logo

trugen jacn

بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى جىددىيلىك پەيدا قىلدى

81c00961-21a1-42ce-980a-c46813fd1359

بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، قىرغىزىستاندا ھۇجۇم گۇماندارىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىكىرلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىيون ۋە زىيالىيلار بۇ ھۇجۇمنى بىر مىللەتكە باغلاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

30-ئاۋغۇست كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىرغىزىستاندا تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، قىرغىزىستان جەمئىيىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن جىددىيلىك پەيدا قىلدى. بۇ قېتىمقى ۋەقە 30-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئۆلۈپ، ئەلچىخانىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۈچ نەپەر قىرغىزىستانلىق يارىلانغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن جاۋابكارلارنى دەرھال ئېنىقلاپ جازالاشنى ھەمدە قىرغىزىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنىڭ شۇنداقلا مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ھەمدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ قىرغىزىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.»

قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن 31-ئاۋغۇستتىكى مۇستەقىللىق بايرىمى كۈنى خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بايرام مەزگىلىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر چارىلەرنى قوللاندى. شەھەر مەركىزىدىكى «ئالاتاۋ» مەيدانىغا بارىدىغان ئاساسلىق يول ئېغىزلىرى قامال قىلىنىپ، قاتناش توختىتىلدى. تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ قول سومكىلىرىمۇ تەكشۈرۈلدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن جەمئىيەتتە ھەر خىل كۆز قاراش ۋە پىكىرلەر پەيدا بولدى.

قىرغىزىستان مىللەتلەر ئاسسامبىلىيەسىنىڭ رەئىسى توقان مامىتۇف ھەر خىل شەكىلدە يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى مەلۇم بىر مىللەت ياكى قوۋمغا، ياكى دىنغا يۈكلەپ قويۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:«دۇنيادا تېررورچى مىللەت بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنى ياكى دىننى تېررورنى قوللايدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك.»

بىراق، قىرغىزىستان دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق پولكوۋنىكى تالانت رازاقۇف بولسا «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى مىسالغا ئېلىپ باشقىچە كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار تېررورچى تەشكىلاتلىرى بار. ‹ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى›، ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن. قىرغىزىستاندا 60 مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ تېررورچى تەشكىلاتلارنى قوللايدىغانلارنى يوق، دەپ ئېيتالمايمىز.»

بۈگۈنكى بايرام مەزگىلىدە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئابىلغازى نۇرماتۇف ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلار قىلغان دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «مەن بۇ قېتىمقى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلار قىلغان دەپ قارايمەن.»

قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ژۇرنالىست، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شەمشىدىن ئابدۇرېھىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئويۇنى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا موسكۋادىكى بىر باسمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 14 نەپەر قىرغىز ئايالنىڭ قازا قىلىشى، بىشكەك -ئوش يولىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدىلا 9 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، قىرغىز-ئۆزبېك چېگراسىدىكى «ئۆڭكۈر تاغ» رايونىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆزبېك قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىشى، بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىقلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشى، شۇنداقلا ئاتامبايىف ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىدىكى جىدەل-ماجىرالار قىرغىزىستاننىڭ بۇ يىلقى مۇستەقىللىق بايرىمىغا ئۆز كۆلەڭگىسىنى چۈشۈرمەي قويغىنى يوق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/qirghizistan-xitay-08312016150540.html

Share
1384 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.