logo

trugen jacn

بۇ دىگەن شىنجاڭ

خۇڭ ئادۇۋكات

ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە شاڭخەيلىك بىر خىتاي ئادۇۋكاتنىڭ ماقالىسى بولۇپ، تورغا قويۇلۇپ ئىككى سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىۋىتىلگەن. ماقالىدىكى ئەھۋاللار گەرچە بىزگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما بىر خىتاي ئادۇكاتنىڭ قەلىمى بىلەن تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى ئىسپاتلايدۇ.

01300542517448139988602169841

بىر نەچچە ئاي ئاۋال، دوستۇم ماڭا شىنجاڭنىڭ A  شەھرىدىكى بىر دىلونى تونۇشتۇردى. دەۋاگەرنىڭ گۇناھى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراقۇلۇق قىلىش ئىكەن. مەن كۆڭلۈمدە“شىنجاڭ شۇنداق يىراق تۇرسا، نېمە دەپ شاڭخەيدىن ئادوۋكات ئىزدەيدىغاندۇ؟“ دەپ غەلىتىلىك ھىس قىلدىم. داۋالاشقۇچى B نىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تىلىڧۇندا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، تۇغقانلىرى:“ باشتا يەرلىك ئىككى ئادۇۋكاتنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، يەرلىك ئادۇۋكاتلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ كەلتۈرىدىغان دىلو  ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا چىرايلىق رەت قىلدى“ دىدى. مەن:“ يەرلىك ئادۇۋكاتلار نېمىشقا قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمايدۇ“ دەپ سورىسام، تۇغقانلىرى:“ ئاۋارىچىلىقتىن قورققان بولسا كىرەك“ دىدى. مەن ئويلىنىپ بىقىپ:“ دەۋاگەرنىڭ تۇغقانلىرى يەرلىكتىن يەنە باشقا بىر ئادۇۋكات تاپالامدۇ؟ يەرلىك ئادۇۋكات نورمالدا قاماقخانىغا بىرىپ دەۋاگەر بىلەن كۆرۈشەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا تۇغقانلىرىمۇ چىقىمنى تىجىيەلەيدۇ“ دىدىم. تۇغقانلىرى قوشۇلدى.

نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن،  دەۋاگەرنىڭ تۇغقانلىرى يەرلىكتىن بۇ  دىلونى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان C ئادۇۋكاتنى تاپقانلىقىنى ئىيتىپ،C ئادۇۋكاتنىڭ تىلىڧۇن نۇمۇرىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردى. مەن دەرھالC  ئادۇۋكات بىلەن تىلىڧۇنلاشتىم.C  ئادۇۋكات مەندىن ئاقلىغۇچى گۇناھسىزلىقىنى ئاقلىماقچىمۇ سىز ياكى  يەڭگىللەتمەكچىمۇسىز؟ دەپ سورىدى. مەن:“ دىلو ماتىرىياللىرىنى تېخى كۆرگىدەك بولمىدىم، ھازىرچە قارار بىرەلمەيمەن“ دىدىم. C ئادۇۋكات:“ خوڭ ئادۇۋكات، سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز، بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق دىلولاردا دەۋاگەرنى گۇناھسىز لىققا ئاقلىسا بولمايدۇ“ دىدى. مەن سەل ھەيران قىلىپ:“ نېمىشقا؟ بۇنداق قىلىش قانۇنغا خىلاپ ئەمەسمۇ؟“ دەپ سورىدىم .C ئادۇۋكات كۈلۈپ كىتىپ:“ بۇ دىگەن شىنجاڭ“ دىدى. مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ،C ئادۇۋكات بىلەن قانۇنغا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى تالاشماي، ”ئاۋال دىلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ بىقىپ بىر گەپ بولار“ دەپ قويدۇم.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئاياغلىشىپ، ئاران دىگەندە ئادۇۋكاتلارنى كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلدى. مەن ئاۋال دەۋاگەر بىلەن كۆرۈشۈپ، دەۋاگەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئاقلاش يۆلىنىشىمنى بىكىتىشنى قارار قىلدىم.  تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن تىلىڧۇندا كۆرۈشكەندە، مەن نەچچە كۈندىن كىيىن شىنجاڭغا بارماقچى ئىكەنلىكىمنى، ماتىرىياللارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاۋال ۋاقىت دىيىشىپ قويماقچى ئىكەنلىكىمنى ئىيىتتىم. تەپتىش ئەمەلدارى:“ سىز ئاۋال كەلگەندىن كىيىن بىر گەپ بولسۇن، كۆپىنچە ماتىرىياللارنى كۆرەلەيسىز“ دىدى.  تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بۇنداق دىگىنىدىن دەرھال ھۇشيارلىقىم ئاشتى. مەن:“ تەپتىش يولداش، بەلگىلىمە بويىچە دىلو دەۋا باسقۇچىغا كىرگەن كىيىن، ئادۇۋكات بارلىق ماتىرىياللارنى كۆرەلەيدىغۇ؟“ دىدىم. تەپتىش ئەمەلدارى كۈلۈپ قويۇپ:“ كەلسىڭىز دىيىشەمىز دىدىمغۇ. ھە راست خوڭ ئادۇۋكات، بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق دىلولارغا گۇناھسىزلىقىنى ئاقلىسا بولمايدۇ“ دىدى.  بىردىنلا ئاچچىغىم كىلىپ:“ بۇنداق بەلگىلىمە قانۇنغا خىلاپ ئەمەسمىدى؟“ دىدىم. تەپتىش ئەمەلدارى پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ:“ بۇ دىگەن شىنجاڭ، مەن دىمىسەممۇ نېمىشقا ئىكەنلىكىنى بىلىسىز “ دىدى.

