logo

trugen jacn

بۇنداق قەھرىماندىن كىم پەخىرلەنمەيدۇ؟

مەھمەتىمىن ھەزرەت

بۇنداق قەھرىماندىن كىم پەخىرلەنمەيدۇ؟

بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا فەسبۇك (Facebook)، ۋاتساپ (WhatsApp) تا ۋەتەن، مىللەتكە خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى تىللاپ، ھاقارەتلەپ “قەھرىمان”لىق ئىنۋانىغا ئېرىشۋاتقان ئۇيغۇرلار بار. ئۇلارنى ئالقىشلاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ بار. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا 29 يىل دۈشمەنگە تەسلىم بولمىغان بىر قەھرىماننىڭ قىسقىچە ھىكايىسىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرۇشنى پايدىلىق كۆردۈم.

2. دۇنيا ئۇرۇشىدا 29 يىل تەسلىم بولمىغان ياپون ئەسكىرى ھىروئو ئونودا (Hiroo Onoda )

ياپون ئەسكىرى ھىروئو ئونودا

 

2. دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز ۋاقىت قالغان ئىدى. 23 ياشلىق ياپۇن جەڭچىسى (Hiroo Onoda )ھىروئو ئونودا   1944.يىلى 12. ئاينىڭ 26.كۈنى فىلىپپىننىڭ غەرىب تەرىپىدىكى لۇباڭ ئارىلىغا ئەۋەتىلدى. ۋەزىپىسى ھەم دۈشمەنگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ھەم دۈشمەن ئارقا سېپىنىڭ مەلۇماتلىرىنى توپلاش ئىدى. تانىگۇچى (Taniguchi) ئىسىملىق كۇماندىر ئۇنىڭغا شۇنداق بۇيرۇق بەرگەن ئىدى: “مەندىن بۇيرۇق كەلمىگۈچە بىرىنچىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا، ئىككىنچىدىن تەسلىم بولۇشقا بولمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەر ياپون ئەسكىرى قالغۇچە ئۇرۇش داۋام قىلىدۇ”. ھىروئو ئونودا’نىڭ گۇرۇپپىسى يۇئىچى ئاكاتسۇ Yuichi Akatsu ، شوئىچى شىمادا , Shoichi Shimada ۋە كىنشىچى كوزۇك Kinshichi Kozuka’ دىن ئىبارەتتى.ھىروئو ئونودا 3 نەپەر جەڭچىنىڭ كاماندىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى.

