logo

trugen jacn

بىر خىتاي كۆچمەن ئاقسۇنى تۈرمىگە ئوخشىتىپ ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى يېقىندا، توردا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسىدىن يەنە 12 سى پاش بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلولاردىن بىرى، ئاقسۇدا ياشاۋاتقان 26 ياشلىق يۈەن فامىلىلىك بىر خىتاي كۆچمەن ھەققىدە بولۇپ، ئۇ توردا «ئاقسۇ بىر تۈرمىگە ئوخشاپ قالدى، ھەممە ئادەم تېررورچى قىلىۋېتىلدى» دەپ ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن مۇقىملىققا قارىتا قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدە سۆز قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇش مەمۇرى جازاسى بېرىلگەن. بەزى خەلقئارا خەۋەرلەردە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىكى زىيادە جىددىيچىلىكتىن رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

تەڭرىتاغنىڭ بۈگۈنكى مەزكۇر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ، تور-ئۇچۇر ئالاقە ئىدارىسى ئېلان قىلغان 6‏-تۈركۈمدىكى قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش دېلولىرى بولۇپ، بۇ جەمئىي 12 كىشىگە چېتىلغان، بۇلاردىن 6 نەپىرى ئۇيغۇر، ئىككى نەپىرى خىتاي، بىر نەپىرى دۇڭشاڭ، 3 نەپىرى قازاق مىللىتىدىندۇر. يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا قازاقلارغا قارىتامۇ نازارەتنىڭ كۈچەيگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-uchur-07262017145308.html

Share
1254 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.