logo

trugen jacn

بىزنىڭ ئاۋازىمىز ۋە شوئارىمىز

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

يىل 2018- 7-ئاپرېل

 

نامايىش – چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىدىغان بىر پۇرسەت، شۇنداقلا نۆۋەتتە كۆپچىلىك ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن ئاساسى ئۇسۇل.

 

نامايىش ئارقىلىق مەلۇم ھۆكۈمەت، شەخسنىڭ قىلمىشى ياكى مەلۇم ئىجتىمائىي ھادىسىگە قارىتا قارشىلىق بىلدۈرۈش، كۈچ كۆرسىتىش، ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

 

بىلدۈرۈش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇسۇل بولۇپ، تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۆزگەرتىش مەقسەت ھېسابلىنىدۇ.

 

يەنى باشقىلارغا مەقسىتىمىزنى بىلدۈرىدىغان توغرا ئۇسۇل تېپىشىمىز كېرەك، ئۇسۇل توغرا بولمىسا، توغرا بولغان نىشان-مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ.

 

قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن مۇھىم، نامايىشتىن كۈتۈلىدىغان ئۈنۈم –

 

بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرۈش،  نامايىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھەمكارلىق ۋە كۈرەشچانلىق روھىنى جانلاندۇرۇش، باشقىلارغا خىتايلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش.

 

مۇمكىن بولسا بۇ ئارقىلىق خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ شەكىللەندۈرۈش ۋە ئىتتىپاقداش تېپىپ قوللاش ۋە دەستەككە ئېرىشىش.

 

تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ، شوئار توۋلىغۇچىلارنىڭ سەمىدە بولۇشى كېرەككى، «بىلدۈرۈش ۋە تەسىر كۆرسىتىش» تېمىسى دۇنيادىكى يۈز مىڭلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نەچچە يىل تەتقىق قىلىنىدىغان بىر مۇھىم تېما، نامايىش ھەققىدە گەرچە بىز تەتقىقات ئىلىپ بارمىساقمۇ، ھېچ بولمىسا، ئاڭلىغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئازراق ئويلىنىشىمىز كېرەك. بىزمۇ ئاۋازىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈشنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. بۇمۇ ئۆگىنىدىغان بىر پەن!

 

ھېچقانداق ئويلانماستىن، ئازراقمۇ ئىزدەنمەستىنلا «چىقىپ توۋلىساقلا ھېساب» دېيىش ئەڭ يۈزەكى ۋە ئىپتىدائىي ئوي-تەپەككۈر بولۇپ، ھېچقانداق ئۈنۈملۈك نەتىجە بېرەلمەيدۇ. ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى ئىشلەتمىسەك ئوخشاشلا ھېسابىنى بېرىمىز.

 

ئەگەر تەكرار ھالدا نەچچە يۈز كىشى ۋاقىت، زېھىن، ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىز ئۈنۈمسىز بولسا، قوشۇنىمىز ئاجىزلايدۇ؛ ئەگەر تېخىمۇ ياخشى چارە بىلەن، زەربىدار ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەنسېرى، قوشۇنىمىز كۈچىيىدۇ. دۇنيا ئاۋازىمىزنى ئاڭلىشى، بىزنى چۈشىنىشى كېرەك؛ تەسىرلىنىشى، بىزنى قوللىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن شوئارىمىز 21-ئەسر كىشىلىرىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ھايات چۈشەنچىلىرى بىلەن بىردەك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

يولدا ماڭا كىملەر ئۇچرىشى مۇمكىن؟ ئۇلار قايسى تىلنى چۈشىنىدۇ؟ ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ بۇ دۆلەتتىكى سالاھىيىتىمنى قانداق بىلدۈرىمەن؟

بۇلار ھەققىدە ئىزدىنىشمىز كېرەك؛ قانداق قىلغاندا، ئاۋازىمىزنى توغرا يەتكۈزەلەيمىز؟ قانداق قىلغاندا، ئۆزىمىزگە زىيانلىق ۋە پايدىسىز شوئاردىن ساقلىنالايمىز؟ بۇلار ھەممىسى مۇھىم.

 

نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا تۈرلۈك تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆز ئاۋازىمىزنى بىلدۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسى قورال.