لۇباڭ ئارىلى خەرىتىنىڭ غەرىب تەرىپىدىكى كىچىك ئارال

لۇباڭ ئارىلى 1945.يىلى 2. ئاينىڭ 28.كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپدىن ئىشخال قىلىندى. ھىروئو ئونودا 3 جەڭچىنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ تاغلىق ئورمانغا چىكىنىپ دۈشمەن ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇردى.ئامېرىكا ئەسكەرلىرى فىلىپپىندىن چىكىنگەندىن كېيىن ئۇلار پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. ئاكاتسۇمى ئىسىملىك جەڭچى 1949.يىلى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا يارىلىنىپ دۈشمەنگە ئەسىر چۈشتى. 1954.يىلى شوئىچى شىمادا ئىسىمىلىك جەڭچى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا ئۆلدى. 1972.يىلى 10.ئاينىڭ 9.كۈنى فىلىپپىن ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ئۇرۇشتا كىنشىچى كوزۇكا ئىسىملىك جەڭچى ئۆلدى. فىلىپپىن ھۈكۈمىتى بۇ ئەسكەرنىڭ جەسىدىنى ياپونىيەگە تەسلىم ئەتتى. ھىروئو ئونودا تاغدا يالغۇز قالغان بولۇپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى. ئۇ يالغۇز فىلىپىپن ئەسكەرلىرى بىلەنلا ئەمەس، تاغدىكى زەھەرلىك يىلان، زەھەرلىك ھاشارەتلەر بىلەنمۇ تىنىمسىز بوغۇشاتتى.ياپۇنىيە ھۈكۈمىتى ھىروئو ئونودانى ئاللابۇرۇن ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەر تىزىملىكىدە ئېلان قىلىپ بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھاياتتا بولۇش ئىجتىمالى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى ۋە ھىروئو ئونودانى ئىزدەش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ئادەمنى فىلىپپىننىڭ لۇباڭ ئارىلىغا ئەۋەتتى. ھىروئو ئونودا بۇ ئارالغا كەلگىلى 30 يىل، ئۇرۇش تۈگىگىلى 29 يىل بولغان 1974. يىلى ياپونىيەلىك سەيياھ نورىئو سۇزۇكى (Norio Suzuki ) تاغدا ھىروئو ئونودانى ئىزدەۋېتىپ بىردىنلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالىدۇ. ئونادا ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىش ئۈچۈن مىلتىقىنى توغرىلىشى بىلەن نورىئو سۇزۇكى “ مەن بىر ياپون. ئاتما. سېنى ئىزدەپ كەلدىم.” دەپ ۋاقىرايدۇ. ئونادا تەرەددۇتتا قالىدۇ. نورىئو سۇزۇكى “ پادىشا ۋە ياپون خەلقىنىڭ پۈتۈن دىققىتى سەندە. ياپون ئارمىيەسى تەسلىم بولغىلى 29 يىل بولدى. ئەمدى قۇرالىڭنى تاشلا.” دەيدۇ. ھىروئو ئونودا “ يالغان سۆزلىدىڭ. ياپون ئەسكىرى تەسلىم بولمايدۇ. سەن ياپون مىللىتى ئىچىدىن چىققان خائىن.” دەپ ۋاقىراپ ئۇنى ئاتماقچى بولىدۇ. نورىئو سۇزۇكى، ھىروئو ئونودانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كېتىدۇ “ ياپونىيە 29. يىل بۇرۇن تەسلىم بولغانلىغى راس. سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەن. قورالنى تاشلايدىغان ۋاقتىڭ كەلدى.“ ھىروئو ئونودا “راس دەۋاتامسەن؟” دەپ ۋاقىرايدۇ. ئۇ ئولتۇرۇپ نورىئو سۇزۇكىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قارايدۇ. نورىئو سۇزۇكى يىغاپ تۇرۇپ ئۇنى قۇچاڭلايدۇ، باغرىغا باسىدۇ؛ “مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ياپون. سۆزلىگەنلىرىم ھەقىقەت.” دەيدۇ. .”. ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ كۆز يېشى تۆكۈپ باقمىغان ھىروئو ئونودانىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلىدۇ؛ “ ياق، ياپون مىللىتى تەسلىم بولمايدۇ. ياپون مىللىتى تەسلىم بولىدىغان مىللەت ئەمەس.” دەپ پىچىرلايدۇ ئازاپ ئىچىدە ئۆز ئۆزىگە…

