logo

trugen jacn

بىر ئاۋاز، بىر قەدەم، بىر ھىكمەت

 

 

ئاپتورى: سەھەر

 

ئەدەبىي خاتىرە

 

نيۇيوركتىكى 15- مارت بىر ئاۋاز، بىر قەدەم دۇنيا ئاياللار نامايىشىنىڭ نامايىش  مەيدانىدىن ئالغان تەسىراتىم

 

ۋولقانلار ۋە يانار تاغلار يەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ  ماگمىلارغا ئېلىپ كەلگەن زۇلمىنىڭ مەھسۇلى.

يەر قاتلاملىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قىستىشى بىلەن دەھشەتلىك پارتلاشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ يەر شارىدا خۇددى دوزاخنى ئەسلىتىدىغان يانار تاغلاردىن پەيدا بولغان، ئاتەش سەللىرىدىن ھاسىل بولغان تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ خۇددى ھالۋىدەك ئاقىدىغان ئوت دەرياسى بىلەن، زىمىستان قىش سوغۇقلىرىدا توڭلىغان ئېگىز تاغلارنىڭ چوققىلىرىدا پەيدا بولغان قار مۇزلارنىڭ باھار كېلىشى بىلەن ئېرىپ سەللەرنى ھاسىل قىلىشى، ئوخشاشلا تەبىئەتنىڭ بىر ھىكمىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئوتتىن تەركىب تاپقان بىر سەل بىلەن سۇدىن تەركىب تاپقان بىر سەل پۈتۈنلەي بىر بىرىگە قارمۇ-قارشى ئىككى ئۇقۇم.

سۇدىن تەركىب تاپقان سەل قەھرى غەزەپ جەھەتتىن يانار تاغلار ئاپىرىدە قىلغان ئوتتىن تەركىب تاپقان سەللەرگە قارىغاندا، يەر شارىدا يېڭى بىر ھاياتلىق ئاپىرىدە قىلىش جەھەتتە، ۋولقانلاردىن ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ.

گەرچە سۇ سەللىرى نۇرغۇنلىغان جانلىقلارنى ئېقىتىپ يەر شارىدا يېڭى بىر زىلزىلە پەيدا قىلسىمۇ ئەمما يەنىلا دەريا دېڭىزلارغا ياۋاشلىق بىلەن قۇيۇلۇپ ئاخىرىدا تىنچىپ قالىدۇ.ئەمما ئەڭ قاتتىق تاغۇ-تاشلار قوينىنى يېرىپ چىققان ۋولقانلار ئۇنداق ئەمەس. يانار تاغلاردىن دەھشەتلىك پارتلاپ چىققان ۋولقانلار يەر شارىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. مەسىلەن يەر تەۋرەش، tsunami(دېڭىز تاشقىنى) قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ، قىپقىزىل ئاتەش دەريالىرى تۈرۈلۈپ تۈرۈلۈپ ئېقىپ چەكسىز كەتكەن دېڭىزلارغا قۇيۇلۇش نەتىجىسىدە ياپونىيەدەك چوڭلۇقتىكى ئارال دۆلەتلىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. يەر شارىدا بۇنداق يېڭى ھاياتى مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە، يەر قاتلاملىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا سۈكۈنات ئىچىدە قانچىلىغان ئەسىرلەرنى ئۆتكۈزگەن ماگمىلارنىڭ پارتلىشى سەۋەبچى بولغان.

 

مەن 2018-يىلى 15-مارت كۈنى دۇنيادىكى 14 دۆلەت 18 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئىنتايىن سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىر ئاۋاز، بىر قەدەم نامايىشىنى ئەنە شۇ دۇنيا جۇغراپىيەسىدە، دۇنيا خەرىتىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلالايدىغان يانار تاغ ۋولقانلىرىنىڭ پارتلىشىغا ۋە پارتلىغاندىن كېيىنكى قىپقىزىل چوغ دەرياسىنىڭ ئۆز يولى ۋە نىشانىنى بويلاپ بىر مەنزىلگە قاراپ ئېقىشىغا ئوخشىتىمەن. شۇنداقلا يۈرىكى ئاشۇ يانار تاغلاردىن ئېتىلىپ چىققان ۋولقانلاردەك قىزىل چوغ، قوللىرىدا كۆتۈرگىنى ھاۋانىڭ رەڭگىدىكى بايراق بولغان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدە، دۇنيا جۇغراپىيەسىدە بىر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمەن.2018-يىلى 15-مارتتىن ئىلگىرى بۇ قارارىمغا بىر ئاز شەك بىلەن قارايدىغان بولساممۇ ئەمما 15- مارتتىكى، دۇنيانى قاپلىغان بىر ئاۋاز ۋە بىر قەدەمدىن كېيىن  مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دۇنيادا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشەندىم. ۋە بۇ ئاۋاز بۇ قەدەملەردە بىر ئالاھىدە ھېكمەتنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. شۇڭلاشقا ماقالەمنىڭ ماۋزۇسىنى «بىر ئاۋاز بىر قەدەم، بىر ھېكمەت» دەپ قويدۇم.