 

بەش سائەتتىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرىدىن كىيىن ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدۇق. ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كىيىن تىلىڧۇننى ئاچسام تىلىڧۇننىڭ سىگنالى 4Gدىن بىراقلا 2Gغا چۈشۈپ قالدى. بۇ مەندەك ئىلخەت قوبۇل قىلىش ۋە يوللاش، دوستلار چەمبىرىكى يىڭىلاش قاتارلىق ئىشلاردا تىلىڧۇنغا تايىنىدىغان كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئالمىشىدىغان ئايروپىلان A شەھەرگە قوندى. مىنى ئالغىلى كەلگەنC  ئادۇۋكات ماشىنا ھەيدىگەچ مەن بىلەن پاراڭلاشتى. مەن :“ بۇ يەردە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزۈش جىنايەت دىلولىرىغا گۇناھسىزلىقىنى ياقىلىسا بولمايدۇ دەپ ئوچۇق بەلگىلىمە بارمۇ؟ “دەپ سورىدىم.C  ئادۇۋكات سەل ئويلىنىۋىتىپ:“ بار، بىر نەچچە ئورگانلار بىرلىكتە يوللىغانغۇ دەيمەن“ دىدى.

ماشىنا شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن، تەخمىنەن ھەر 500 مىتىردا بىردىن مۇھاپىزەت رىشاتكىسى ئورنىتىلغان قاراۋۇلخانا بارلىقىنى، نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىمۇ دىئامىتىرى 15 سانتىمىتىر كىلىدىغان مۇھاپىزەت پولات رىشاتكىلىرى بارلىقىنى كۆردۈم. كوچىلاردا نۇرغۇن تىجارەتچىلەر ۋە ئاھالىلەر بىلەكلىرىگە بىخەتەرلىك خادىمى قىزىل يەڭلىكى تاقىۋالغانلىقىنى بايقىدىم. مەنC  ئادۇۋكاتتىن:“ بۇ يەرنىڭ ئامانلىقى ياخشىمۇ؟“ دىسەم،C ئادۇۋكات:“ بەك ياخشى، شۇنىسى بىز ھازىر ماشىنا يۇيۇشقا ئادەم تاپالمايمىز“ دىدى. مەن سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ:“ ماشىنا يۇيغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئامانلىق خادىمى بولۇپ كەتتى. ئامانلىق خادىمىنىڭ مۇئاشى تېخىمۇ يۇقىرى “ دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

 