نورىئو سۇزۇكى ۋە  ھىروئو ئونودا خاتىرە رەسىمى 1974.يىلى فىلىپپىن -لۇباڭ ئارىلى

نورىئو سۇزۇكى قولىدىكى تەلسىز بىلەن ئەھۋالنى باشقىلارغا خەۋەر قىلىدۇ. خەۋەر مانىلادىكى ياپون ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ياپونىيە ھۈكۈمىتى، فىلىپىپن ھۈكۈمتى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئارال خەلقىدىن قانچە مىڭ لۇباڭ خەلقى ھىروئو ئونودا تۇرغان تاغنى قورشىۋالىدۇ. فىلىپىپن دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ خەلقنى توسىدۇ. چۈنكى، ھىروئو ئونودا 29 يىل ئىچىدە بۇ ئارالدا 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغان ۋە كۆپلىگەن قۇرال، ئاشلىق ئامبارلىرىنى، ئەسكىرى بازا، ھۈكۈمەت بىنالالىرىغا ئوت قۇيىۋەتكەن. ھىروئو ئونودا “ماڭا بۇيرۇق بەرگەن قۇماندىنىم تانىگۇچى ماڭا قۇرال تاشلاش بۇيرۇقى بەرمۈچە قۇرال تاشلىمايمەن.” دەپ قۇرال تاپشۇرۇشنى قەتئى رەت قىلغانلىغى ئۈچۈن. ھىروئو ئونودانى تاغدىن چۈشۈرۈش ئىشى كېچىكىدۇ. ياپونىيە ھۈكۈمىتى كونا كوماندىر تانىگۇچىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ئۇ بىر مەتبە پافىرىكىسىنىڭ خۇجايىنى ئىدى. ئۇنى مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن مانىلاغا، ئۇ يەردىن تىك ئۇچار بىلەن لۇباڭ ئارىلىغا ئېلىپ كېلىدۇ. تانىگۇچى، ئونوداغا قورال تاپشۇرۇش بۇرۇغى چۈشۈرىدۇ.

ھىروئو ئونودا كونا كۇماندىرى تانىگۇچىغا چاس بەرگەن كۆرۈنىشى

ياپونىيە ۋە فىلىپىپن ھۈكۈمەتلىرى قۇرال تاشۇرۇش توغرۇلۇق ئورتاق قارار قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھىروئو ئونودا قورالنى چوڭ بىر مۇراسىم بىلەن فىلىپپىن دۆلەت پرىزدىنتى فەردىناند ماركوسقا تاپشۇرۇش قارار قىلىنغان. ھىروئو ئونودا سامۇراي قېلىچىنى ماركوسقا تەسلىم قىلىدۇ.

 

ھىرو’ئو ئونودا سامۇراي قېلىچىنى ماركوسقا تەسلىم قىلىش ئۈچۈن تاغدىن چۈشۈۋاتقان كۆرۈنىشى

 

ھىروئو ئونودا سامۇراي قېلىچىنى ماركوسقا تەسلىم قىلغان كۆرۈنۈشى

فىلىپپىن دۆلەت پىرىزدىنتى ماركوس، ھىروئو ئونودانىن فىلىپىپن زىمىنىدا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلغانلىغىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە ھىروئو ئونودانىڭ دۆلەت چىگىرىسىدىن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ھىروئو ئونودا مانىلا ئايدۇرومىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. پرىزدېنت ماركوس، گېنېراللىرىنى چاقىرىپ “ سامۇراي قىلىچى ياپون ئەسكىرىنىڭ شان شەرىپىدۇر. ، ھىروئو ئونودانى كەچۈرۈم قىلدىم. قېلىچنى ئۆزىگە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار.” دەيدۇ. گېنېراللار ، ھىروئو ئونودانىڭ قېلىچىنى ئاپىرىپ ئۇنىڭغا تەسلىم قىلىدۇ. ھىروئو ئونودا خوشاللىقىدىن قېلىچىنى سۈيۈپ، باغرىغا باسىدۇ.


گېنېراللار ، ھىروئو ئونودانىڭ قېلىچىنى ئاپىرىپ ئۇنىڭغا تەسلىم قىلىدۇ

20 يېشىدا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، 52 يېشىدا ۋەتەنگە قاراپ يولغا چىققان ھىروئو ئونودانى توكيو ئايدۇرۇمدا قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىگىدىن توپلانغان ياپونلارنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىدى….

