logo

trugen jacn

بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى 31-مارت كۈنى ئېچىلغان بىڭتۇەن 7-نۆۋەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ھەربىي ۋە مەمۇرىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

2-ئاپرېل كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، «بىڭتۇەننىڭ 2016-يىلىدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىدا 22 پىرسەنتنى، يەنى بەشتىن بىر ئۆلۈشنى ئىگىلىگەنلىكى» نى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە يەنە بىڭتۇەن ئىقتىسادىنىڭ 2007-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يىلىغا 2.4 پىرسەنتتىن ئېشىپ بارغانلىقى، بىڭتۇەن ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 3 ھەسسە ئاشقانلىقىنى، 66 پىرسەنت ئاھالىسىنىڭ شەھەرلەشكەنلىكى ۋە جەنۇبتىكى 4 دېۋىزىيەدە 4 شەھەر قۇرۇلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى غەيرىي رەسمىي تەرەققىياتى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بىردەك بىڭتۇەندىن ئىبارەت بۇ ھەربىي ۋە مەمۇرىي بىرلىكنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەسسىلەپ كۈچەيتىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتالمىش «مۇقىملىقى» دىكى ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇمكى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پۈتۈن خىتاي بويىچە پەقەتلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قەپ قالغان ھەربىي، مەمۇرىي ۋە كارخانا بىرلەشتۈرۈلگەن ئالاھىدە ئورگان بولۇپ، 1975-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ جېنىنىڭ تەشەببۇسى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ كۈچىشى بىلەن 1982-يىلى 6-ئايدا قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاشتىكى ھەل قىلغۇچ تايانچ كۈچ» دەپ بېكىتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/bingtuan-04032017144542.html

Share
1132 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.