logo

trugen jacn

بىزمۇ قايتىمىز، ئەمما سىلەردەك ئەمەس -ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بىزمۇ قايتىمىز، ئەمما سىلەردەك ئەمەس
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ۋەتەنگە قايتىش كويىدا يۈرگەنلەر قاماقنى
سېغىنساڭلار قايتساڭلار بولىدۇ، ئەمما چۈش كۆرمەڭلەر. تۇتقۇن ھىچ قاچان ئاياقلاشمىدى. تۇتقۇن داۋام قىلىۋاتىدۇ، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئۇلارنىڭ جەمەتىنىمۇ قوشۇپ قارا تىزىملىككە بەنت قىلىۋاتىدۇ.
بەزىلەر سىرىتتا يۈرگەن بىلەن سىىپىرلىق تۈرمە ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان تەھدىتلەردە بوغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا بىر چوڭ تۇتقۇن بولدى، خوتەندە يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش بولۇپ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار 300 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولدى.
يېقىندا يۈز بەرگەن تۇتقۇندا ئۈرۈمچى، كورلا ۋە قەشقەردىن تۇتۇلغانلارنىڭ مەلۇماتىمۇ كېلىشكە باشلىدى.ئاپرىلدا 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالا ئۈرۈمچىدىن تۇتۇلغان. بۇلارنىڭ بىرىنى، ئىلفات ئىلھامنى سەككىز يىللىق كېسىپتۇ.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا بەزى تۇتقۇنلارنىڭ جەسىدى بېرىلگەن ئوخشايدۇ. بەزىلەر سوراقتا قىيناپ ئۆلتۈرگەن ئوخشايدۇ. ۋەتەنگە بارىمىز دەۋاتقانلار مۇشۇنداق ئانىلارنىڭ، ئاكىلىرى قامالغان سىڭىللارنىڭ، سىڭىللىرى خىتايغا مەجبۇرلانغان ئاكىلارنىڭ، ئاياللىرى خورلانغان قېرىنداشلارنىڭ كۆزىگە قانداق قارايسىلەر ئويلاپ بېقىڭلار؟!
ۋەتەنگە بارىدىغان سىلەرلا ئەمەس، بىزمۇ بارىمىز ۋەتەنگە! ئەمما بىز قىساس ئالغىلى، ھېساپ ئالغىلى، جان بەرگىلى بارىمىز!
بىز ۋەتەنگە تۈرمىلەرنى چاققىلى بارىمىز، بىزنى قىينىغانلارنىڭ كارنىيىنى بوغقىلى بارىمىز. بىز ھەرگىز ۋەتەنگە خىتايغا يېلىنىپ، تىزلىنىپ بارمايمىز. ۋەتەنگە بارىمىز، ئۇ بىزنىڭ تەۋەرۈكىمىز، ئۇ ئاتا مىراس توپراق، ئۇ ئانىمىزنىڭ ئامانىتى، خىتاينىڭ بولمىغان، مەڭگۈ بولمايدۇ. بىز ۋەتەنگە ھەرگىزمۇ ئىتتەك تىلىمىزنى چىقىرىپ، قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يالاق يالاشقا بارمايمىز!
ۋەتەنگە بارساڭلار ئىختىيار، ئەمما مىللەتنى سېتىشىڭلار، ئۇيغۇرلۇق ۋىجداندىن كېچىشىڭلار، زالىمنىڭ ئالدىغا تازىمغا بېرىشىڭلار خىيانەت!
مىللەت نەچچە يىلدىن بۇيان قىلغان پىدايىلىقنى قىلماي، گۇۋاھچىلار بەرگەن گۇۋاھلىقلارنى يوققا چىقىرىپ، خىتاي تەشۋىقاتىغا ئۈنسىز ماسلىشىپ ئويناپ كېلىشىڭلار نومۇسسىزلىقتۇر!
ۋەتەنگە بېرىش ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى، ئەمما مىللەت تارىختىن بۇيان كۆرۈلمىگەن خورلۇققا دۇچ كەلگەن تۇرسا، تېخى يارىلار شەلۋەرەپ تۇرسا سىلەرنىڭ تويغا ماڭغاندەك سەپ تارتىپ ئويۇن كۆرۈشكە ماڭغىنىڭلار ئەخلاقسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق.