ھىروئو ئونودا توكيو ئايدۇرومىدا 1974.يىلى

ھىروئو ئونودا ياپون مىللى غۇرۇرىنىڭ سىمولىغا ئايلانغان ئىدى. ۋەقپ، جەمئىيەتلەر ئۇنىڭغا مىليون دوللارلىق مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرىشاتتى. ئۇ، ئالغان مۇكاپات سوممىلىرىنىڭ ھەممىسىنى 2. دۈنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى بولغان ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بېرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ۋەقىپ، جەمئىيەتلىرىگە ئىئانە قىلىۋەتتى. ئۇ تۇرمۇشىنى ئىشلەپ قامداش ئۈچۈن ئىش ئىزدەۋاتقاندا ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىر تەكلىپ كەلدى. بۇ تەكلىپ “ ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىدا يالغۇز ۋە چارىسىز قالغاندا قانداق ھاياتتا قالغىلى بولىدۇ؟” دېگەن تېمىدا تەجىربىسىگە ئاساسەن لىكىسيە سۆزلەپ بېرىش تەكلىپى ئىدى. ھىروئو ئونودا تەكلىپنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، نەگە بارسا خەلقنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. تەلىۋىزور، گىزىت مۇخبىرلىرى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئەگىشىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ جېنى سىقىلغىلى باشلىدى. ئەڭ مۇھىمى ياپونىيەنىڭ يېڭى قانۇنىدا ھەربىي پائالىيەتنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكى ئۇنى ئىنتايىن نارازى قىلىدى. ھىروئو ئونودا ياپونىيەگە قايتىپ كېلىپ يېرىم يىلمۇ ئۆتمەي بىرازىليەگە كۆچۈپ كېتىپ ئۇ يەردە بىر يېزا ئىگىلىك مەيدانىنى سېتىۋالدى. 10 يىل بىرازىلىيدە قالدى. فىلىپپىننىڭ لۇباڭ ئارىلىغا بىر مەكتەپ سېلىپ بەردى. يەرلىك خەلىقنىڭ بىر قىسمى بۇ مەكتەپكە قارشى چىققان بولسىمۇ، بىر قىسمى ھىروئو ئونودانى كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ھىروئو ئونودا برازىلىيىدە ياشاۋاتقان يىللاردا ھەر يىلى ئۇنىڭغا ياپون ياش ئۆسمۈرلىرىدىن مىليونلىغان مەكتۇپ كېلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئون مىڭلىغان ياپون ياشلىرى ئۇنى زىيارەت قىلىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا تەلىبى بار ئىدى “ سىز ياپون مىللى روھىنىڭ بايراقدارى. ياپون خەلقىنىڭ بىرازىلىيەگە كۆچۈپ كېلىپ بولىشى زور. سىزنىڭ ياپونىيەگە كۆچۈپ بارالىشىڭىز ئاسان. ياپون ياشلىرى سىز بىلەن بىللە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ.” ھىروئو ئونودا ئاخىرى تېرىقچىلىق مەيدانىنى سېتىپ ياپونىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ھەر يىلى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەۋرىستانلىقىغا كېلەتتى. ئۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان ياپون ياشلىرى كېلەتتى. ئۇ، ياپون ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىدا ھەر قېتىم ياپونىيە مىللى مارشى بىلەن بىرگە ياپون بايرىقى چىقىرىلغاندا كۆك يۈزىگە قاراپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمايتتى. ھىروئو ئونودانىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ھەققىدە ياپون دۈشمىنى بولغان خىتاي زىيالىرىنىڭمۇ يۈزلىگەن مەدھىيە ماقالىلىرى بار. بۇنداق قەھرىماندىن كىم پەخىرلەنمەيدۇ؟

ھىروئو ئونودانىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا ئائىت كۆرۈنۈشى

ھىروئو ئونودا 2014.يىلى 1. ئاينىڭ 6. كۈنى 91 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە پۈتۈن ياپونىيە ماتەم تۇتتى. دۇنيا مەدياسى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى توغرۇلۇق كەڭ كۆلەمدە خەۋەر تارقاتتى. بۈگۈنكى كۈندە ھىروئو ئونودانىڭ ھايات ھىكايىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا تونۇشتۇرپ قويۇشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايمەن.

2018. 7.16

Share
5443 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.