logo

trugen jacn

بىڭتۇەننىڭ «ھەربىيلىك خاراكتېرى» نى كۈچەيتىش ئەندىشە قوزغىماقتا

ئۇيغۇر رايونىدا، تېررورىزمغا قارشى قەسەمياد بەرگەن ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى. 2017-يىلى 27-فېۋرال، خوتەن.

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تورىنىڭ 3-دېكابىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۇەن دائىرىلىرى، بىڭتۇەن مىقياسىدا قىشلىق ئومۇميۈزلۈك ھەربىي مەشىق باشلىنىش ئالدىدا يەنى 2-دېكابىر مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسكەرتكەن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەننىڭ پارتكوم سېكرېتارى سۈن جىڭلوڭ، بىڭتۇەننىڭ مەركەز تاپشۇرغان ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىيلىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى جىددىي تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە سۆزىدە بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، يەر، مەمۇرلار ۋە خەلق ئەسكىرى بىر گەۋدىلەشكەن ئالاھىدە ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش، بىڭتۇەندىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ سىياسىي-ئىدىيەۋى جەھەتتىن كۈچلىنىشى بىلەن تەڭ، ئاساسىي ھەربىي ماھارەت مەشىقى ئارقىلىق ئەسكىرىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى شەرت دەپ كۆرسەتكەن.

«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» 15-ئۆكتەبىر كۈنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مۇقىملىقنى قوغدامدۇ ياكى بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلەمدۇ؟» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئوينىغان رولىنى بايان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، يەنى «بىڭتۇەن» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 229 مىڭ 100 نەپەر بولۇپ، «بىڭتۇەن» ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتتىن ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

ئەمما دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەندىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دېلولارغا چېتىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بىڭتۇەن» نىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئاساسلىق ۋەزىپىسى «چېگرا رايوننى قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ كەلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر «بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ئاپپاراتى» دەپ ئاتالغان بىڭتۇەندىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىدە ھەربىيلىك خاراكتېرىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىياسىي كۆزەتكۈچى ياڭ جيەنلى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە رولىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماشتا، بىڭتۇەننىڭمۇ ئاساسلىق رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە «بىڭتۇەن ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئارمىيىسى، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي سىستېمىسىنىڭ بىر بۆلىكى.»

ياڭ جىەنلى يەنە مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ لاگېر مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ كۈچىيىشى نۆۋەتتە خىتاينىڭ لاگېرلارنى ‹تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزى› دېگەندەك سەپسەتىلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بىر يەرگە ئېلىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر ۋاقىتتا بىڭتۇەننىڭ ھەربىي خاراكتېرىنى جارى قىلدۇرۇشنى قايتا تەكىتلىشى ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى ئاشكارىلايدۇ. دېمەك بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور ھەربىي ۋە ساقچى كۈچىگە تايىنىپمۇ ئۇيغۇرلاردا يۈز بەرگۈسى قارشىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرالايدىغىنىغا ئىشەنچى يوق بولغاچقا، بىڭتۇەنىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقنى ئىپادىلىمەكتە. ۋاقتى كەلگەندە خىتاي بۇ كۈچلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارالايدۇ. شۇڭا ئۇنى ھەر تۈرلۈك سىياسەت ۋە مەبلەغ بىلەن كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى تەسىس قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىشنى تەستىقلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىشىدا بىڭتۇەننىڭ تۈرمىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەندىن سىرت، بىڭتۇەن ئەدلىيە، سوت تارماقلىرىنىڭ قانۇنسىز قامىغان ئۇيغۇرلارغا كوللېكتىپ سوت ئېچىش ۋە جازا كېسىشتە ئاساسلىق رول ئويناۋاتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىڭتۇەن ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بىڭتۇەندىن ئىبارەت مەزكۇر يېرىم قوراللىق، يېرىم ئىقتىسادىي ئورگاننى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ئاپپاراتى» دەپ تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ۋە بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.

سىياسىي كۆزەتكۈچى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىڭتۇەننىڭ كۈچى بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ كۈچنىڭ ھەربىي خاراكتېرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئۆزىدە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى جىددىي تۈردە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بىڭتۇەنگە قاراتقان بۇ چاقىرىقى ۋە ھەربىي مەشىق باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغۇسى يېڭى بىر قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەييارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. دۇنيانى بۇنىڭغا ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىش جىددىي بىر زۆرۈرىيەت.»

دەرۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە تەدبىرلىرى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىدە سوئال تۇغدۇرماقتا.

ئالدىنقى ھەپتە «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇمۇل، سانجى، كۈيتۇن، شىخەنزە، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۆمۈر قالپاق، قالقان، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى، پەلەي، مۇداپىئە پىنجىكى قاتارلىق «مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى» نى سېتىۋېلىپ، قوشنا ئۆيلەردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە قارىتا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. شۇنداقلا خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

Share
1219 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.