logo

trugen jacn

بىر قانچە تېما بۇيىچە مۇلاھىزە


نەزەر

مىللەت كىملىكى

( تۈزىتىلگەن نۇسخىسى )

        مىللەت كىملىك ئۇقۇمى بولسا مۇئەييەن بىر تۈپ ئىنسانلار ئورتاق ئىگە بولغان ئادەم بىئولوگىيىلىك چۈشەنچىسى  ۋە ئادەم ئىجتىمائىيلىق چۈشەنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇرەككەپ ئۇقۇمدۇر. بۇ ئۇقۇمدىكى ئادەم بىئولوگىيىلىك چۈشەنچىسى مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ بىئولوگىيىلىك كىملىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ پەقەت مەزكۈر مىللەتتىكى ئورتاق ئېتنىك ئالاھدىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، چۇنكى بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى ئۇرۇق- ئايماق قەبىلىلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ گېنىدىكى   DNAدە ئۇرتاقلىق ۋە ئىرسىيەت ئۇرتاقلىقى مەۋجۇت، شۇڭلاشقا بىر مىللەتكە تەئەللۇق بولغان ئادەملەر بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بولۇپمۇ تاشقى كۆرۈنۈش قىياپىتىدە ئوخشاشلىق ئالامەتلەرگە ئىگە.  

       ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىق چۈشەنچىسى بولسا مۇئەييەن بىر ئادەمنىڭ ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ  ئىجتىمائىيلىق كىملىكى— ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلار توپىغا ئوخشاش ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 

       شۇڭلاشقا مىللەتنى پەقەت ساپ بىر ئىجتىمائىي ھادىسە دەپ تونۇش بىر تەرەپلىمىلىك بولغان كۆز قاراش بولۇپ، مىللەتدىن ئىبارەت بۇ ئابستراكت ئۇقۇمنىڭ  ماھىيىتىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. 

        بىر ئادەم توغۇلغاندا ئاتا- ئانىسى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ بىئولوگىيىلىك كىملىكىگە ئىگە بولۇشى مۇقەررەر، لېكىن شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيلىق كىملىكىگە ئىگە بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مىللەت ئىجتىمائىيلىق كىملىكىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي  ياشاش مۇھىتى بەلگىلەيدۇ.  ئادەم قانداق مىللەت ئىجتىمائىيلىق كىملىكى شارائىتىدە ياشىسا، شۇنداق مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيلىق كىمىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭلاشقا  مىللەت ئىجتىمائىيلىق كىملىكى تۇغما ئەمەس، بەلكى تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيلىق كىملىكى مەۋجۇت ئائىلە  ۋە جەمئىيەت مۇھىتلىرىدا ستىخىيلىك،ئاڭلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۆگىنىلىدىغان بىر خىل ئىجىتىمائىيلىققا ئىگە جەريان. شۇڭلاشقا مىللەت كىملىكى بىئولوگىيىلىك كىملىك ۋە ئىجتىمائىيلىق كىملىكىدىن ئىبارەت ئىككى كىملىكىنىڭ يىغىندىسى. بىر ئادەمدە مىللەت كىملىكىدە بۇ ئىككى كىملىك كاتېگورىيىسى تولۇق ھازىرلانغاندىلا ئاندىن بۇ ئادەمنىڭ مىللەت كىملىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

        ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللەت كىملىكىنى ساقلاش- ساقلىماسلىقى  شۇ كىشىنىڭ ۋىجدانى ۋە ساداقەتلىكىگە باغلىق.

تىل ۋە مىللەت تىلى

         تىل ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ مىليون- مىليون يىللار داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئېۋوليوتسىيە ( تەدرىجىي  تەرەققىيات ) قىلىش جەريانىدا ئادەم تېنىدا پەيدا بولغان ھەم بىئولوگىيىلىك ھەم ئىجتىمائىيلىق ئالاھىدىلىكلەر ئىگە بىر ھادىسە.

        ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا نىسپەتەن كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك زىمن دائىرىسى ئىچىدە ماكانلىشىپ ياشىغان، بىر توپ- بىر توپ ئۇرۇقداش ئادەمسىمان مايمۇنلار ئىپتىدائىي ئادەملەرگە ئايلىنىشىدىكى ئېۋوليوتسىيە ( تەدرىجىي  تەرەققىيات ) جەريانىدا ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرگە تاۋۇش چىقىرىش ئورگانلىرىمۇ تەرەققى قىلىپ، تۈرلۈك تاۋۇشلارنى چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتكە قارىتا بولغان توغما شەرتلىك تاۋۇشلۇق ئىنكاسلىرىدىن سىرت يەنە كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئەمەلىيەتلەردىن ئۆزلىرى چىقارغان تاۋۇشلار ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرى ئارقىلىق بەلگىلىك ھەركەتلەرنى بىلدۈرگىلى بولۇدىغانلىقىنى توساتتىن بايقىغاندىن كېيىن، بۇ تاۋۇشلار ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھەم ستىخىيلىك ھەم ئاڭلىق ھەم مەقسەتلىك ھالدا ئۆزئارا پەرقلەندۇرۇپ، بۇ تاۋۇش ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىگە مۇقىم مەنىلەرنى يۇكلەپ،ئۆزئارا ئەڭ ئىپتىدائىي ئالەقىلىشىشنى باشلىغان. مانا بۇ ئادەمسىمان مايمۇنلار چىقارغان مەنىسىز تاۋۇش ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىنىڭ بىر تۈركۈمىنىڭ مەنىلىك تاۋۇش ۋە بىرىكمىلەرگە ئايلىنىش جەريانى ۋە بۇ ئادەمسىمان مايمۇنلار چىقارغان بىر تۈركۈم مەنىسىز ۋە قالايمىقان تاۋۇش ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىدىن ئىبارەت ساپ بىئولوگىيىلىك ھادىسىنىڭ ئىجتىمائىيلىق خاراكتىرگە ئىگە بولغان ئىنسانلارنىڭ ئالەقىلىشىش ۋاستىسى — تىلغا ئايلانۋاتقانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ ئىپتىدائىي ئادەملەرگە ئايلانۋاتقانلىقنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈپلاردىكى ئادەمسىمان مايمۇنلار تەلتۆكۈس ئىپتىدائىي ئادەملەرگە ئايلانغاندىن باشلاپ بۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر توپلىرى ئەڭ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇق- ئايماق جەمئىيەتلىرىنى شەكىللەندۇرۇشى بىلەن بىر ۋاقىتدا بۇ جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇرتاق تىلىمۇ شەكىللىنىشكە باشلىغان. شۇندىن مابەين بۇ ئۇرۇق- ئايماق جەمئىيەتلىرى ئاساسىدا ئۇرۇق- ئايماق قەبىلىلەر ۋۇجۇتقا كەلگەندە بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئۇرتاق تىلى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تىلغا ئايلىنىپ، ھازىرقى زاماندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر قايسى   مىللەت تىللىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان. 

       مۇئەييەن بىر مىللەتكە  مەنسۇپ مىللىي تىل بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تۈپكى ئامىللار— بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق ئامىللار ئاساسىدا شەكىللەنگەن. شۇڭلاشقا مىللىي تىل بىر مىللەتنىڭ مىللەت كىملىكىدىكى ئۇقۇمىدىكى ئىجتىمائىيلىق كىملىكىنىڭ ئاساسلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە  ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم كونكىرېت ئىپادىلەرنىڭ بىرى.  

       مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇندىن ئىبارەتكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى قىتئەلىرىدىكى بەلگىلىك كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك زىمن دائىرىسى ئىچىدە ماكانلىشىپ ياشىغان بىر توپ- بىر توپ ئۇرۇقداش ئادەمسىمان مايمۇنلار ئېۋوليوتسىيە ( تەدرىجىي  تەرەققىيات ) جەريانىدا ئۇلارنىڭ چىقارغان تاۋۇشلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ھەمدە بۇ تاۋۇش ۋە تاۋۇش بىرىكمىلىرىگە يۇكلىگەن مەنىلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدا.

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىدىكى بەلگىلىك چەكسىز كەتكەن بىر بىپايان جۇغراپىيىلىك زىمن دائىرىسى ئىچىدە ماكانلىشىپ ياشىغان ئۆزئارا قانداش- نەسىلداش- ئۇرۇقداش بولغان تۈرك قۇۋم- قەبىللىرىنىڭ ئۇرتاق تىلى— تۈرك تىلنىڭ بىر دىئالېكتى. تۈرك تىلىنىڭ بۇ دىئالېكتى تۈرك تىلىنىڭ بىر قانچە  دىئالېكتىنىڭ يۇغۇرۇلما تىلى بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ساپ تىلى يەنى ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ساپ تىلدۇر. ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئۇيغۇرلار بۇ دىئالېكتنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىلى سۆپىتىدە ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە بۇ دىئالېكت ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، ھازىر زامان ئۇيغۇر تىلى بولۇپ شەكىللەندى. 