 

تاراتقۇ ئارقىلىق تارقالمىغاندا، توۋلانغان شوئارلار، توپلانغان كىشىلەر شۇ ۋاقىت ۋە شۇ جايلاردا ئۇنتۇلىدۇ. پەقەت قاتناشقۇچىلارنىڭ كاللىسىدا تەسىر قالىدۇ، خالاس.

 

تەشكىللىنىش سۈپىتى، ئاۋاز، شوئار، يۈرۈش-تۇرۇش، روھى ھالەت ئورتاق بىر سۈپەتكە ۋەكىللىك قىلغاندا، تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدۇ. سۈپەتسىز، مەقسەتسىز، تەرتىپسىز نامايىشلار زېرىكىشلىك ۋە ئۈنۈمسىزلىك بىلەن ئاياغلىشىدۇ!

 

يەنە خىتايغا پۇرسەت بېرىپ، ئۆزىمىزگە ئورا كولىماسلىقىمىز كېرەك!

 

نۆۋەتتە دۈشمىنىمىز بولغان خىتايلار بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىزدىن ئۆزىگە زىيانلىق بولغان مەزمۇنلار، سۈرەتلەر، ئاۋازلىق ھۆججەتلەر، شوئارلار، نامايىشلاردىن ماتېرىيال يېغىپ، ئۇيغۇرلارنى مۆتىدىل مۇسۇلمانلار دەپ قارايدىغان نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئورگانلار، تاراتقۇلار، دىپلوماتلارغا بىز ئۇيغۇرلارنى «رادىكال»، «تېررورىست»، «قالاق»، «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى» دەپ تونۇشتۇرماقتا. بىر قىسىم بىتەرەپ تاراتقۇلار ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سەل ئاشقۇن يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە شوئارلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، راستىنىلا رادىكاللىق مەۋجۇت دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلار داۋاسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بولغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى، قىرغىن قىلىنىشى، تۇتقۇن قىلىنىشىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماقتا.

 

خىتاينىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى  راست ۋە ۋەھشىيانە تۇرۇقلۇق ئۇنى تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىشقا ئۆزىمىزنىڭ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى تېخىمۇ راست. ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ئۆزىمىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزنىڭ تارلىقى توسۇپ قويماقتا.

 

ئۆزىمىزنىڭ ئىزدەنمەسلىكى، ئوقۇماسلىقى، ئويلانماسلىقى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۇقۇشماسلىق ھەتتا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

 

بىز ئۆزىمىزنىڭ ھال-ئەھۋالىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، دۈشمىنىمىزنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىدىغان، چۈشەنمەيدىغانلارغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، تارتىۋاتقان دەردىمىزنى ئېنىق چۈشەندۈرىدىغان شوئارلار، پلاكاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك.

 

مۇسۇلمانلار ئەقىللىق بولۇشى كېرەك، ئىنتايىن چىرايلىق بولغان ئىسلامى شوئارلىرىمىزنى ئەرزىمىگەن، نالايىق سورۇندا توۋلاپ كۇرسىنى چۈشۈرۈشمۇ ئوخشاشلا خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ھەممە ئىشنىڭ مۇۋاپىق توۋلايدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى بار.

 

دۇنيادا بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دەردى، ئۆز غېمى بىلەن ئالدىراش، دۇنيادىكى ھەر قانداق مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئويلايدۇ.

 

خىتايلار بىلەن بىزگە قارشى ھەمكارلاشقان مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن ساناقسىز زىيانلىرىنى بۇ يەردە تىلغا ئالمىغان تەقدىردىمۇ، بىزگە پايدا ئىلىپ كەلگەنلىرى ئاز. مۇھىمى، شەرقى تۈركىستاندا، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلار بىز-يەنى ئۇيغۇرلارمىز، ئۇلار ئەمەس؛ ئۇ زېمىن بىزنىڭ، ئۇ يەردىكى خەلق بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەمەس؛ شۇڭا بىزنىڭ دەردىمىز ئۇلارنىڭ خىيالىغا ئانچە كىرىپ چىقمايدۇ.

 

بىزنىڭ داۋايىمىز پەقەت دىننىڭ داۋاسىلا ئەمەس!

