇر ھۇجۇمچى ئېتىۋېتىلدى، ۋەقەدىن كېيىنكى ئوي ئاختۇرۇشتا ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى

خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر 28 – نويابىر جۈمە كۈنى يەكەندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاخباراتىدا ۋەقەنىڭ 28 – نويابىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر خەۋىرىدە 10 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ پىچاق ۋە پارتلاتقۇچلار بىلەن يەكەندىكى بىر بازارغا ھۇجۇم قىلىپ، 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمچىلاردىن 11 ئادەمنى نەق مەيداندىلا ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

6. 5 – دېكابىر ئاقسۇ شەھىرىدە جۈمە نامىزىدىن چىققان 11 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى بۇلتۇر 5 – دېكابىر ئاقسۇ شەھىرىدە چوڭ بازار ئالدىدىكى مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇپ قايتقان 11 ئۇيغۇرنى گۇمانلىق «دىنىي ئاشقۇن» دەپ تۇتقۇن قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قوزغىغان «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

7. 8 – دېكابىر كۈنى 20 ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن 8 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

بۇلتۇر 8 – دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 30 – ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى ۋە 22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغان 20 گە يېقىن ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلدى، بۇلاردىن 8 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ قېتىملىق سوتتا ئەخمەت رېشىت، ئابلىز داۋۇت قاتارلىق 8 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى، 4 ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغان ئىككى ئۇيغۇرغا 10 يىللىقتىن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

8 – دېكابىر كۈنى يەنە مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 7 ئوقۇغۇچىسى ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇالارغا 3 يىلدىن 8 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.

8. 8 – دېكابىر خوتەن كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا بىر ئايال تۇتقۇن ئۆلگەن، 6 ئاي ئىچىدە 50 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا بىر ئايال تۇتقۇننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. ئەمما ئۇچۇردا ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كونكرېت سەۋەب بايان قىلىنمىغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ 16 – دېكابىر ئىگىلىشىچە، سىيەك يېزىسىدا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 50دىن ئارتۇق ياش سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. كېرىيە ناھىيىلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپىرى ئايال.

9. 14 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 3 ئادەم يارىلانغان، ھۇجۇمچى ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان

خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە،بۇلتۇر 15 – دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى پەن – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا قاتنايدىغان 45 – يول ئاپتوبۇسىدا بىر نامەلۇم كىشى يولۇچىلارغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ، 3 ئادەمنى يارىلاندۇرغان، يارىلانغۇچىلار جىددىي قۇتقۇزۇشقا يوللانغان، ھۇجۇمچى قولغا چۈشكەن.

10. 21 – دېكابىر خىتاي ساقچىلىرى خىتاي – ۋيېتنام چېگراسىدا بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، 21 نى تۇتقۇن قىلدى

خىتاي ساقچىلىرى بۇلتۇر 21 – دېكابىر كۈنى گۇاڭشىنىڭ ۋيېتنام بىلەن چېگرالىنىدىغان پىڭشياڭ بازىرىدا 22 ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان، بىر ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان. خىتاي ئاخباراتى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، رادىيومىزنىڭ پىڭشياڭ بازىرىدىن ئېنىقلىشى داۋامىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا 17 نەپەر ئايال ۋە بالىنىڭ بارلىقى ئۇلارنىڭ ۋيېتنامغا ئۆتمەكچى بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/jazalanghan-uyghurlar-01022015182904.html

Share
1897 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.