مەن تېخى سائەت 6 بولمىغانلىنى كۆرۈپ، دەرھال تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن ئالاقىلاشتىم. تىلىفۇن قىلسام ئويلىمغان يەردىن ئۇلىنىپ قالدى. بۇ مەن شاڭخەيدىكى ۋاقتىمدا  تىلىفۇندا تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن ئالاقىلاشماقنىڭ تەسلىكى ئاسمان- زىمىن پەرقلىنەتتى. تەپتىش ئەمەلدارى مىنىڭ ماتىرىياللارنى كۆرۈپ باقماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ، :“ كىلىڭ ئەمسە“ دىدى.  تەپتىش مەھكىمىسىگە بارغاندىن كىيىن، قارىسام شۇنچە چوڭ خىزمەت بىناسى قۇپقۇرۇق، بىر قەۋەتتە بەك بولسا يەتتە- سەككىز ئادەم ئىشلەيدىكەن. تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئىشخانىسىغا بىرىپ، ھاۋالە خىتىنى ۋە ئادۇۋكاتلار تەكلىپنامىسىنى سۇندۇم. تەپتىش ئەمەلدارى:“ خوڭ ئادۇۋكات شاڭخەيدىن كەلگۈچە بەك چارچاپ كەتكەندۇ“ دەپ كايىپ كەتتى. ئاندىن دىلونىڭ تەرەققىياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، ئاقلاش پىكرىمنى سورىدى. مەن:“ ماتىرىياللارنى كۆرمىگەن تۇرسام، قانداق پىكىر بىلدۈرىمەن؟ سىز ماڭا ئاۋال ماتىرىيالنى كۆرسىتىشىڭىز كىرەكتە“ دىدىم. تەپتىش ئەمەلدارى كۈلۈپ كىتىپ، ئارتۇق سورىمىدى. مەن:“ بۇنداق دىلولارغا گۇناھسىزلىقىنى ئاقلىسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا يازما ھۆججەت بارمۇ؟ كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ “ دىدىم. تەپتىش ئەمەلدارى:“ ئەلۋەتتە بار“ دەپ، تارتمىدىن بىر ماتىرىيالنى تېپىپ، ماتىرىيالنى ۋاراقلاپ كۆرسەتتى. مەن كۆرۈپ باقتىم، قارىماققا بىر نەچچە يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ياكى ئەسلەش خاتىرىسى ئىكەن، ئۈستىدە ھەقىقەتەن بۇنداق دىلولارغا ئادۇۋكاتلارنىڭ گۇناھسىزلىق ياقىلاش دەۋاسى قىلسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەر باركەن. مەن ھەيرانلىقتا مەڭدەپ قالغان پۇرسەتتە، تەپتىش ئەمەلدارى ھۆججەتنى تارتمىغا سىلىۋەتتى. تەپتىش ئەمەلدارى:“ خوڭ ئادۇۋكات، سىزمۇ بىلىسىز بۇ دىگەن شىنجاڭ. بۇ يەر سىلەرنىڭ شاڭخەي بىلەن ئوخشىمايدۇ. بىز ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ چىگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىمىز بار“ دىدى. مەن ئويلىنىپ بىقىپ، يەنە:“ ماڭا ماتىرىياللارنى كۆرسىتىڭلار، مەن پۈتۈن ماتىرىياللارنى كۆرمەي تۇرۇپ قانداق ئاقلاشنى بىلەلمەيمەن“ دىدىم. تەپتىش ئەمەلدارى سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ:“ خوڭ ئادۇۋكات، سىز پارتىيە ئەزاسىمۇ؟“ دەپ سوراپ قالدى. بۇ سۇئالنىڭ سورالغىنىدىن ئەندىكىپ پىشانەمدىن سوغۇق تەر چىكەتتى. مەن باش لىڭشىتىپ:“ شۇنداق“ دىدىم. تەپتىش ئەمەلدارى:“ سىز پارتىيە ئەزاسى بولغاندىكىن، مەنمۇ سىزگە ئىشىنىمەن. مۇنداق بولسۇن، ماتىرىياللارنى بىز سىزگە كۆچۈرۈپ بىرىلى، سىزنىڭمۇ بۇ مەخپى ماتىرىياللارنىڭ مەخپىيەتلكىنى ساقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز“ دىدى. مەن ھەممە ماتىرىيالنى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىيىتسام، ئۇ قوشۇلدى.