 

خىتاينىڭ يوقاتماقچى بولغىنى ئسلام دىنى ئەمەس، بەلكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشتۇر. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقاتسا، چەكسىز بايلىق، چەكسىز بىپايان زېمىن خىتايغا قالىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنى يوقاتسا، ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى، زېمىن كېڭەيمىچىلىك قىلىشى ئاسانلىشىدۇ. شۇڭا خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم تىلىنى، ھەم مەدەنىيىتىنى، زىيالىيلىرىنى، باشلىقلىرىنى، سەنئەتكارلىرىنى، سودىگەرلىرىنى، تارىخىنى، ئۆيلىرىنى، مال-مۈلكىنى ھەممىنى يوق قىلىۋاتىدۇ، تالان-تاراج قىلىۋاتىدۇ.

 

بىزنىڭ داۋايىمىز كەم بولغاندا 20 مىليون ئادەمنىڭ، پۈتۈن بىر خەلقنىڭ ھايات ۋە ماماتلىق داۋاسىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىدۇر.

 

ئەگەر ئۇيغۇرلار قىرغىن قىلىنىپ يوقىتىلسا، بۇ يەردىكى ۋەتەنمۇ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ، زېمىنىمىز خىتاينىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىگە چىقالمايدۇ. ئەگەر بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار قىرغىن قىلىنسا، بۇ يەردىكى ئىسلام دىنمۇ يوق بولىدۇ. دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇرۇنقىدەكلا  ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ.

 

بىزنىڭ داۋايىمىز يەنە 2 مىليون كۋادرات كېلومېتىرلىق زىمىننىڭ، مۇقەددەس تۇپراق ۋە ۋەتەننىڭ داۋاسىدۇر، ئىنسانىيەتنىڭ داۋاسىدۇر! ئادىمىيلىك داۋاسىدۇر! خىتاينىڭ قاتىللىق، تېررورلۇق، ۋەھشىيلىكى، ئىپلاسلىقىغا، تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى داۋادۇر.

 

ئويلىنايلى قېرىنداشلار، بىز ئۇيغۇرلار بۇرۇنمۇ ھازىرمۇ ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك بىر خەلق بىز؛ بىز ئۇيغۇرلار تۈركى مىللەتلەر ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان خەلقمىز؛ بىز ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا ئىسلام تارىخىدا تۇنجى ئىسلامى مەدرىسىنى- ساچىيە مەدرىسىنى بىنا قىلغان خەلقمىز! ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن تارىم ۋادىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بويلىرىغا تارقىلىشىدا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان مۇسۇلمانلارمىز. بىز ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىدا ئىسلام  ئېتىقادى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قۇربانلىق ۋە بەدەل تۆلىگەن خەلقمىز؛ بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىز ئەڭ ئاجىز تۇرۇپمۇ، باشقا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلىگەن مۇسۇلمانلارمىز، چېچېنىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، سۈرىيە قاتارلىقلار ئۈچۈن جان پىدا قىلغان، قان كەچكەن ئەڭ سەمىمىي ۋە راستچىل مۇسۇلمانلارمىز. ئەمدى بىز دۇنيانى كۆرۈپ قويدۇق، يالغان مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ قويدۇق، ئاللاھ كۆزىمىزنى ئاچتى، ئەرەب مىللەتچىلىرىنى، ئىران پارس شىئەلىرىنى، پاكىستاننىڭ ھېلى غەرب ھېلى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى دوللارغا تېگىشىدىغان ھۆكۈمەتلىرىنى، ئافغانىستاننىڭ تاغلىرىدا ھاياتى بەدىلىگە ئۇرۇش قىلىپ بەرسە، خىتايغا قورال ۋە ئاپتوموبىل ئۈچۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ساتقان تالىبان ھۆكۈمىتى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەتلەرنى بىر-بىرلەپ كۆردۇق. سۈرىيەدىكى ئېچىنىشلىق ھالەتنى كۆرۈۋاتىمىز، پەقەت ئۆلۈۋاتىمىز، خەق ئۈچۈن ئۆلۈۋاتىمىز؛ بىزنى تۇتۇپ بېرىۋاتقان ساختا مۇسۇلمان ھەقىقىي مەنپەئەتدار، سودىگەر مىللەتلەر ئۈچۈن قۇربان بولۇۋاتىمىز. ئەمدى ھېچبولمىسا، شوئارنى بولسىمۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن توۋلايلى.

