logo

trugen jacn

بىريۇسسېلدا «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

d5b4bfcb-0bd4-4e01-b091-62c4faa7c58f

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

10-ئۆكتەبىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. بىريۇسسېل شەھىرىدە ئېچىلغان بۇ يىغىننى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ۋە خىتايدا ئۆزگىرىش تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ تىنچلىقپەرۋەر پائالىيەتلىرىگە دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلغان.

يىغىنغا گېرمانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ۋە خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. بۇ يىغىنغا يەنە ئىلھام توختىنىڭ قىزى ئامېرىكىدىن ئالاھىدە كېلىپ قاتناشتى. يىغىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يىغىنغا ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، ياشلار ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، سىياسەتچى ئىلھان كۈچۈك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىنى قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، ئاكادېمىكلەر، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئىلھام توختىنى بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا تېگىشلىك كىشى قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا چاقىرىق قىلىنغان.

يىغىنغا چاقىرىلغان پىكىر بايان قىلغۇچىلار ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا بولغان پارلامېنت ئەزالىرىغا، ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى پاش قىلدى ۋە خىتاينىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپمۇ، ئىنسانىي ھەق ھوقۇقنى تەلەپ قىلغۇچى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلدى. پروگرامما ئارىلىقىدا ئىلھام توختىنىڭ ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن فىلىم قويۇلدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى يىغىندا ھېس قىلغان ھېس تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بۇنى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن بېرى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/saxarov-ilham-toxti-10102016163636.html

Share
987 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.