بىرىنجى قەۋەتكە چۈشۈپ، ماتىرىياللارنى نۇر دىسكىغا قاچىلاۋاتقان ۋاقىتتا، مەن ياندىكى ئىشخانىدا ئىككى يىگىتنىڭ بىر دۆۋە ماتىرىياللارنى خەتمۇ- خەت ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈپ:“ سىلەر “ ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشماقچىمۇ؟“ دەپ سورىسام، ئۇلاردىن بىرى ئاليىپ قارىۋىتىپ:“ بىز سىياسىي ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىنى يادىلاۋاتىمىز، تەكشۈرۈپ باھالايدۇ“ دىدى.

نۇردىسكىنى ئالغاندىن كىيىن، ئىككىنجى كۈنى مەن قاماقخانىغا بىرىپ دەۋاگەر ب بىلەن كۆرۈشتۇم. كۆرۈشۈش جەريانى بەك قولاي بولدى، گۇندىپايلار بەك سپايە، ئادۇۋكاتلاردىن قەتئىي پەخەس قىلمايتى. مەن ھەتتا يەرلىك ئادۇۋكاتنىڭ كارىدوردا يۇقىرى ئاۋازدا تىلىفۇن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇنداق ئىش  شاڭخەيدە كۆرۈلسە شۇئان ئەدلىيە ئىدارىسىغا پاش قىلىنىدۇ. دەۋاگەر B ياشتا ئانچە چوڭ ئەمەس، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىدە، كەسپى توخۇ باقمىچىلىق ئىكەن. تۇتۇپ كىتىلىشتىن بۇرۇن بانكىغا ئون نەچچە تۈمەن قەرىزكەنتۇق.  تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچ توردا قاقشاپ، مەۋجۇدىيەت تۇيغۇسى ئىزدەيدىكەن. ۋىچەتتە نۇرغۇنلىغان توپلارغا ئەزا ۋە باشقۇرغۇچى بوپتۇ، توپلاردا ئاز- تولا  ھاياجان ماقالىلەرنى يىزىپ تارقىتىپتۇ. مەن B دىن ئۆزىنىڭ مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ ئىشلارنىڭ بۇقەدەر يوغىناپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى، بەلكىم جىنايىتىنى ئىتراپ قىلسا ياخىشراق نەتىجىگە ئىرىشىپ، بالدۇراق تۈرمىدىن چىقىپ كىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىيىتتى. B نىڭ ئايالى ئىشسىز، ئۆيدە ئىككى بالىسى باركەن، چوڭى سەككىز ياش، كىچىكى ئەمدىلا 11 ئايلىق بوپتۇ. مەن:“ سىزنىڭ خىيالىڭىزنى چۈشەندىم، مەن ماتىرىياللارنى كۆرۈپ بىقىپ ئاندىن دىيشەيلى“ دىدىم.

قاماقخانىدىن چىقىپ، چۈشتىن كىيىنكى ئايروپىلان ۋاقتىغا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 2Gتورلۇق تىلىفۇنۇم بىلەن ناھايىتى تەستە ئەتراپتىكى مەنزىرىلىك ئورۇنلارنى ئىزدىدىم. 30 كىلومىتىر يىراقلىقتا گىنىرال مەھكىمىسى بار ئىكەن. مەن يولنىڭ چىتىدە تاكسى توسۇپ تۇردۇم. يامان تەستە بىر تاكسى توختىدى، تاكسىدا ئىككى كىشى بار ئولتۇراتتى. ياردەمچى شوپور ئورۇندۇقىدىكى ئادەم مەندىن نەگە بارىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن:“ گىنىرال مەھكىمىسىگە بارىمەن“ دىسەم، ياردەمچى شوپۇر مىللىي تىلدا شوپورغا گۇدۇر- مۇڭۇر قىلىپ چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، شوپۇر باش لىڭشىتتى. يانداش شوپۇر ”چىقىڭە“ دىۋىدى، ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇردۇم. ماشىنا قوزغالغاندىن كىيىن ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىككەيلەن مىللىي تىلدا گۇدۇر- مۇڭۇر قىلىپ بىر نەرسىلەرنى دىيىشتى، تۇرۇپ ماڭا قاراپ قوياتتى. مەن بىر ئېغىز سۆزنىمۇ چۈشىنەلمەي، تاكسىغا چىققىنىمغا بىر ئاز پۇشمان قىلدىم. ئىچىمدە:“ ئەگەر ئۇلار راستىنلا مىنى تىرىك كۆمىۋەتسە نەدە ئۆلگىنىممۇ بىلمەي قالىمەنكەندە“ دەپ ئەنسىرەيتىم. ئىككى مىنۇتتىن كىيىن، يانداش شوپۇر ئورنىدىكى ئادەم ماشىنىدىن چۈشكەندە، كۆڭلۈم ئازراق تنجىدى.