مەنمۇ بۇ ۋولقان دەرياسىغا قوشۇلۇش مەقسىتىدە ئۆزۈم تۇرۇشلۇق دۆلەتتىن ئايروپىلان بىلەن ئاۋۋال ۋاشىنگتونغا ئاندىن نيۇ-يورك قا بېرىپ بۇ نامايىشقا قاتناشتىم.

 

ھەيران قالارلىق «ھەمكارلىشىپ ئىشلەش» روھى يەنى «teamwork»

 

ئىلگىرى يازغان بىر ماقالەمدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدە سىز ئادەتتىكى بىر ئىش ئورۇنلىرىغا كىرىپ ئىشلىمەكچى بولسىڭىز ئۇلار سىزدىن، «سىزدە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيدىغان تەجرىبە بارمۇ» دەپ سورايدۇ.

«team work» يەنى ئۇيغۇرچە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەش ياكى ئىشلىيەلمەسلىك غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات سىرلىرىنىڭ بىرى.

ئەپسۇس ئۇيغۇرلاردا،ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا بۇنداق ھەمكارلىشىپ ئىشلەش، بىر-بىرىگە يول قويۇپ ئىشلەش تولىمۇ كەمچىل . ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى، «team work» يەنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر كۈن بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، 14 دۆلەت ۋە18 شەھەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىسى ، ياۋروپا بىرلىكى ئىشخانىسى ۋە خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا، ئوخشاش بايراق، ئوخشاش شوئار، ئوخشاش غەزەپ نەپرەت چۇقانلىرى بىلەن، ھەق ئادالەت نامايىشى قىلىپ تەق بولدى. ئۇلاردا نە شۆھرەت نام ئابرۇي تالىشىش نە ئاپپارات ۋە سىن ئالغۇلارنى قولتۇقىغا قىسىپ توختىماي ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان  ئىللەتلەر يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ سىرتى ئاسمان كەبى زەڭگەر بولغىنى بىلەن، ئىچى بىر پارچە ئوت بىر يالقۇن، بىر يانار تاغ ئىدى.بۇ ئوت ، بۇ چۇقان، قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىڭراۋاتقان نالىسى ئۇلارنى بىر دوقمۇشتا ئۇچراشتۇردى. بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە داۋا قىلىش يولىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ داۋا يولىدا قانداق مۈشكۈلاتلار بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.ئۇلار ئالدى بىلەن whatsup توپلىرىنى قۇرۇپ بىر مەركىزى ئالاقىلىشىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى. ئارقىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەردە تارماق گۇرۇپپىلارنى قۇردى.

 

ھەمكارلىشىپ ئىشلەش(گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەش) نىڭ 7 خىل مۇھىم ئەھمىيىتى.

 

ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مەزلۇم مىللەتلەر ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى ئۆگىنىشى كېرەك. يالغۇز ئىشلىگەندە، ئۈنۈم ۋە نەتىجە ئاستا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ھە دېسە تەشكىلات قۇرۇشقا ئامراق مىللەت . ئەمما تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قۇرۇق لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى، قالپاققا چۇشلۇق قىرغىزنىڭ يوقلىغىنى كورىمىز. بۇ شۇ تەشكىلاتتا ھەمكارلىشىپ ئىشلەش يەنى گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەشنىڭ كاملىغىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلە.ھەمكارلىشىپ گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەشكە تۈركلەرمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تۈركلەر ھەمكارلىشىپ گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەشنى «ékip chalishmasi» دەپ ئاتايدۇ. ھەمكارلىشىپ ئىشلەشتە مۇھىمى قانداق ئىشلەشنى ۋە قانداق ئىشلىتىشنى بىلىش. ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىقتىدارى، ئوخشىمىغان پسىخىك خاراكتېرى بار. ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنىڭ تۆۋەندىكىدەك 7 چوڭ ئەھمىيىتى بار.

