logo

trugen jacn

بۇ يىللىق گېرمانىيە «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ئىلھام توختىغا بېرىلدى

گېرمانىيەنىڭ بۇ يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن. گېرمانىيە تۆرۈنگېن رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيمار شەھەرلىك پارلامېنتى بۇ يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرگەن. «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ۋېيمار شەھەرلىك پارلامېنت تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىلھام توختىنى گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلار نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئومۇمى سوممىسى 5000 ياۋرو بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بۇ يىل 10‏-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ئۆتكەن يىلى ئىرانلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نەرگىس مۇھەممىدىگە بېرىلگەن. مۇكاپات ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ۋە پىداكارلىقىغا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.

«ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» گېرمانىيەدىكى ئەتىۋارلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر مۇكاپات ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش، سۆز ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، مىللىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى قوزغاش، ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش…. قاتارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەخس ۋە گۇرۇھلارغا بېرىلىپ كەلگەن.

ئىلھام توختى خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق قول سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. ئۇ، تور بېكىتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى ئالغا سۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق 2014‏-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-weimar-mukapatigha-erishti-06302017193713.html

Share
1652 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.