گىنىرال مەھكىمىسىگە بارغاندىن كىيىن، چۈشۈپ بىر ئايلىنىپ چىقتىم. قارىسام بۇ ساياھەت ئورنى چۆلدەرەپ قاپتۇ، شۇنچە كەڭرى ساياھەت رايونىدا ئاران ئىككى- ئۈچ نەپەر ساياھەتچى بار ئىدى. مەن بىلىدىغان تارىخقا ئاساسلانغاندا، A شەھەر 19- ئەسىردىن بۇيان شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئىدى. ئۇ چاغدا A شەھەرنىڭ غەربى تېخى چىگرا ئەمەس، مەنچىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ كەڭرى زىمىنى ئىدى. ياقۇپبەگ توپىلىڭىدىن كىيىن، روسلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ A شەھەرنى ئىگەللىۋالدى. زوزۇڭتاڭ غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، A شەھەر قايتىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ تىرىتورىيىسىگە كىرگەن.  ئەمما غەربتىكى كەڭرى زىمىنىنى يوقىتىپ قويغان،  ئۆلكە مەركىزىمۇ دىخۇا( ھازىرقى ئۈرۈمچىگە) يۆتكەلگەن ئىدى.  چىڭ سۇلالىسى ھالاك بولغاندا، شىنجاڭنى تۇشمۇ- تۇشتىن كىرىزىس قاپلاپ، تىبەتكە ئوخشاش مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كونتىروللۇقىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغان. تەلىيىمىزگە 1- دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ، روسلارنىڭ شەرققە قاراشقا چولى تەگمىدى.  ياڭ زىڭشىننىڭ ئاقىلانە باشقۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ خەتەرلىك ئەھۋالدىن ئامان قالغان. شىڭ شىسەي شىنجاڭنى كونتىرول قىلغانغاندا، سوۋىت بىلەن يىقىن ئۆتتى، شىڭ شىسەينىڭ ئەينى چاغدا سوۋىتقا قىتىلىپ كىتىش پىلانى بار ئىدى دىگەندەك پاراڭلار بار. كىيىن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاش بىلەن، شىڭ شىسەي سوۋىتنىڭ بولالمايدىغانلىقىنى بايقاپ، مەركەزنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن، ۋاڭ جىن شىنجاڭغا كىرگەن. ئۇ ئىشلەپچىقىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنلىرى شەكلىدە نۇقتىلىق جايلارنى ئىگەللىگەن. ئاندىن شىنجاڭ قايتىدىن مەركەزگە تەۋە بولۇپ، زىمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلىغان. دىمەك، ئىمپىرىيە گۈللەنسە، شىنجاڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىدۇ. ئىمپىرىيە زەئىپلەشسە، شىنجاڭ ئاسانلا بۆلۈنمىچىلىك ۋە قالايمىقانچلىق خەۋپىگە دۇچار بولىدۇ.

شاڭخەيگە قايتىدىغان ئايروپىلاندا، مەن :“ ئەگەر ماتىرىياللارنى كۆرۈپ بولسام، دەۋاگەرنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن قۇتراقۇلۇق خاراكتىرىگە ئىگە بولمىسا، ئەمما سوت يەنىلا گۇناھسىزلىقىنى ئاقلىغىلى رۇخسەت قىلمىسا، مەن ۋاكالەتچىلىكتىن چىكىنىپ چىقىشىم كىرەكمۇ ياكى ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئەڭ ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىگە بۇ قانۇنسىز قىلمىشنى ئىنكاس قىلىشىم كىرەكمۇ؟  ئەڭ ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ئەجىبا يەرلىكنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئەگەر قاتتىق تىركەشسەم، مىنىڭ دەۋاگىرىمگە قانداق زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن؟ باشقىلار مىنىڭ كويۇمغا چۈشەرمۇ؟ “ دىگەنلەرنى ئويلىدىم. ئويلاپ- ئويلاپ يەنىلا دەۋاگەرنىڭ مەنپەتىگە ئەڭ پايدىلىق بولۇشىنى پىرىنسىپ قىلىپ، گۇناھكار ياكى گۇناھسىز دەپ ئاقلاشقا ماتىرىياللارنى كۆرۈپ بىر نەرسە دىيىشنى قارار قىلدىم.

