logo

trugen jacn

بۇگۈن ئۈرۈمچىدە بومبا پارتلىدى،ئۆلگەن،يارىلانغانلار 125

 

شىنخۇۋا خەۋەر ئاگىنىتلىقى ئىنگىلىزچە تورى،بۇگۈن (2014.يىلى 5.ئاينىڭ 22.كۈنى) ئەتىگەن سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىكى بىر باغچىنىڭ يەنىدا بومبا پارتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى
خەۋەردە؛شىمالى يۈنۈلۈشتىن جەنۇبىي يۈنۈلۈشكە قاراپ ئۈچقاندەك كەلگەن ئىككى  ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرگەن ۋە بىر ماشىنىدىن ئادەملەرگە قارىتىپ بومبا ئەتىلغان. ئارقىدىن بىر ماشىنا پارتلىغان
بەزى خىتاي بلوگ يازارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۈرۈمچى مەدىنىيەت سارىيىنىڭ ئەتىگەنلىك بازىرىدا بىر قانچە قەتىملىق شىددەتلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەن.كۆيۈۋاتقان ماشىنا ۋە باشقا نەرسىلەرىنىڭ ئوت يالقۇنى ،تۇمانلار ئەتىراپنى قاپلىغان.  ئىنسانلار ھەر تەرەپكە قىچىشماقتا .ئامما ئۆلۈك ۋە يارىدارلارنىڭ سانى ئىلان قىلىنمىدى.شۇنداقلا، پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرچە دۆلەتكە ئاىت خىتايچە،ئۇيغۇرچە ھەر قانداق خەۋەر بىرىلمىدى
پارتلاش مەيدانىدىكى ئۆلۈك،يارىدارلار توشۇپ كىتىلگەن.يوللار ئەسكەرلەر تەرىپىدىن توسۇلۇپ،يولوچىلارنىڭ كىرىش-چىقىشى مەنئى قىلىنغان
ئۈرۈمچى مەدىنىيەت سارىيى ئالدىدىكى ئەتىگەنلىك بازار 200 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولغا قۇرۇلغان بولۇپ،بۇ بازاردا 350 ئۇششاق تاماق،كۆكتات،گوش سەتىش بوتكا دۇككانلىرى مەشخۇلات قىلاتتى

 

خىتاي شىنۋىن (ئاخبارات) تورى يىڭى خەۋەر قىلدى؛ ئۈرۈمچىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن كىشى 31 بولۇپ،يارىدار سانى 94 نەپەر

 

بەزى خىتايچە تورلاردىكى ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەسىملار؛

201405221044china1

 

Menbe

201405221044china4201405221044china5201405221044china7201405221044china10201405221044china11201405221044china12

 

201405221249china3201405221249china4
201405221249china6

http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2014/05/140522_xinjiang_urumqi_explosion.shtml

Share
3028 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.