logo

trugen jacn

بىلال مۇھەممەد بىلەن مىرەلى يۈسۈف ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

365d1313-a5ba-4ce3-9c40-20a5d1b27ce5

ئەكرەم

بۇلتۇر 17-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن تايلاندتىكى پارتلاشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان بىلال مۇھەممەد بىلەن مىرەلى يۈسۈف ئۈستىدىن 16-فېۋرال كۈنى تايلاند ھەربىي سوتتا سوت ئېچىلغان.

ب ب س نىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تايلاند ھەربىي سوتى تەرىپىدىن پارتلىتىش گۇماندارى سۈپىتىدە ئەيىبلەنگەن بىلال مۇھەممەد بىلەن مىرەلى يۈسۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلىكىنى سوتتا ئېتىراپ قىلغان. بىراق، بىلال مۇھەممەد ئىلگىرىكى ئىقرارىدىن تېنىۋالغان. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سكوچارت كانپاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىلال مۇھەممەد قېيىن-قىستاق سەۋەبىدىن بۇ جىنايەتنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇنىڭ 16-فېۋرال سوتتا ئېتىراپ قىلغىنى، پەقەتلا چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى بولغان. بىلال مۇھەممەد «ئادام قاراداغ» دېگەن نامدىكى تۈرك پاسپورتى بىلەن تايلاندقا كىرگەن.

ب ب س خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ رەسمىي سوتقا تارتىلىشى تۇنجى قېتىم بولۇپ، تايلاند ساقچى تەرەپ ئۆتكەن يىلى 17-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن 20 ئادەم ئۆلۈپ، 120 ئادەم يارىلانغان پارتلاش ۋەقەسىنى تېررورلۇققا چاتمىغان، بەلكى «ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان. بىراق ئانالىزچىلار بۇ ۋەقەنى 2015-يىلى 7-ئايدا تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىر مەسىلىسىگە باغلاپ، ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ توغرىسىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بىلال مۇھەممەد جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، مىرەلى يۈسۈپنىڭ ئېتىراپ قىلغان ياكى ئىنكار قىلغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەسكەن. خەۋەردە تايلاندتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە 20 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ 7 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، تايلاند دائىرىلىرى مەزكۇر ئەنزىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ يەنە 15 نەپەر كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈچىنچى بىر كىشىنى تۇتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، تايلاند ساقچى تەرەپ قولغا چۈشۈرگەن تۈرلۈك دەلىللەر بۇ قېتىمقى سوتتا ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئېنىق بېكىتىشكە ئاساس بولالمىغان.

بەزى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر باڭكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىنى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىغا باغلاپ تەھلىل قىلىشقان ئىدى. باش شتابى گېرمانىيەدە بولغان «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭمۇ زىيارىتىمىز ئەسناسىدا بۇ قاراشنى تەكىتلەپ، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكال قارشىلىقلارغا مەجبۇرلاۋاتقان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زوراۋان قارشىلىق يوللىرىنى تاللاۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا تىنچ شەكىلدىكى نارازىلىقنىڭ ھېچبىر ئۈنۈمى بولمىدى. خىتاي خەلقىمۇ بارغانسېرى رادىكاللىشىۋاتىدۇ. خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.»

بىراق، ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئوخشىمايدىغان قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، بۇ ھەرىكەتنىڭ گۇمانلىق تەرەپلىرىنىڭ ھېلىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قارشىلىق ۋەقەلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، جاڭ چۈنشيەن يېقىندا تىلغا ئالغاندەك، قارشىلىقلارنىڭ پەسكويغا چۈشۈش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ بانكوك ۋەقەسىگە ئائىت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/taylandta-partlash-02162016144145.html

Share
835 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.