1-تېزلىك—ھەمكارلىشىپ گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلىگەندە ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى، نىشانغا تەز يەتكىلى  بولىدۇ

2-ئىشەنچ—ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمكارلىشىپ ئىشلەش بىر تەرەپتىن كىشىلەرگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن بۇ گۇرۇپپا قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئىشەنچلىك قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى كىشىلەر بىر ئادەم قىلغان ئىشقا قارىغاندا كۆپلىگەن كىشىلەر قىلغان ئىشقا بەكرەك ئىشىنىدۇ.

3-قوللاش—باشقىلارنى قوللاش ئىشقا ئاشقان ۋاقىتتا، شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك ئازايغان بولىدۇ. گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەشنىڭ باشلىنىشى قوللاشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ باشقىلارنىڭ يەنى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئۆز- ئارا قوشۇلۇشى ۋە قوللىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش نەتىجىلىك بولىدۇ. قوللاش ئاساسەن پىكىردە قوللاش ۋە ئىش قىلىشتا قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4-ئىلھاملاندۇرۇش—ئىلھاملاندۇرۇش گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىر. پەقەت كەڭ قورساق سەمىمىي ئادەملەرلا باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ.ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەسلىدە  بەك چوڭ كۈچ كەتمەيدۇ. پەقەت «سەن بۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايسەن» دېگەن بىر جۈملە سۆزلا كېتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇ جۈملىنى ئېغىزىدىن چىقىرالايدىغانلار بەك ئاز.

5-يېڭىلىق—دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىش، سىناش ۋە تەتبىقلاش. گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلىگەندە، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن يېڭى پىكىر يېڭى كۆز قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشقىلى، يېڭى يول ، يېڭى پىكىر ۋە يېڭى ئىدىيەلەرنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

6-بىرلىشىش—ھەمكارلىشىپ ئىشلىگۈچىلەر بىر مەقسەت ۋە بىر نىيەتتە ئۆز-ئار بىرلەشكەنلىكى ئۈچۈن، نەتىجە ۋە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بىلىدۇ.

7-ئىجادچانلىق—گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلىگەندە ئىجادچانلىقنى يېڭىلىق يارىتىشنى تەز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ۋە باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرگەن ھەمكارلىشىپ، گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەشنىڭ مېغىزىنى چاققان ئىككى گۇرۇپپىنى بىلىمەن ئۇنىڭ بىرى «مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» يەنە بىرى بىر ئاۋاز بىر قەدەم ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى. «مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» مۇ change.org دا ھازىرغا قەدەر 6 مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. ئۇلار بۇ مۇراجىئەتنامىلەرنى ھەم مۇراجىئەت ھەم دۇنياغا سۇنۇلغان دوكلات تەرىقىسىدە تەييارلىغان بولۇپ بەزىلىرى 9 خىل دۇنياۋى تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. مانا بۇ گۇرۇپپا بولۇپ ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنىڭ مەھسۇلى.

 

بىر ئاۋاز بىر قەدەم ئاياللار ھەرىكىتى، يۇقىرىدىكى ھەمكارلىشىپ گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەشنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇردى شۇڭا ئۇلارنىڭ، بۇ نامايىش ھەرىكىتىنى دۇنيا مىقياسىدىكى تۆۋەندىكى ئەللىك نەچچە ئاخبارات ئورگىنى خەۋەر قىلدى. سىلەرگە ئاپىرىن ئۇيغۇر ئاياللىرى.

