logo

trugen jacn

بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كىملەر؟

0013729e46ae14f7c6630b

    ئۈرۈمچىدە “22.ماي پارتلىتىش ۋەقەسى” يۈز بەرگەندىن كىيىن،جۇڭگو تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى پۈتۈن كۇچى بىلەن دۇنيا مىقىياسىدا ئۇيغۇرلارنى قارىلاش دولقۇنىنى قوزغىدى.ۋەتەندە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى گىزىت رادىيو،تىلىۋىزورلادا ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىدى ياكى ئىلھاملاندۇردى.ئۆستۈرۈلىدىغان ئۇيغۇرلار دەل مۇشۇنداق پەيتلەردە سىناقتىن ئۆتكۈزۈلۈدۇ.ئۆسۈش ھەۋىسى بولغانلارمۇ بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ

 

 ئۇيغۇرلارنى قارىلاش كەركىتىگە چەتەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئاۋاز قوشتۇردى. 31.ماي كۈنى ئاتالىمىش “شىنجىاڭلىق” ئوقۇغۇچىلار “ۋەتەن،شىنجاڭ،مەن ساڭا شۇنداق دىمەكچىمەن”  دىگەن تىمىدا خەنزۇچە بىر “قەلىپ تاپشۇرۇش خەت”ئى شىنھۇۋا ،سۇمرۇخ،تەڭرىتاغ تورلىرىدا خەنزۇ تىلىدا ئىلان قىلىندى. 13 كىشىنىڭ ئىمزاسى ئىچىدە 7 نەپەر ئىمزا قويغۇچى ئۇيغۇر ئىدى.بۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۈۋەندىكىچە؛

نادىرە ئالم- ئەنگىلىيە ئەدىنبۇرگ ئۇنىۋىرسىتىتى جۇغراپىيە بىلىملىرىدە ماستىر ئوقۇچۇچىسى

مۇرات ئابباس- (ئۆزىنى تاتار دەپ تونۇشتۇرغان)جوھنس ھوپكىنس ئۇنىۋەرسىتىتنى پۈتتۈرگەن،ئامەرىكا دۆلەتلىك سەھىيە ئىنىستوتىدا دوكتورلۇق دىسىراتسىيەسى بىلەن مەشخۇل

مەرھابا ئىنايىتۇل -ئىسۋىچ ئۇمەا ئۇنىۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىسى

رۈستەم مەخمۇت – تۈركىيە ئىستانبۇل  ئۇنىۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچىسى
گۈلگىنە-ياپونىيە فۇوكا خەلقارا ئۇنىۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچىسى

نۇرىيە –ياپونىيە نارا ئاياللار ئۇنىۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچىسى

    چەتئەلدە ھازىر 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.ئامما جۇڭگو بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پاالىيەتچىلىرى 6 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئىمزا قويغۇزۇشقىلا مۇۋەپپەق بولغان.پەقەت تۈركىيەنىڭ 170 تىن ئارتۇق ئۇنىۋىرسىتىتىدا تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلاردىن ۋە ۋەتەندىن كەلگەن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.ئامما جۇڭگولۇقلار بىرلا ئۇيغۇرنى ئىمزا قويۇشقا قايىل قىلالىغان.بۇ جۇڭگو ھۈكۈمىتىنىڭ قانچىلىك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى

   بۇ ئوقۇغۇچىلاردا “ۋەتەندە ۋەزىيەت نىمىشكە مۇشۇنداق مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان خەتەرلىك ئاھۋالغا كىلىپ قالدى؟” دەپ ئۆزىدىن بىر سوراپ باققۇچىلىك ئەقىل،ۋىجدان،جاسارەت،ئىلمىلىك بارمىدۇ؟بۇلار بۇگۈن جۇڭگو ئەلچىخانىلىرى تەرىپىدىن بىرىلىۋاتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ قۇلى،ئامما،مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قەتئى پۇزىتسىيە بىلدۈرۈپ يەقىن كىلەچەكتە ئۈرۈمچىدە شۇجى،جۇشى،تىڭجاڭ… لىق ئەمەللەرنى ئەلىش ھەۋەسلىرى ئەلبەتتە مەۋجۇت.ئۇيغۇرلارغا دۈشمەن بولمىغان ئۇيغۇر جۇڭگو گۇڭچەنداڭدىن يۇقىرى ئەمەلگە ئىرىشەلمەيدۇ.بىراق،كومىنىست پارتىيەنىڭ ئۆمرى قانچىلىك قالدى؟بۇ ئوقۇغۇچىلار، بۇنىڭدىن كىيىن ئەمەلگە ئىرىشىمەن دەپ ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك يولىدا ئىلگىرلەپ دارنىڭ ئالدىغا بەرىپ قەلىش ئىھتىمالىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى كىرەك.ۋەتىنىنى،مىللىتىنى،دىنىنى سۆيگەن ئۇيغۇرلار داۋاملىق دارغا ئەسىلىدىغان زامانغا خاتىمە بىرىدىغان كۈنلەرگە بەك ئۇزاق ۋاقىت قالمىدى

مەنبە

祖国,新疆 我想对您说

http://www.uyghurnet.org/cn/%E7%A5%96%E5%9B%BD%E6%96%B0%E7%96%86-%E6%88%91%E6%83%B3%E5%AF%B9%E6%82%A8%E8%AF%B4/

Share
2341 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.