شاڭخەيگە بارغاندىن كىيىن، مەن خىزمەتدىشىم بىلەن بىر ھەپتىدەك ۋاقىتتا ماتىرىياللارنى بىر قۇر چۈشىنىپ چىقتىم. ئەرزنامىدە كۆرسىتىلگەن B نىڭ ئون نەچچە QQ ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا تارقاتقان 1200  پارچە ئىنكاس، تېمىلىرىنى بىرمۇ- بىر ئىنچىكە كۆرۈپ چىقتىم.  ھەممە يازمىلارنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈنلەي “ قۇتراتقۇلۇق قىلمىشى ئەمەس دەپ ئاقلاش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدىكەن. ئارىسىدا سەزگۈر رايون ئاز ئەمەس، بەزى يازمىلاردا ئوچۇق- ئاشكار ە تىللىغان ئىكەن. ئۇزاق ئويلاشقاندىن كىيىن، جىنايىتىنى يەڭگىللىتىش تەرەپتىن قول سىلىشنى لايىق كۆردۈم. بۇ پىكرىمنى C ئادۇۋكاتقا ئىيىتتىم، دەۋاگەر بىلەنمۇ جەزىملەشتۈردۈم. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك دىلو ھۆكۈملىرىنى ئىزدەپ، جىنايىتىنى يەڭگىللىتىش يۆلىنىشىگە تەييارلىق قىلدىم.

سوت ئىچىلىشتىن بۇرۇن،C ئادۇۋكات تۇيۇقسىز تىلىفۇن قىلىپ تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بەش يىلدىن ئارتۇق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا تەلەپ سۇنغانلىقىنى ئىيىتتى. مەن قاتتىق ھەيران قالدىم! ”بىر توخۇ باققۇچى تۇرمۇشتىن زارلىنىپ كىيۇكىيۇ توپلىرىدا ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئاز يازما يىزىپ قويغىنى ئۈچۈن بەش يىل كىسەمدىكەن؟ “ دىسەم،C ئادۇۋكات ئاچچىق كۈلۈپ:“ ئامال يوقتە، ئىبرەت قىلىشىمىز كىرەك“ دىدى.

ئا شەھەرگە قايتا بارغاندىن كىيىن،C ئادۇۋكات بىر نەچچە خىزمەتداشلىرىنى بىللە چۈشلۈك تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىپتۇ. مەن قارىسام بىر ئادۇۋكات تاماق كىلىشتىن بۇرۇن ئۈستەلگە ئىڭىشىپ بىر نەرسە يازغىلى تۇرۇپتۇ. مەن:“ بەك ئالدىراشكەنسىلەر- ھە، تاماق ۋاقتىدىمۇ دىلوغا تەييارلىق قىلىدىكەنسىلەر“ دىسەم، ئۇ ئادۇۋكات:“ مەن 19- قۇرۇلتاي دوكىلاتىنى كۆچۈرۈپ يىزىۋاتىمەن. بىزنىڭ بۇ يەردە ھەر بىر ئادۇۋكات 19- قۇرۇلتاي دوكىلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى قولىدا كۆچۈرۈپ چىقىشى كىرەك. سىلەر كۆچۈرمەمسىلەر؟“ دەيدۇ.