 

  1. Time
  2. New York Times
  3. Washington POst
  4. Fox News
  5. US News
  6. Kansas city News
  7. Merced sun star
  8. China digital times
  9. Associated Press
  10. MSN News
  11. Orlando TV (WFTV-ABC Orlando)
  12. Chicago Tribune
  13. MSN World news
  14. NBC News
  15. On Focus Hong Kong
  16. Asahi Shimbun
  17. South China Morning Post
  18. El Debate (Espanche)
  19. The Muslim Vibe
  20. Pittsburgh news (WPXI)
  21. The Muslim Times
  22. Start ATT News
  23. KPVI NBC News
  24. The Brownsville Herald
  25. RT Hong Kong
  26. French Marianne
  27. Las Vegas Sun
  28. Enid News & Eagle
  29. Union Bulletin
  30. Hastings Tribune
  31. Voice of Alexandria
  32. Medicine News
  33. Fredericksburg News
  34. VIDS Press
  35. Business Standard
  36. WDEF World News
  37. Times Daily
  38. Feed Publish
  39. Courier Express
  40. Gazette
  41. Bulgarian News Agency
  42. Central Asia Program
  43. KHIO TV
  44. Missourian News
  45. ABC News

 

زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان، بىر ئاۋاز، بىر قەدەم نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بىز دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ، بۇ سۈكۈناتىنى بۇزۇش مەقسىتىدە يولغا چىقتۇق. بۇ ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ھېچقانچە نەتىجە  ئەمەس، ئەمما تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ رولى بولغاندەك تۇرىدۇ. بىر ئاۋاز، بىر قەدەم دېگەن بۇ بىر ھەرىكەت، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق نامايىش بىلەنلا تۈگەپ قالمايدۇ. بىز بۇندىن كېيىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر ئاۋازدا بولۇپ، ئوخشاش قەدەم ئېلىپ، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بوشلۇقلىرىنى تولۇقلاپ، ئىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىمىز».

 

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىككى كەلىمە ئاچچىق-چۈچۈك سۆز

 

بىر ئاۋاز، بىر قەدەم ئۇيغۇر ئاياللار نامايىشىنىڭ باش شتابى ھېسابلانغان، نيۇ-يوركتىكى نامايىش مەيدانىدا، ئىككى ئايالنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشىۋاتقان تۆۋەندىكىدەك سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.

 

«دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزى ھېسابلانغان، ئامىركىدەك بىر دۆلەتتە، ۋەتىنىمىز مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتسىمۇ، مىڭدەك ئۇيغۇر بۇ نامايىشقا كەلمىسە، مۇستەقىللىقىمىزدىن قانداقمۇ سوز ئاچقىلى بولسۇن>> دېدى بىر خانىم يېنىدىكى يەنە بىر خانىمغا.

 

«شۇنى دېگىنە ئاداش ، ھەتتا ئاشۇ كانادانىڭ بىرقانچە شەھەرلىرىدىن دۆلەت ئاتلاپ بۇ نامايىشقا كەلگەن يەردە، ۋاشىنگتون DC دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنچىلىك ئاز كەلگى  مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ» دېدى يەنە بىر خانىم جاۋابەن.

 

«قانچىلىك چىقار بۈگۈنكى نامايىشتىكى ئادەم؟» دەپ سورىدى يەنە بىر خانىم يېنىدىكى دوستىدىن. ئۇ خانىم ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، 200 ياكى 250 تەك چىقامدىكىن دېدى جاۋابەن.

 

«DC دىكى بىرەر تويغىمۇ بۇنىڭدىن جىق ئادەم كېلىدۇ ئادەتتە» دېدى ئۇ خانىم مەمنۇن بولمىغان بىر قىياپەتتە.

 

«كۆپىنچىسى ئۆزىنى زىيالىي دەپ ئاتىۋالغان بىلەن، ئۇ سورۇن بۇ سورۇندا ۋەتەننى ھېلىلا ئازاد قىلىۋېتىدىغاندەك سۆزلىگىنى بىلەن، مۇشۇنداق ھەقىقىي ۋىجدانىنى تارازىغا سالىدىغان چاغدا بىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ئۇ نېمىلەرنىڭ» دەپ غۇدۇرىدى يەنە بىر ئايال نارازىلىق بىلەن.

 

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋاشىنگتون DC دا 4 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقى مەلۇم. ئەمما نامايىش مەيدانلىرىدا 200 ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئاز.

ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىر لېكسىيەسىدە، مېھماندارچىلىقتىن باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ، «سورۇن ئۇيغۇرلىرى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن. مەن ئويلايمەن ۋە قىياس قىلىمەنكى بۇ  سورۇن ئۇيغۇرلىرى ۋاشىنگتون DC دا بىر قەدەر  كۆپ ئىكەن. نۆۋەتتە «سورۇن ئۇيغۇرلىرى»نى نامايىش ئۇيغۇرلىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ۋاقتى سائىتى يېتىپ كەلدى ھەتتا ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارىساق بولىدۇ. دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسى ھېسابلانغان، بىر ئاۋاز بىر قەدەم نامايىشىنىڭ باش شتابى ھېسابلانغان ئامېرىكىدىكى نامايىش مەيدانىدا، ئادەم سانىنىڭ بۇنداق ئاز بولۇشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

 

بىر ئاۋاز، بىر قەدەمگە يوشۇرۇنغان بىر ھېكمەت

 

كىچىك چاغلىرىمدا مومامنىڭ، ئۆلۈم-يىتىم بولغاندا: «ھەممە تۇققانلارنى بىر يەرگە ئەكېلىپ بەرگەن قېرىندىشىم» دەپ يىغلىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما بۇ سۆزنىڭ تېگىگە تازا يېتەلمىگەن ئىكەنمەن. ئەمدى بىلدىمكى ئۆلۈم-يېتىم، ئايرىلىش ۋە زۇلۇملار، بىر ئائىلىنى ، بىر قوۋمنى شۇنداقلا بىر مىللەتنى بىر يەرگە، بىر ئورتاقلىققا بىر نىشانغا ئەكىلەلەيدىغان ھېكمەت ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا قۇرئاندا ھەر شەررىدە بىر ھېكمەتنىڭ بارلىقىنى، ھەر مۈشكۈلاتتىن كېيىن بىر قۇلايلىقنىڭ بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

مەن بىر ئاۋاز بىر قەدەم ئاياللار نامايىشىنىڭ نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشقا قاتنىشىش، ۋە دۇنيادىكى 14 دۆلەت 18 شەھەردىكى نامايىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، خىتاي زۇلۇمى بىزنى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئاستىغا بىرلەشتۈردى. بۇ ئۇنداق ياكى بۇنداق ئاددىي بىر بىرلىشىش ئەمەس، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر بىرلىشىش. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىر ھېكمىتى بار بۇ ھېكمەت شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا نىسبەتەن بىر ئۇچقۇننىڭ جىلۋە قىلىۋاتقانلىقى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى، سىياسىتىنى كەڭرى قىلىپ، بېرىپ كېلىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مائاشىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇق بېرىپ…..ۋەھاكازا قىلغان بولسا ئىدى. بىز غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ۋە بۇ ئۇيقۇدىن مەڭگۈ ئويغىنالمىغان بولاتتۇق.

مەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن، ئىلگىرى بىزنىڭ نامايىشقا قاتنىشىش ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىمىزدىن ئىنتايىن راھەتسىز بولغان، سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز دەپ كەسكىن گەپ قىلىدىغان، ئاتا- ئانىلىرى ۋەتەندە باشلىق بولغان نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ، قوللىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق ھاۋارەڭ  بايراقنى ئالغانلىقىنى، باشلىرىغا ھاۋارەڭ ياغلىقلارنى چەككەنلىكىنى ۋە توختىماي شوئار توۋلاپ نامايىش مەيدانلىرىنى لەرزىگە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. چۈنكى مەن يۈز يىل تەشۋىق قىلساقمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى بىر ئاۋاز، بىر قەدەمدە كۆرۈۋاتاتتىم. بۇ ئەلۋەتتە بىر ھېكمەت.