 

تارىخىمىز ئوتتۇرا ئاسىياغا سودا، مائارىپ، مەدەنىيەتتە تۆھپە قوشۇش بىلەن، ئوتتۇرا ئەسىردىن بېرى ناھايىتى كەڭ جۇغراپىيەلىك رايوندا رەڭدار ۋە مول بولغان بىر ئىنسانىيەت ئالاقىسى، گۈللەنگەن بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكى يارىتىش بىلەن خۇلاسىلىنىدىغان خەلق بىز. ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان، مۇستەقىل مەدەنىيەت ياراتقان، تىل ۋە يېزىقى ئايرىم  بولغان، بىر قۇرغاق جۇغراپىيەنى بوستانلاشتۇرۇشتا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان ئۇيغۇر خەلقى يوقىتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

 

تىنچلىق، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتقا تۆھپىسى بار بولغان ئۇيغۇر خەلقى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى ئالدىدا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. بىز مانا بۇنى دېيىشمىز كېرەك!

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى چەكلەپلا بولدى قىلغىنى يوق، باشقا بارلىق دىنلارنىمۇ چەكلەۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاينى دىنلارنىڭ دۈشمىنى دەپ تونۇتۇشىمىز كېرەك.

 

خىتاي كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بارلىق ئادەملەرنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاينى  ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى دەپ تونۇتۇشىمىز كېرەك.

 

خىتاي  دىنى ئالىملىرىمىزلا ئەمەس، ھەر قانداق ئۇيغۇرلا بولسا تۇتۇۋاتىدۇ، قىرغىن قىلىۋاتىدۇ.

شۇڭا خىتاينى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى دەپ تونۇتۇشىمىز كېرەك.

 

بىز داۋاسىنى قىلىۋاتقانلار ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن قامالغانلار بار،

ئۇيغۇرغا مەكتەپ، دوختۇرخانا، كۆۋرۈك سالغانلىقى ئۈچۈن، يېتىمغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن سولانغان كارخانىچىلار بار.

ئىلمى نەتىجىسى، تەتقىقاتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرىنى ئۆستۈرگەنلىكى ئۈچۈن قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بار.

تور بېكەتلەرنى قۇرۇپ، ھەق-راست گەپ قىلىشقا سەھنە ياراتقانلىقى ئۈچۈن قامالغان تور بېكەتچىلەر بار.

ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى يولىدا ئىزدەنگەنلىكى ئۈچۈن قامالغان تەتقىقاتچىلىرىمىز بار.

ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ خىتاي سەنئىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن قامالغان سەنئەتكارلىرىمىز بار.

 

ئەگەر خىتاي پەقەت ئىسلام دىنىنىلا يوقاتماقچى بولغان بولسا، خۇيزۇ مۇسۇلمانلارغا كەڭچىلىك قىلمىغان بولاتتى. خىتايلارنىڭ خۇيزۇلارغا ئىسلام دىنىنى چەكلىمەسلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار مۇسۇلمان بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردەك زېمىن ۋە ۋەتەن داۋاسى قىلمايدۇ.

 

خىتايلارنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بېرىشى، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتسىمۇ، ئىسلام ئىتتىپاقى، ئىسلام كېڭىشى قاتارلىقلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى، 20دىن ئارتۇق مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشى – بىزنى ئويغىتىشى كېرەك. بۇ ئويغىنىش – گۈزەل ئەخلاق ۋە بۈيۈك ئىنسانى خىسلەتلەرنىڭ جەڭگاھى بولغان مۇبارەك دىنىمىزغا بولغان مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق بولۇپلا قالماي، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر خەلقىمىزغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە خەلقىمىزنىڭ دەردىنى يەتكۈزۈش ۋە ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتۇر.

 

بىز ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك، ئۇيغۇرنىڭ شوئارىنى توۋلىشىمىز كېرەك!

