logo

trugen jacn

بىڭتۇەندىن ئىبارەت ئىشغالىيەتچى ئارمىيە سوتىدا ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0e31fa46-9215-44f0-a5cb-6815186be772

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتايچە قانۇن خەۋەرلىرىنىڭ سەيشەنبە ئېلان قىلىشىچە، بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيىسى ئوتتۇرا سوتى 8-ئاۋغۇست ئەر ۋە ئايال بولۇپ جەمئىي 25-نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

سوتتا ئەمەت ئىمىن، مەمەت روزى، ئادىل روزى، مەمتىمىن ئابدۇكېرىم، ئايتۇرسۇن ھېيت قاتارلىقلار جامائەت توپلاپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەن، جىھاتچىلىق، تېررورلۇق ئىدىيىلىرىنى تەرغىب قىلغان، كۆپ قېتىم ئامانلىق ساقلاش پونكىتلىرىغا ئوت قويۇپ، ساقچى ۋە چارلىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، كەنت كادىرىنى ئۆلتۈرۈشتەك تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ، يۇقىرىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا تۆۋىنى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سوتلانغان 25 ئۇيغۇرنىڭ بەزىلىرىگە يەنە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرغان، جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلىغان، تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئالغان، پىچاق ۋە پارتلاتقۇچلارنى قانۇنسىز ساقلىغان ۋە ياسىغان دېگەندەك قوشۇمچە جىنايەتلەرنى ئاتقان.

بىڭتۇەن يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە قۇرغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى-كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى 1949‏-يىلى بېسىپ كىرگەندىن كېيىنلا، ھەربىيلەر ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ يەرلىك خەلقنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىدۇ دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان ھەربىي ئورگان. بىڭتۇەن تەدرىجىي ھالدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانغا ئايلاندى، نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە بىڭتۇەن مەمۇرىي، سودا، قانۇن سىستېمىلىرى مۇستەقىل ۋە مۇكەممەل بولغاندىن سىرت 2012-يىلى بىڭتۇەن بىخەتەرلىك ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەن سىياسىي كومىسسارى چې جۈن بىڭتۇەن بىخەتەرلىك ئىدارىسى قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا، بىڭتۇەن بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەركەزنىڭ تەستىقى بويىچە قۇرۇلغان مەمۇرىي ئورگان، بۇ ئورگان ئەمدى ئۆزىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ۋە جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش ھوقۇقىنى بىمالال يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيانلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى بىۋاسىتە تىنچىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا جازا قوللىنىدۇ دەپ جاكارلىغان ئىدى.

بۇ يىل 13-ئىيۇل بىڭتۇەن يۇقىرى سوتى تارماق سوتلارغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەمدە ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قەتئىي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ئىرادىسىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان يەكەن، ئاقسۇ خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغاپ تەنقىد ۋە نارازىلىق كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە رامىزاندىن بۇيانقى توختاۋسىز ئېلىپ بارغان ئۆي ئاختۇرۇش ۋە باستۇرۇشلاردا تۈرلۈك گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا جايلاردا ئارقىمۇ-ئارقا ئوچۇق مەيدان سوتلىرىنى ئېچىپ كوللېكتىپ جازالاش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، يەنە بەزىلەرنى بىڭتۇەن سوتىدا قاتتىق جازاغا ھۆكۈم قىلىشى ئۇيغۇرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە سەۋەب بولدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور قارشىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى قانۇنسىز سوتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قورققاق سېلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ يولسىز سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرى، بىڭتۇەن ۋە قوراللىق ئارمىيىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەمدە جازا كۆرۈش قىلمىشلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن تەنقىد يۈرگۈزۈشكە ۋە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.

بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى ھەمدە تەرەققىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان، ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچى خەرىي ۋۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 25 ئۇيغۇرغا بىڭتۇەن سوتىنىڭ جازا ئېلان قىلغانلىقىدەك خەۋەردىن بىر تۇرۇپ غەيرىيلىك ھېس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسلى ۋەزىپىسىنى ئاشكارىلىغان بىر خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
-دەسلەپ بۇ خەۋەردىن ئەجەبلەندىم، كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ۋە بۇ ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچتا يەنىلا يەرلىكنى باستۇرۇش مەقسىتىدە قويغان بىڭتۇەننى ئىشقا سېلىشىنىڭ ھەيران قالارلىق يېرى يوق دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋېلىشتا ئىشقا سېلىنىدىغان ئارمىيە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتتى، ئۇ يەرلىككە ئىشەنمەيدۇ، خۇددى پەۋقۇلئاددە ئۇرۇش ۋاقتىدىكىدەك سىياسەت تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىدى، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقتا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتىشى دەل بۇنىڭ ئىسپاتى. مەن خېلى بۇرۇنلا بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئېلىدا يەر ئىگىلەپ ئىقتىساد بايلىق ئىگىلەپ، بارلىق يۇقىرى ئىمتىياز ھوقۇققا ئىگە بولغان غايەت زور بىر كۈچكە ئايلاندى. خىتاينىڭ بىڭتۇەن ئىستراتېگىيىسىدە بىڭتۇەن ئۇزۇن يىل بېقىپ ئاخىرقى ھېسابتا مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئىشقا سالىدىغان ئارمىيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى
‏-خاراكتېر جەھەتتە بىڭتۇەن دېگەن بىر خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغاندەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشغالىيەت ئارمىيىسى. ئىشغالىيەت ئارمىيىسىنىڭ سوتى ھەربىي سوت ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى بىڭتۇەن سوتىدىن ئىبارەت ئىشغالىيەت ئارمىيىسىنىڭ سوتىدا ئۇيغۇرلارنى سوتلاش ھەربىي سوتتا دۈشمەننى سوتلىغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك سوتتىمۇ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان يەردە، بۇ سوتنىڭ ئادالەتسىزلىكى تېخىمۇ ئېنىق. بۇ ھەربىي سوتتا ئۇيغۇرلارغا پەقەت خىتاينىڭ ئىرادىسى بويىچىلا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس، چۈنكى پەقەت جەڭ مەيدانىدا تۇتۇلغانلارغا ۋە ياكى ئىشغالىيەت ئارمىيىسىگە قارشى چىققان دۈشمەن كۈچلەرلا ئىشغالىيەت سوتىدا سوتلىنىدۇ، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر ئىشغالىيەت ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدۇ. خىتاي نۆۋەتتە نىقاپنى يىتىپ تاشلاپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا زوراۋان باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا

خىتاي بىڭتۇەن سوتى ئارقىلىق 25 ئۇيغۇرغا مەزكۇر ئاتالمىش ئوچۇق سوت ئېچىشتىن تۆت كۈن ئاۋۋال، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۇن ئۈرۈمچىگە كېلىپلا يىغىن ئېچىپ، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش، زوراۋانلارنى قورشاپ تۇتۇش، جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قەتئىي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن ئىدى

گو شېڭكۇن يەنە مۇنداق دېگەن «ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، قېچىپ يۈرگەن بارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئېنىقلاپ قولغا ئېلىپ، زوراۋان-تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. قاتتىق زەربە بېرىپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى باشتىن-ئاخىرى ساقلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىش ئەھۋالىنى قەتئىي چەكلىشىمىز كېرەك

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-sot-08122014152025.html

Share
1732 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.