        مۇئەييەن بىر مىللەتكە تەۋە بولغان بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆز مىللىي تىلىنى ( ئانا تىلىنى ) ئىشلەتمەي ياكى ئۆز مىللىي تىلىنى بىلمەي بىرەر چەت تىلنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مىللىي تىلى يەنىلا  ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى بولىدۇ، ئىشلەتكەن چەت تىلى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ مىللەت تىلى بولالمايدۇ، چۇنكى ئۇلارنىڭ مىللىتى يەنىلا ئەسلىدىكى مىللەت. مىللەت تىلى ( ئانا ) ھەر زامان مىللەت بىلەن بىر ھەمرا بولۇپ يۇرىدۇ، يەنە ئېتنىك مەنبە تەرەپتىن بۇ ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئەسىلىدىكى مىللىتىگە مەنسۇپ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى مەزكۈر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تېخى بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمىگەن. بۇ ئادەمنىڭ پەي نەۋرە  ۋە كوكۇن نەۋرە ئەۋلادلىرىغا كەلگەندە، بۇ پەي ۋە كوكۇن نەۋرەلەر بىئولوگىيىلىك كىملىكى جەھەتتە بەلكىم يات مىللەت تەرىپىدىن ئۈزۈل- كېسىل ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇ چاغلارغا كەلگەندە بۇ پەي ۋە كوكۇن نەۋرەلىرى ئىستىمالدا ئىشلىتىۋاتقان تىل ئۇلارنىڭ مىللەت تىلىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.     

       بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىلىدىن باشقا يەنە بىر قانچە تىلنى بىلىشى بىر تەبىئىي ئەھۋال.  ئۆز مىللىي تىلىدىن باشقا يەنە دۆلەت تىلى ياكى ئۆزى ماكانلاشقان زىمىندىكى كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتنىڭ تىلىنى بىلىشى پەقەت تۇرمۇش كەچۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجىدىن بولىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش سىستېمىسىدا دۆلەت تىلى ۋە چەت ئەل تىلى دەرسى ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىشى ئاساسەن ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇپ تەربىيىنىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،چەت ئەل تىل مۇتەخەسسىسلىرى ئالىي مەكتەپلەر ياكى مەخسۇس مۇئەسسەسەلەردە تەربىيىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىلمىي جەھەتتىن قارىغاندا،ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق، كۆپ تىللىق دەپ پەرقلەندۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي  ئەھمىيىتى يوق. ئەندى قوش تىللىق بولۇشنى تەشۋىق قىلىش ۋە قوش تىللىق مائارىپنى تەرغىپ ئىشلىرى باشقا بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ،باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. 

        بىر ئادەمگە نىسپەتەن ئۆز مىللەت تىلىدىن باشقا تىللارنىڭ ھەممىسى چەت تىل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دەرۋەقە،چەت ئەل تىلى ئۇقۇمى سۈنئىي ھالدا بېكىتىلگەن بىر نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ،ئادەتتە دۆلەت تېرىتورىيىسىدىن سىرتقى تىللارنى كۆرسىتىدۇ، چۇنكى ھازىرقى زاماندا ئاھالىسى خەس بىر مىللەتلىك دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس.  ھەر قانداق بىر تىلنىڭ نامى ھەر زامان مىللەت نامى بىلەن ئىزاھلىنىپ ئېيتىلدۇ ياكى يېزىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىر تىلنىڭ چەت ئەل تىلىمۇ – ئەمەسلىكى دۆلەت مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، موڭغۇل، قازاق، ئۆزبېك تىلى، تاتار تىلى، تاجىك تىلى ۋە رۇس تىلى قاتارلىق تىللار خىتاي دۆلەت ئىچىدە چەت ئەل تىللىرى ھىساپلانمايدۇ، لېكىن چەت ئەللەردىكى بۇ خىلدىكى تىللار چەت ئەل تىلى دەپ قارىلىدۇ. 

ئاسسىمىلياتسىيىلاشتۇرۇش

     ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇدىيەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئاسسىمىلياتسىيە ئۇقۇمى بىر تەرەپتىن مۇئەييەن بىر بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق كىملىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىللەت كىملىكىگە ئىگە بولغان بىر شەخس ياكى بىر ئادەملەر توپىنىڭ باشقا بىر بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق كىملىك ئۇقۇمىغا ئىگە بولغان مىللەتكە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مىللەت كىملىكىدىن مەھرۇم بولۇپ باشقا بىر مىللەتكە ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىر شەخس ، بىر توپ ئادەملەر ۋە بىر مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتكە ئۆزگۈرۈپ كېتىش جەريانى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ( ئاسسىمىلياتسىيىلىشىش) جەريانى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاسسىمىلياتسىيە ستىخىيلىك ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەجبۇرىي ئاسسمىلياتسىيەدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاسسمىلياتسىيىنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. بىر مىللەتكە تەۋە بىر شەخس ياكى بىر توپ ئادەملەر ياكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ستىخىيلىك ياكى ئىختىيارىي ھالدا باشقا بىر مىللەتكە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى ستىخىيلىك ئاسسىمىلياتسىيە كاتېگورىيىسىگە كېرىدۇ. پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ستىخىيلىك ياكى ئىختىيارى ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىنىڭ مىسالى قەدىمكى زامانلاردا كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى زاماندىن بۇيان سادىر بولمىدى. ئەندى مەجبۇرىي ئاسسمىلياتسىيە كەلسەك، بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە شەكىلى قەدىمكى زاماندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەۋجۇت. بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيىلاشتۇرۇش جەريانى دەپ ئاتىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ۋەھشىيلەرچە يۈرگۇزۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيىسى دەل بۇ خىل مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ  تىپىك مىسالى.

      جاھاننىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغىچە مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىككى ياكى بىر قانچە مىللەتنىڭ قۇشۇلۇپ يېڭى بىر مىللەتنى پەيدا قىلغانلىقىنىڭ مىسالى كۆرۈلمىدى. پەقەت بىر مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتكە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلدى. يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى بۇ نۇقتىئىنەزەرنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

        مىلادىيە 840- يىللىرى موڭغۇلىيىدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن موڭغۇلىيىدىكى ياغلاقار ئۇيغۇر قەبىلە باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم قەبىلىلەر سەددىچىننىڭ ئىچىگە كۆچكەنلىرىدىن باشقا  ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان پان تېكىننىڭ يولباشچىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ( توققۇز ئوغۇز ) لارنىڭ 15 قەبىلىسى چوڭ  ئۈچ تۈركۈم بولۇپ  غەربكە — ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى بولغان گەنجۇ رايونى ( خىتاينىڭ ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى ) ۋە  شەرقىي تۈركىستانغا كۆچتى. 

       بۆكۈچىن باشچىلىقدىكى ئۇيغۇرلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تۇرپانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى تۈرك قەبىلىلىرىدىن باسماللار ۋە تۈركەشلار قاتارلىق قەبىلىلەرنى بۇيسۇندۇرۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر ( قۇجۇ ) خاندانلىقىنى قۇرۇدى. تۇرپان ئويمانلىقىدىكى توخرى، سوغدى قاتارلىق مىللەتلەر ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تۇرپانغا كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاقاچان ئۇيغۇرلىشىپ بولغان ئىدى. تۇرپاندىكى باشقا تېخى ئۇيغۇرلاشمىغان مىللەتلەر كېيىن ئۇيغۇرلىشىپ كەتتى.

       ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسى قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ،بۇ جايلارنى قارلۇقلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ،بۇ رايونغا جايلىشىپ،ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىگەللەپ،ئەڭ ئاخىرىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇردى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا مىللىي قەبىلىدىكىلەر ھەممىسى ئۇيغۇرلىشىپ كەتتى. 

       ياغلاقار قەبىلىسىدىكى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار گەنجۇ رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ، بۇ 178 يىل ھۆكۈم سۈرگەن خاندانلىق 1028- يىللىرى تاڭغۇت پادىشالىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى. كېيىنكى دەۋرلەردە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى « سېرىق   ئۇيغۇرلار» نامى بىلەن ئاتالدى. ھازىرقى يۇگۇ مىللىتى(裕固族 )  گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى كېيىنكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ شۇ جايدىكى مىلللەتلەر بىلەن ئارىلىشپ، يۇغۇرۇلۇپ شەكىللەنگەن يېڭى بىر مىللەت ئەمەس.

      قىسقىسى، يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇر مىللىتى تارىخدىن بۇيان مۇستەقىل بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىىتتپاقىنىڭ  رىۋاجلىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ قانداقتۇر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تارقاتقان ئاق تاشلىق كىتابتا يېزىلغاندەك « قەدىمكى ئۇيغۇرلار تۇرپان ئويمانلىقىدىكى خەنلەر، تارىم  ئويمانلىقىدىكى ئاگنىلىقلار،كۈسەنلەر،ئۇدۇنلۇقلار، سۇلىلىقلار بىلەن ئارقا- ئارقىدىن يۇغۇرۇلۇپ، يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. » مىللەت بولماستىن بەلكى قەدىمدىن تارتىپ  ئۆز قەبىلە ( مىللەت ) كىملىكى ساقلاپ، ئەتراپىدىكى باشقا قەبىلە ۋە مىللەتلەرنى ئۆزىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ زورايغان بىر ئۇلۇغ مىللەت.                                                                                                                                                               2019  – يىلى سېنتەبر

Share
4141 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.