logo

trugen jacn

بىر ئەمەلدار ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم كادىرلارنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە «قاتناشقان» لىقىنى بىلدۈرگەن

 

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم كادىرلارنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان» لىقى، بىر قىسىم كادىرلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرگە «قاتناشقان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرتۈش كومىتېتى پارتكوم سېكرېتارى شۈ خەيروڭنىڭ بۇ سۆزلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى بىر گېزىتنىڭ 24 – يانۋاردىكى سانىغا بېسىلغان.

خەۋەردە نەقىل ئېلىشىچە، شۈ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى كۆپىنچە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاللىسى ئوچۇق، ئەمما بۇ يەردە يەنە بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىرىگە كەلگەندە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىدىغان پارتىيە ئەزالىرىمۇ بار. بەزى ئەزالار ھەتتا تېررورلۇقنى قوللىغان ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەن.»

ئۇ يۇقىرىقى بايانلىرىنى تەپسىلىي شەرھلىمىگەن بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا پارتىيە نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن 672 سى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

شۈ خەيروڭنىڭ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مەزمۇندىكى بىر پارچە ماقالىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-terorluq-01242016162024.html

Share
1316 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.