 

ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئويغىنىش، مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ باشلىنىشى شۇنداقلا بىر ھېكمەت

ئاياللار مۈرىنى مۈرىگە تىرەشكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھېچقانداق دۈشمەن ئۆتەلمەس دەيدۇ

 

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىشى

 

مەن ۋاشىنگتوندىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىم(12-مارتتىن-18- مارتقا قەدەر) جەريانىدا كۆپلىگەن ئاياللار ئۆلتۈرۈشلىرىگە قاتناشتىم.مېنى ھاياجانغا سالغىنى ئاياللارنىڭ سىياسىي تېمىلار ھەققىدە سۆزلەش مۇنازىرە قىلىشقا ئۆتكەنلىكى بولدى. بۇ ئەلۋەتتە خۇشاللىنارلىق بىر ئىش ئىدى. ئىلگىرى ئاياللار كۆپىنچە، كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت ۋە ماركىلىق نەرسىلەر ھەققىدە گەپ قىلاتتى. بۇنداق چاغلاردا سىياسىي گەپ سۆزلەرنى قىلغان ئاياللار خۇددى ماروژنىنىڭ ئۈستىگە پاتۇرۇپ قويۇلغان بىر تال گىلاستەك يالغۇز قالاتتى. مەن ئاياللار، ئائىلە ئىشلىرى ۋە شەخسى گۈزەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ھالقىپ، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي تېمىلارغا كىرگەن ۋاقتى بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىدە تۈپتىن ئۆزگىرىشنىڭ بىخ سۈرۈشكە باشلىغان ۋاقتى دەپ قارايمەن

 

مەن بىر ئاۋاز بىر قەدەم دىن ئىبارەت بۇ مۇكەممەل «team work» نى روياپقا چىقارغان ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى لىدىر خانىم قىزلارغا، مەكتەپداشلىرىمغا دوستلىرىم ۋە دەۋرداشلىرىمغا ئالاھىدە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ، نام- ئابرۇي ۋە شۆھرەت قوغلاشماستىن، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ روھىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىمنى بىلدۈرمەكچىمەن

 

بىر ئاۋاز، بىر قەدەم ھەرىكىتىگە تەكلىپ پىكىرلەر

 

قاقىرلار ئاسماندا ئۇچقاندا ئالدىدىكى قاقىرنىڭ، قانات قېقىشى ئارقىدىكى قاقىرنىڭ قانات قېقىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ھاۋا ھازىرلاپ بېرىدىكەن. شۇڭا قاقىرلار ئۇچقاندا، V شەكىللىك ئۇچىدىكەن. مانا مۇشۇنداق ھەمكارلىشىپ گۇرۇپپا بولۇپ ئۇچۇش جەريانىدا قاقىرلار قىتئەلەر ئاتلاپ ئۇچۇش جەھەتتە، يالغۇز بىر قاقىر  ئۇچقاندىكىدىن 70% تېزلىكتە ئېگىزلىكتە ئۇچۇش نىشانىغا يېتەلەيدىكەن. ئەگەر بىر قاقىر يارىلانغان بولسا، يەرگە قونىدىغان چاغدا ئىككى قاقىر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يەرگە قونۇشۇپ بېرىدىكەن. مەن دۇنيا مىقياسىدا ئويغانغان ۋە ۋەتىنى مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە دۇنيا سۈكۈناتىنى بۇزۇش مەقسىتىدە يولغا چىققان بارلىق ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ مانا مۇشۇ قاقىرلاردەك مەنزىلىگە قاراپ ئېگىز ئۇچۇشىنى تىلەش بىلەن بىرگە يەنە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم

 

1-           بايراقنىڭ رەڭگى مەسىلىسى.

ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگى ھاۋارەڭ. بايراق بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ سىمۋولى. شۇڭا بايراقنىڭ رەڭگى مەسىلىسىدە چوقۇم ۋە جىددىي ھالەتتە بىرلىككە كېلىش لازىم. بۇ قېتىم بەزى نامايىش نۇقتىلىرىدا، ھاۋا رەڭدىن سەل قېنىق ۋە كۆككە مايىل بىر رەڭدىكى بايراقلارمۇ كۆزگە چېلىقىپ قالدى

 

2-           پلاكات ۋە لوزۇنكىلارغا يېزىلىدىغان خەت ۋە قويۇلىدىغان رەسىملەر دۇنيا بويىچە بىرلىككە كېلىشى، بۇ ئىشلارغا مەخسۇس ئادەملەر ئاجرىتىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن

3-           شوئارلار بىرلىككە كېلىشى كېرەك.

ئاخىرىدا، بىز بىر ئىشقا ئۆزىمىزنى ئاتىغان ۋاقتىمىزدا ئاللانىڭمۇ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن

 

تۈگىدى

 

يىل  2018- 31-مارت

 

Share
4654 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.