 

ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى، ئۇيغۇرنىڭ دىنىنى، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىنى، ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىنى، ئۇيغۇرنىڭ بىغۇبار ئۆسمۈرلىرىنى، ئۇيغۇرنىڭ ناتىۋان ئاياللىرىنى، ئۇيغۇرنىڭ خورلانغان ئانىلىرىنى قوغداش كۆرۈشىدە قەتئىي مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك!

 

 

توۋلىنىدىغان شوئارلار ئۈچۈن:

 

ئايرىم جۈملىلەر بويىچە توۋلىنىدۇ:

 

ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!

ئۇيغۇرلارغا ئادالەت!

ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك!

 

بىر پۈتۈن كۇپلېت ھالەتتە ئوقۇلىدۇ:

ئەركىنلىك ئىزدەيمىز!

ھۆرلۈك ئىزدەيمىز!

زالىم خىتاينى،

ۋەتەندىن قوغلايمىز!

 

خىتاي زالىمدۇر!

خىتاي قاتىلدۇر!

خىتاي تېررورچى،

خىتاي فاشىستتۇر!

 

ئايرىم جۈملىلەر بويىچە ئوقۇلىدۇ:

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەت!

خىتاي قاتىللىرى، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات!

خىتاي فاشىستلىرى، ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشنى توختات!

خىتايلار، بۇلاڭچىلىقنى توختات!

 

شى جىنپىڭ، تېررورىست!

شى جىنپىڭ، جاللات!

شى جىنپىڭ، فاشىست!

شى جىنپىڭ قاتىلدۇر!

 

پلاكاتلار ئۈچۈن:

 

خىتاي كوممۇنىستلىرى، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختات!

خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە!

دۇنيا كۆزۈڭنى ئاچ، فاشىزم يېقىنلاپ كەلمەكتە!

خىتاي، 2 مىليون ئۇيغۇرنى قويۇپ بەر!

خىتاي، ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنى قويۇۋەت!

مىللەتچى، ئىرقچى، نومۇسسىز، ۋەھشىي، زالىم خىتاي!

 

 

 

China, Stop Killing Uyghurs!

China, Get out of East Turkestan!

Shame on China!

No More Camps!

We Want Justice, We Want Peace!

 

Save the Uyghur People!

Save the Uyghur Language!

Save the Uyghur Culture!

Save the Uyghur Scholars!

Save the Uyghur Artists!

Save the Uyghur Women!

Save the Uyghur Children!

 

Freedom for Uyghurs!

Justice for Uyghurs!

 

China is Lying, People are Dying!

 

Racist China!

Fascist China!

Xi Jinping is a Terrorist!

Chen Quanguo is a Killer!

 

Free our Fathers!

Free our Mothers!

Free our Sisters!

Free our Brothers!

 

 

Türkçe

Haykırılacak olan sloganlar

Ayrı ayrı okunacak.

 

Uygurlar’a özgürlük!

Uygurlar’a adalet!

Uygurlar’a hürriyet!

 

 

Bitişik okunacak

 

Özgürlük istiyoruz!

Hürriyet istiyoryz!

Zalim Çin’ı D.Türkistan’dan kovacağız!

 

Zalim Çin!

Katil Çin!

Terörist Çin!

Faşist Çin!

 

Ayri cümleler halinde okunacak

 

Işgalci Kızıl Çin D.Türkistan’da defol!

Katil Kızıl Çin,Uygurkatliamını durdur!

Faşist kızıl Çin,Uygurları tutuklamaya sonver!

Kızıl Çin,yağmalamayı durdur!

 

 

Terörist Kızıl Çin!

Cellat  Şi- jinpin!

Faşist Şi-jinpin!

Katik Şi-jinpin!

 

Afiş için

Kominist kızıl Çin,Uygurkatliamını Durdur!

Kominist kızıl Çin,insanlığa karşı suç işlemeye son ver!

Dünya, gözünü aç! Faşizm geliyor!

Kızl Çin,ikimilyon Uygur’u serbest bırak!

Kızıl Çin,anne-babamı ve kardeşlerimi serbest bırak!

Irkçı,faşist,namussuz,barbar,zalim Çin!

 

 

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئېچىپ، مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەييارلىغان مۇراجىئەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇپ بېرىڭ. رەھمەت!

 

https://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

 

 

Share
2265 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.