 

سوت ئىچىلغاندا، دەلىل- ئىسپاتلار تەھقىقلانغاندىن كىيىن، ئەيىبلىگۈچى شىكايەتنامىسىنى ئوقۇپ ئاۋال بىرىنجى قىتىملىق شىكايەتنامىنى تۆت پۇتى مەزمۇت دەسسىگۈدەك بايان قىلدى. ئاندىن مىنىڭ بىرىنجى قىتىملىق ئاقلاش نۇقتىنەزەرلىرىمگە رەددىيە قايتۇردى. مىنىڭ ئاقلاش نۇقتىنەزىرىم : 1- ئىدىيە جىنايەت ئەمەس. 2- تېما، ئىنكاسلارنىڭ سانى 1200 پارچىدىن كۆپ كەم. ئەگەر قايتىلانغانلىرىنى چېقىرىۋىتىپ ھىسابلىغاندا، شۇنداقلا ماقالە سانى بويىچە ھىسابلىساق ئارانلا 440 پارچە بولىدۇ. 3- يازمىلارنىڭ ھەممىسى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئەمەس، نۇرغۇنلىرى ئەمەلىيەتتە جەمىيەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، خالاس. بۇ دىلوغا قاراپ چىققاندا چوقۇم سۆز ئەركىنلىكى ھوقۇقى، پۇقرالار تەنقىتلەش، تەكلىپ بىرىش ھوقۇقى بىلەن ئاغدۇرما قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشىنىڭ چىگراسىنى ئوبدان ئايرىش كىرەك. 4- يازمىلاردىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە تارىخى شەخىسلەرنى كەمسىتىپ چاقىرىلغان بەزى ئاتالغۇلار پەقەتلا باشقىلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى ھاقارەت قىلىش بولۇپ، ئاغدۇرما قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىگە چۈشمەيدۇ. 5- يازمىلاردا بەزى تارىخى ۋەقەلىكلەر ۋە ئەسلىمىلەر شۇنداقلا بەزى جىنايەتچىلەرگە ھىسداشلىق قىلىش شەخسىي ھىسياتنىڭ ئىپادىلىنىشى. شەخىسلەرنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى بۇنداق ئىپادىلىشىمۇ جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىگە چۈشمەيدۇ. 6-  دەۋاگەر يازمىدا پارتىيىمىزنىڭ بىر پارتىيەلىك مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان. ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىز كومپارتىيەنىڭ يىتەكلەيدىغان، ھەرقايسى دىموكراتىك پارتىيەلەر تەڭ قاتنىشىدىغان كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم. دەۋاگەرنىڭ قارشى تۇرغىنى پەقەت ئوبىكتىپقا قارشى تۇرۇش. 7- بۇ دىلوغا جازا بىكىتىشتە، يىقىندا چاڭشا ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى جياڭ – گە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش دىلوسىغا بىكىتكەن جازانى ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ. جىياڭ — ئالدى كەينى بولۇپ، ئۈچ تۈمەندىن ئارتۇق يازما تارقاتقان، ئەگەشكۈچىلەر 3 تۈمەندىن ئاشقان. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق جازا ھۆكۈم قىلغان. ئەمما مەزكۇر دەۋاگەرنىڭ يوللىغان يازما مىقدارى شىكايەتنامىدە كۆرسىتىلگەندەك 1200 پارچە بولغان تەقدىردىمۇ، بارلىق كىيۇكىيۇ توپلىرىدىكى كىشىلەرنى قوشسىمۇ 2000 دىن ئاشمايدۇ. مىقدار ۋە تارقىلىش جەھەتتىن جىياڭ —- نىڭ 10دىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ.  ئەيىبلىگۈچىنىڭ 5 يىلدىن ئارتۇق كىسىشنى تەلەپ قىلىشى ئېنىقلا ئېغىر كىتىدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ھەمدە قانۇنىي ئاساسىي يوق.

ئەيىبلىگۈچى ئىككىنجى قىتىملىق پىكرىنى بايان قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە سىياسىي مۇھىتى ۋە مۇقىملىق ئارقا كۆرۈنىشىنى تەكىتلەپ، چوقۇم قاتتىق جازالاش كىرەكلىكىنى، شۇندىلا چىگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن جاۋابەن:“ مۇقىملىقنى قوغداشقا ئىھتىياج بولسىمۇ، چوقۇم قانۇننىڭ قىلىپى ئىچىدە مۇقىملىق ساقلاش كىرەك.  بۇنى دەپ جازا بىكىتشىتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىدىن چەتنەپ كەتسەك بولمايدۇ“ دىدىم.

