logo

trugen jacn

بىڭتۇەن نىڭ جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىشى كۆچمەنلەر دولقۇنى پەيدا قىلماقتا

 

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەندىن تارقالغان كورۇنا ۋىرۇسى ئېغىر يۇقۇم ۋەزىيىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى نامىدا زور تۈركۈمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئىچىدىكى كارخانا-زاۋۇتلارغا يۆتكەشنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىنمۇ شىددەتلىك ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا نوپۇس يۆتكەۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە خىتايلار كەڭ قوللىنىدىغان تىكتوك ئارقىلىق تارقالغان ۋىدىيولاردا، خىتاينىڭ گەنسۇ، يۈننەن، جېجياڭ، خېنەن، خېبېي دېگەندەك ئوخشىمىغان ئۆلكىلىرىدىن پويىز، ئاپتوبۇسلاردا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ يالغۇز، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئائىلىسى بويىچە كېلىپلا يېڭى سېلىنغان ۋە تولۇق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆيلەرگە ئورۇنلىشىۋاتقانلىقى، زور مىقداردا تېرىلغۇ يەرلەر بۆلۈپ بېرىلگەنلىكىگە ئوخشاش ئەھۋاللار ئىپادىلەنگەن.

بەزى خىتايلار تاراتقۇلاردىكى خاس ھېسابىدا مەخسۇس تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا نوپۇس كۆچۈرۈش ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.

بىڭتۇەن تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇمشۇق ۋە ئارال شەھەرلىرىگە يېقىندا يەرلەشكەن بىر قىسىم كۆچمەنلەر تارقاتقان ۋىدىيولاردا تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ كەلگەنلەر 35 ياشتىن تۆۋەن ۋە بويتاق بولسا بىر ئۆيگە ۋە خىزمەتكە ئېرىشىدىكەن. 3 جان بىللە كەلسە كېلىپلا ئىككى ياتاقلىق ئۆيدىن باشقا 40 مو يەرگە ئېرىشىدىكەن، يەر بېجى تۆلىمەيدىكەن، توك-سۇ پۇللىرىمۇ 2 يىلغا قەدەر كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

45 ياشتىن يۇقىرى، 3 جاندىن بەش جانغىچە ئائىلە-جەمەتىنى كۆچۈرۈپ كەلگەنلەرگە 3 ياتاقلىق بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي ۋە 70 موغىچە يەر بۆلۈپ بېرىدىكەن. ئۇلار، ياشانغانلار سۇغۇرتىسى دېگەندەك يەنە نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، شۇنىڭدەك بالىلىرىمۇ 15 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدىكەن ۋاھاكازالار.

تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم تورىدا 31-مارت كۈنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تۇمشۇق شەھىرىگە 40 نەپەر مەمۇر كادىر قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلغان بولۇپ، ئېلان ئاستىغا بېرىلگەن تىزىملىتىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى لى ۋېينىڭ تېلېفون نومۇرى ئۇلاندى.

لى ۋېي بۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ پەقەت خىزمەتچىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، تىزىملاشنىڭ 1-ئاپرېلدىن 1-مايغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرى كادىرلارنىڭ قانداق ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «ئادەتتىكى ئىشخانا مۇدىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ مائاشى 5 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدۇ. بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدۇ. 5 يىلغىچە ھەق ئېلىنمايدۇ، ئائىلىسىنى تەڭ يۆتكەپ كېلىشكە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭدىن «تۇمشۇقتا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالى قانداق؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ «بۇ يەردە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى» دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن: «ئەگەر بىرەرى يۇقۇم تارالغان جايدىن كەلگەن تەقدىردە ئىككى ھەپتە كۆزىتىلەمدۇ ياكى باشقا تەدبىر ئېلىنامدۇ ؟» دەپ سورىدۇق، ئۇ: «ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيمىز، ھازىر يۇقۇم ئاساسەن كونترول قىلىنىپ بولدى، ئالاھىدە شەرت يوق» دېدى ۋە قالغان ئېتىبار سىياسىتىنىڭ تەپسىلاتى تور بېتىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۇمشۇق شەھىرى، يەنى «بىڭتۇەن» 3-دېۋىزىيە 41-پولك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «2020-يىللىق كۆچۈرۈش سىياسىتى» دىن بۇنداق ئاھالە كۆچۈرۈش ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مۇمكىن.

«خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن ئولتۇراقلاشقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» ناملىق بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ بىرىنچى شەرتىگىلا ئاشكارا ھالدا «بىرىنچى، شىنجاڭ تەۋەلىكىدىن باشقا كىشىلەر» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. بۇ، پەقەتلا ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئوبيېكت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇنىڭدا يەنە ھەر ئائىلە ئۈچ ئادەمدىن كەم بولماسلىقى قاتارلىق كۆچۈپ كېلىشى شەرتلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش شەرتىگە توشىدىغان ئەر-ئايال 65 كۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن ۋە بىر يىلدىن كېيىن، ئەگەر ئۇلار ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمىسا، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىجارە ھەققى ئېلىنىدىكەن.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆچۈپ كەلگەنلەر بالىلىرى ئۈچۈن 12 يىللىق (يەسلى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ) مائارىپ سىياسىتىدىن، «ئىككى كەچۈرۈم قىلىش ۋە بىر تولۇقلىما» دىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ئۈچۈن جەمئىي 2800 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1250 يۈەندىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1500 يۈەندىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، ئەرزان باھالىق تۇرالغۇسىنى مۇستەقىل سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بولسا، ھەر بىر ئادەم 50 مىڭ يۈەنلىك ئۆي قۇرۇلۇش ھەققىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن ھەمدە ھەر بىر ئائىلە 40 مىڭ يۈەن كاپالەتلىك تۇرالغۇ تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشى بىرىنچى ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن بەھرىمەن بولالايدىكەن ۋە شەرتكە توشىدىغان ھەر بىر كىشىگە 4000 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سۇغۇرتا سوممىسىدىن بەھرىمەن بولۇشمۇ كۆرسىتىلگەن شۇنىڭدەك كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈشتە مۇكەممەل سىستېما بەرپا قىلىپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈش ئىش-تەرتىپلىرى ھەققىدە تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى تارقىتىۋاتقان كۈچمەن خىتايلاردىن تىكتوك ھېسابىدا ئۆزىنى ياڭ جىئې دەپ ئاتىغان ئايال سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى: ئۇ «مەنمۇ نوپۇسۇمنى كۆچۈرۈپ كەلگەن، شەرقىي شىمالدىن جەمئىي ئالتە جان بۇلتۇر ئارال شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ھازىر بولسا كۆچمەن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىۋاتىمەن.» دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ كۆچۈپ كېلىپلا ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەرگە ۋەدە قىلغان قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇ، مۇقىم كەسىپ ياكى مۇقىم تۇرمۇش مەنبەسى بولۇش كاپالىتىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭدىن ئارال بىلەن ئۆزىنىڭ يۇرتىنىڭ پەرقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ جاۋابەن: «ئارال شەرقىي شىمالدىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ھاۋاسى ئىللىقراق، ئىككى سائەت ۋاقىت پەرقى بار. شىنجاڭدا پۇل تېپىش ئىچكىرىدىن ئاسان» دېدى.

«نېمە ئۈچۈن بۇ تەشۋىقاتنى قىلىۋاتىسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى بولسا «ھۆكۈمەت ھەق بەرمىسە بىكاردىن بۇنى قىلامدىم ؟» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

خىتاينىڭ «بىڭتۇەن خەۋەر تورى» دا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر خەۋەردىن دەل خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ نوپۇس ئېقىشىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان «شىنجاڭنى باشقۇرۇش سىياسىتى» سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى سىنلىق يىغىن چاقىرىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

يىغىندا «بىڭتۇەننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بويىچە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

يىغىندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىڭتۇەنىنىڭ نوپۇس كۆلىمى ۋە ئىقتىسادىي كۆلىمىنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىش، شەھەر قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار مەسئۇلىيى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xitaydin-kelgen-04012020161847.html

Share
3683 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.