logo

trugen jacn

بىزنىڭ بۈگۈنىمىز، سىلەرنىڭ ئەتەڭلار بولۇپ قالمىسۇن

 

(قازاقىستاندىكى بارلىق قازاق قېرىنداشلارغا چاقىرىق)

 

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

 

چىڭگىزخاننىڭ  قوشۇنلىرى  قىپچاق دالاسىغا بېسىپ كىرگەندە  دەشتى قىپچاق دالاسىنىڭ  خانلىرىدىن بىرى بولغان  قوتان  خان كېيىۋ  كىنەزلىكىدىن ياردەم سوراپ:« ئەگەر بۈگۈن بىزگە ياردەم قىلمىساڭلار بىز  ئۆلىمىز، ئەتە سىلەر ئۆلىسىلەر!» دېگەن ئىدى. دەرۋەقە قوتان خاننىڭ  چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان كېيىۋ كىنەزلىكى  چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن  ھالاك قىلىندى، قوتان خان ھەرقانچە باتۇرلۇق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چىڭگىزخاننىڭ  غايەت زور قوشۇنىغا  تەڭ كېلەلمەي، ياقا يۇرتلاردا  سەرسان بولۇش تەقدىرىگە دۇچار بولدى. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى  ۋېنگىرىيەنىڭ  قىشلاقلىرىغا سىڭىپ كەتتى.

تارىخ تەكرارلىنىدۇ، ئەگەر تارىخ  ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىلمىسە، ئۇنىڭدىن  پەقەت  ھالاك بولغان  خەلقنىڭ ھەسرىتى ۋە كۆز ياشلىرى قالىدۇ.

بۈگۈن  ئۇيغۇرلار  ھالاكەت گىردابىدا جان تالاشماقتا. پەقەت ئۇيغۇرلارلا  ئەمەس، ئۇيغۇرلار بىلەن قان قېرىنداش بولغان  قازاقلارمۇ  ئوخشاش تەقدىرنى  باشتىن كەچۈرمەكتە. تارىختىن بۇيان  بىر زېمىننىڭ  ئەۋلادلىرى، بىر تۇپراقنىڭ  ئىگىلىرى، ئوخشاش  چېگرانىڭ خوجايىنلىرى بولغان  بۇ خەلق  بۈگۈن مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلمەكتە. ئەينى چاغدا چىڭگىزخان  ئەسكىرىي يۈرۈشلەر بىلەن  خەلقنى قىرغىن قىلىپ، زېمىن ئىگىلىگەن بولسىمۇ،   ئەمما ئۆزى ئىگىلىگەن زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ  تىلى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە چېقىلمىغانىدى. تارىختا ياۋايى، ياۋۇز دەپ نام ئالغان چىڭگىزخان  لەشكەرلىرى  چېقىلمىغان  مەدەنىيەتكە  5مىڭ يىللىق تارىخمىز بار دەپ ماختىنىۋاتقان  خىتاي  باسمىچىلىرى  بۈگۈن  جان-جەھلى بىلەن  تاجاۋۇز قىلماقتا. چىڭگىزخاندىنمۇ  ياۋۇز دۈشمەن  باستۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى   مەركىزى ئاسىيانىڭ ئىگىلىرى ساك، ھون، تۈركلەرنىڭ نەسىللىرى  بولغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق  يىلتىزى بىر خەلقنى    مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى، كۆچمەن كېڭەيمىچىلىكى، ئەسكىرىي زوراۋانلىقى بىلەن  پۈتۈنلەي  يوقىتىپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا. ھازىرقى تارىم، جۇڭغار بوستانلىقلىرىدا  يۈزمىڭلىغان لاگېرلارنى  قۇرۇپ، ئۇيغۇر قازاق خەلقلىرىگە  قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان  ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئەسلىدە  مەركىزى ئاسىيانىڭ  چەكسىز  دالاسى  ھېسابلانغان  قازاق تۇپراقلىرىغا قالقان بولىدىغان  ئىككى بۈيۈك  قورغان بار ئىدى. ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جۇغراپىيەدىكى  سىياسىي  مەۋجۇتلۇقى، يەنە بىرى  بۇ جۇغراپىيەدىكى  ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ  مىڭ يىللاردىن  بۇيان ئىزچىل  داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان   تۈرك، ئىسلام  مەدەنىيەت كىملىكى ئىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى  قاچانىكى سەددىچىن سېپىلىدىن  چۈمۈلىدەك  يامراپ چىققاندىن بۇيان  ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا  چەكسىز ئېغىر كۈنلەر كەلدى، مۇستەقىل ھاكىمىيىتىدىن  ئايرىلىپ، سىياسىي مەۋجۇتلۇقى گۇمران بولدى. شۇنداقتىمۇ  ئۇيغۇرلار نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان  سان-ساناقسىز قۇربانلارنى  بېرىپ،  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا  قارشى تىركىشىپ كەلدى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار  ناھايىتى ئېغىر خەۋپ ئاستىدا، ھايات-ماماتلىقنىڭ  گىرۋىكىدە جان تالاشماقتا.  بۈگۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى   بۇ جۇغراپىيەدىكى ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ  مەنىۋى تۆۋرۈكى ھېسابلانغان   تۈرك، ئىسلام  مەدەنىيەت  كىملىكىگە  تاجاۋۇز قىلىپ،  مەدەنىيەت  قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارماقتا. خەلقلەر  ئانا تىلىدىن، ئۆرپ-ئادەت، ياشام شەكلى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن  مەھرۇم قىلىنىپ، خىتاي بولۇشقا زورلانماقتا. قارشى چىققانلار تۈرمىلەردە  ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي قىيناشلار بىلەن  ئۆلتۈرۈلمەكتە.   ئەگەر  ئىككىنچى  قورغان ھېسابلانغان  ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ  تۈرك، ئىسلام  مەدەنىيەت كىملىكى بەربات بولسا، پۈتۈن قازاق تۇپراقلىرى، يەنى چەكسىز مەركىزى ئاسىيا يايلاقلىرى  ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ. ئىككىنچى  قورغاندىن بۆسۈپ ئۆتكەن خىتاي كۆچمەنلىرى  چۈمۈلىدەك  قازاق زېمىنغا باستۇرۇپ كېلىدۇ. ھازىرمۇ  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ   بىر قەدىمى  ئەجدادلىرىمىز ياشىغان مۇقەددەس زېمىن قازاقىستانغا  قاراپ تاشلىنىپ بولدى.  ئەجدادلىرىمىزدا « سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇت» دەيدىغان بىر ھېكمەتلىك  سۆز بار.  شۇڭا بىز كەلگۈسىدىكى  چوڭ بىر پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  قان  قېرىندىشىمىز   بولغان قازاق خەلقىنى  سەمىمىي ئاگاھلاندۇرىمىز،   خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا  قارشى بىرلىك ئورنىتىشقا، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى   ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان  مۇبارەك زېمىنىمىزدىن  ھەيدەپ چىقىرىشقا چاقىرىمىز.

ئەگەر بىز بۈگۈن يوقىتىلساق، ئەتە نۆۋەت سىلەرگە كېلىپ قالمىسۇن!

ئۇيغۇرلارنىڭ  مەۋجۇتلۇقى، تارىم ،جۇڭغار  بوستانلىقلىرىنىڭ  بىخەتەرلىكى  قازاق خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قازاق زېمىنىنىڭ  ئەمىنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى  ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن  ئاگاھ بولۇشقا، ئويغىنىشقا چاقىرىمىز.

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

 

Share
1334 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.