سوتتىكى ئاخىرقى بايان قىلىش ئاياغلاشقاندىن كىيىن، باش سوتچى بەش مىنۇت ئارام ئىلىشنى ئىيىتتى. مىنىڭ كۆڭلۈم شۇئان سوۋۇپ كەتتى، ئىچىمدە ”ئۇلار ئاللىبۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانمۇ نېمە؟“ دىگەنلەرنى ئويلىدىم.  سوتچى قايتىدىن سوت ئىچىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى مۇقىملاشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن:“ بۇ دىلو چوڭ دىلولارغا تۇتاشكەن، تەكشۈرۈش كومىتىتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىشى كىرەك. قايتا سوت ئىچىلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ“ دىدى.

سوت ئاياغلاشقاندىن كىيىن، سوتچى بىلەن قىسقىلا پاراڭلىشىپ باقتىم.

– ب غا ئوخشاش بۇنداق كىشىلەر ئەگەر 5 يىلدىن ئارتۇق كىسىلسە، سىلەر ھەقىقەتەن ئۇنى چوڭ بىلىۋاپسىلەر

– سىز بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيسىز، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى بەك جاپالىق.

– مەن مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى قانداقمۇ چۈشەنمىگۈدەكمەن؟ مىنىڭ نوپوسۇم يۈننەندە، مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا تىرورچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىمەن.

– كىيىن دىيىشەيلى، مەن چۈشتىن كىيىن يەنە تۆۋەنگە چۈشۈپ قوشماق تۇغقىنىمنى يوقلىمىسام بولمايدۇ.

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتىم. دوستۇمنىڭ دىيىشىچە مەمۇرى خادىملار نورمال دەم ئىلىش قىلمىغىلى بىر يىلدىن ئىشىپتۇ، بەك چارچاپتۇ. ھۆكۈمەت مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن زور چىقىم سەرپ قىپتۇ، تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلار بۇرۇنقى چاغلاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئىشىپتۇ. جەنۇبى شىنجاڭدا بىر مىللىي ئادۇكات باركەنتۇق، مەسلىكتە ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان بەزى سۆزلەرنى قىلىپ قويغاچقا ئۈچ يىل كىسىلىپ كىتىپتۇ. دوستۇم يەنە شىنجاڭدىن كۆچۈپ كەتكۈسى بارلىقىنى، ئەمما يىقىندىن بۇيان بىر ئاز تەس بولۇپ قالغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى. مەن:“ سىلەر كەتسەڭلار، شىنجاڭ قانداق قىلىدۇ؟“ دىسەم، ئۇ كۈلۈپ قويۇپ:“ كىلىدىغانلار بار“ دىدى.

ئىكككىنجى كۈنى سەھەردە تاكسى توسۇپ ئايدىرومغا كەتتىم. گەرچە سائەت سەككىزدىن ئاشقان بولسىمۇ، ۋاقىت پەرقى تۈپەيلى جاھان تېخى قاپقاراڭغۇ ئىدى. قار چىچەكلىرى لەپىلدەپ چۈشىۋاتاتتى. بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، يول چىتىدە بىر نەچچە ساقچى ماشىنىسى ۋە بىر دانە بىرونىۋىك توختۇتۇپ قويۇلغان ، ئەمما بىرلا نەپەر ساقچى قار ئۇچقۇنلىرىدا خوشياقمىغان قىياپەتتە تۇراتتى. ئۇ ماشىنىلارنى تەكشۈرۈشكىمۇ ئېرىنەتتى.

ئايروپىلان كۆتۈرۈلدى، كۆتۈرۈلۈپ بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا پۈتۈن زىمىن تۇمانلىق بۇلۇتلار نىڭ ئاستىدا قالدى. بۇ كەڭرى زىمىن خەن، تاڭ سۇلالىرىنىڭ شەۋكىتى ۋە كاڭشى، چىيەنلۇڭ يىللىرىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. مىنگونىڭ جەبىر- زۇلۇملىرىنى باشتىن كەچۈردى. ئەمدى بولسا تۇمانلىق بۇلۇتلار ئاستىدا ئۈن- تۈنسىز ھالدا كۈن ئۆتكۈزمەكتە.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇنيۇقۇق بىلگە

http://turkistantimes.com/uy/news-2312.html

Share
1836 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.