ھىچ بولمىسا، ھېچ نېمەڭلار تۇتۇلمىغان بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە ھىچ ئىش بولمىغان تەقدىردىمۇ، مۇھاجىرەتتە بىللە ياشاپ كەلگەن، تۇتۇلۇپ، كېسىلىپ ۋەيران بولغانلارغا، ۋەتەندە كۆرگەن ھالاۋەتلەرنى كۆز كۆز قىلىپ، سورۇن سورۇندا كەيىپ سۈرۈپ يۈرۈشۈڭلار قوبۇل قىلغۇسىز ناچارلىق.
قېرىندىشىڭلار مۇھاجىرەتتە تىپىرلاپ، ئىزدىنىپ يۈرسە ئۇلارغا ھەمدەم بولماقتا يوق، خىتايغا ماسلىشىپ ئۈرۈمچىگە، خوتەنگە يۈرۈپ كەتسەڭلار، تىللايدۇ شۇ! تىللاشنى توغرا كۆرمىسەممۇ، ئۇلاردىن رەنجىش ھوقۇقۇڭلار يوق دەپ قارايمەن.
مۇھاجىرەت، مۇساپىرلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشلاپ كەلگەن زۇلۇم ھىچ كىمگە ئاسان ئەمەس.
ئۇيغۇر مۇھاجىرلار يا قېرىنداشلارنى قۇتقۇزالماي، يا ئۆزىنى قۇتقۇزالماي، ھاياتى بىسەرەمجانلىقتا چارەسىز ئاران تۇرغاندا سىلەرنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ تاماشا كۆرۈپ كېلىشىڭلار ئالقىشلاپ سۇناي چالغىدەك شەرەپلىك ئىش ئەمەس.
ۋەتەنگە بېرىپ بىر پەس ئويناپ، بىر قەپەس خۇماردىن چىقىش ئۈچۈن مىللەت تارتقان خورلۇقنى ئۇنتۇشۇڭلارنى خىيانەت دىمەيمىز، ئەمما سىلەر بېرىپ، تۇتقۇن ئۇيغۇرنىڭ ھالىنى، شۇلارنىڭ ئازابىنى تاماششا قىلماقچىمۇ؟ ياكى سىلەر، ئۇلار مېنىڭ ھىچ نېمەم ئەمەس، مەن مىللەتسىز، مەن ۋىجدانسىز، مەن قىساسسىز… مەن ئەۋلادى يوق قېچىر، ئەجدادى ئېشەك، يىلتىزى يوق خەشەك دېمەكچىمۇ؟
ۋەتەنگە ھەممەيلەن قايتىمىز. ئۇ يەر بىزنىڭ، مىللەت بىزنىڭ، قايتىش ھەممەيلەننىڭ ھەققى!
ۋەتەنگە قايتماي تۇرۇپ، قىساسنى ئالماي ئازاپتىن قۇتۇلالمايمىز، قەدىردانلارنىمۇ تولۇق، ئاداققىچە ئېزىلمەيدىغان قىلىپ قۇتقۇزالمايمىز.
ھەر بىر ئۇيغۇر ھامان ئانا ۋەتەنگە قايتىمىز، ئەمما
قايتىش ئۇسۇلىمىز، ۋاستىمىز، نىشانىمىز ئوخشىمايدۇ. مۇھاجىرەتتە ۋەتەنگە قايتىشتا ۋاستە تاللىمىغانلارغا مىللەت نەپرەت قىلغاندا سۆز تاللىمايدۇ. شۇڭا ۋەتەنگە قانداق پەسلىك بىلەن بارغان بولساڭلار ئارىمىزدا شۇنداق پەس كۈنگە قالىسىلەر.
ۋەتەن ھەممەيلەننىڭ ۋەتىنى، مىللەت ھەممىزنىڭ قىممەتلىكى، ھەممەيلەننىڭ قەدرى. شۇڭا مۇھاجىرەتتە بىر بىرىمىزنىڭ ئىززىتىنى قىلغانلىق، ئازار بەرمىگەنلىك، قەدىرلىگەنلىك – مىللەتنىڭ كۆڭلىنى ئايىغانلىق بولىدۇ.
بۈگۈن مۇھاجىرەتتە خىتايغا بويۇن ئېگىپ، تىلىنى ساڭگىلىتىپ، ئېگىلىپ تاماشاغا بارغانلارنىڭ بۇندىن
كېيىن، كېلەچەكتە، سەھنەلەردە مەيدە كېرىپ يۈرۈش، ئارىمىزدا ئالقىشلىق بولۇش ھەققى بولمايدۇ.
2023-يىلى 6-ئاۋغۇست، نورۋېگىيە
Bir uçak ve yazı görseli olabilir
Tüm ifadeler:

Bahtinur Abdurehim ve 88 diğer kişi

Share
795 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.