logo

trugen jacn

بىلىم- بىزنى ئازاد قىلىدىغان كۈچ

 

فاتىمە سەيياھ

 

بىلىم- بىزنى ئازاد قىلىدىغان كۈچ

 

بىلىم كۈچ قۇرۇق شوئار ئەمەس بەلكى كىشىنى ھەرخىل كىشەنلەردىن ئازاد قىلىدىغان ھەقىقىي قۇدرەتتۇر

نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر مىسال ئالايلى

ھازىرقى زامان پىسخىكا ئىلـمىدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپمۇ قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى باردى ـ كەلدىلەر ئىپتىدائى زاماندىكى ئوۋ ئوۋلاش بىلەن ئوخشاش خاراكتىرگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. كىشىلەر زامانىۋى تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندىن باشلاپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بېۋاستە خىرىسلىرى ۋە قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ ئوۋ قىلىشتەك خەتەرلىك پائالىيەتلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللانمايدىغان بولدى. ئەكسىچە بۇنىڭ ئورنىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆز ـ ئارا مۇناسىۋەت ئالدى، بۇ دېگەنلىك بىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائى شارائىتتا ئىجتىمائى ئالاقە قىلىش خۇددى ئوۋ ئوۋلىغان دەملەردەك مۇرەككەپ ۋە قىيىن ھالاتكە ئوخشايدۇ.

بۇ خىل خىرىس خاراكتىرلىك پىسخىك ھالەتنىڭ كىشىلەرگە ئەپكېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرلىرىنىڭ بىرى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ـ ئارا بويسۇنۇش ، بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى ئىنسانلىق قەدىر ـ قىممىتىنىڭ يوقىلىشىدىن ئىبارەت.

ئوۋ ئوۋلىيالـماي قايتىش بىر ئائىلىنى ئاچ قويغانغا ئوخشاش، بىز ئۆز ـ ئارا ‘بويسۇندۇرۇلـماي’ قالساق، ۋۇجۇدىمىزدىكى ھايۋانلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىنىپ چىقىدۇدە، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ قەدىر ـ قىممەت، ئىززەت ـ ھۆرمىتىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يانمايمىز. بۇ ئاچ قالغان كىشى ھەر نەرسىنى يېگەنگە مىسالدۇر. باشقىلارنىڭ ئىززىتىنى تۆۋەنلەتكىنىمىز ئەمەلدە ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىتىدىكى ھايۋانى ئاجىزلىقنىڭ ئەقىل بىلەن كونتىرول قىلىنمىغانلىقىدەك بىر ئېچىنىشلىق ئەمەلىيەتنى بىزگە كۆرسىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىمىزنى ياقتۇرماسلىق كېلىپ چىقىدۇ

ئۆزىنى ياقتۇرمىسا قانداق بولىدۇ؟ ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىدىن كىشەنلىنىپ، يامانلىقتىن باشقىنى قىلالـمايدىغان چېغىم بار دەپ ئۆزىدىكى زۇلـمەتكە پېتىپ قالىدۇ

ئەمىسە بۇنىڭدا بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكى قانداق رول ئوينايدۇ؟ چۈنكى توغرا بولغان بىلىم بىزدىكى ھەر خىل تەبىئى خۇسۇسىيەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قېلىش ، قەدىر ـ قىممىتىنى يوقىتشنىڭ ئىنسان ھاياتىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشىنىڭ يىلتىىزى تاكى ئۇلۇق بوۋا، مومىمىزغىچە بېرىپ تۇتىشىدىغانلىقىنى ئۈگىتىدۇ

ئۇلارنىڭ خاتالىققا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىش بولسا دەل بىلىمنىڭ كۈچكە ئايلىنىشى بولىدۇ. ئۇلار ئەپۇ سوراشنى، ئۆزىدىن ئۆتكەننى بوينىغا ئېلىشنى، خاتالىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاشنى بىزگە بىلىم قاتارىدا قالدۇرۇپ كەتكەن

بىز ئۇلاردىكى ئىلىم جەۋھىرىنى بىلسەك ، ئۈگەنسەك ۋە ئۆزىمىزگە تەدبىقلىساق، بىزنى بېسىپ تۇرغان پۈتمەس ـ تۈگىمەس ئۆزىمىزنى ئەيىپلەشلەردىن، باشقىلارنىڭ نېمە دەپ قېلىشلىرىدىن، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان نوچى ئىدىممەن دەيدىغان ھاكاۋۇرلۇقتىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشىمىزغا ئۇدۇل ۋە توغرا نەزەردە قارىيالايمىز.

بۇ يۈزلىنىش بىزنى ئۆزىمىزنىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدىن ئازاد قىلىدىغان غايەت زور كۈچتۇر

بىلىم -ئازادلىق كۈچى

Share
1657 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.