logo

trugen jacn

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى بىلدۈردى

41c24b6d-0a5c-469e-860f-01d2074957fe

 ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان. بىراق ئۇلارمۇ ئوخشاشلا دائىرىلەرنىڭ 24 سائەت تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى كۇچادا تۇرۇپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇ يەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چىڭلىقىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. خەۋەردە كۇچادىكى بىر كوچىنىڭ مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىپ، قوراللىق ساقچىلارنىڭ كوچىدا چارلاش قىلىۋاتقانلىقى، بىر تۈۋرۈككە بېكىتىپ قويۇلغان 3 تال كامېرا ئارقىلىق پۈتۈن كوچىنىڭ كۆزىتىلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە شەھەردە ھەر يۈز مېتىردا بىر گۇماندار ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تۇتۇش ئېلانلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، قەدەمدە بىر تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، كامېرالار، ئەسكەرلەر، قاتتىق قوللۇق سىياسەت ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ كۈچىنى پوپوزا قىلىدىغان ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇپمۇ تىنچلىق يارىتالماي، ئاخىرى چارىنى مىللەتلەر ئۆز ئارا تويلىشىش سىياسىتىدىن ئىزدىمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان

بىراق ئۇلار سىياسەتنىڭ ئەكسىچە رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتتىن ۋە دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە قىلىۋاتقان بېسىمىدىن ۋە شۇنداقلا توختىماي ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەردىن نارازى. بىراق، خىتايلار بولسا ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىگە ھەشقاللا ئېيتىشمىدى، دەپ قارايدۇ. كۇچا ۋە شۇنداقلا ئاقسۇغا يېقىن باشقا شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوخشىمايدىغان رايونلاردا ياشايدۇ. خىتاي مەھەللىلىرى خۇددى قۇملۇققا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي شەھەرلىرىگىلا ئوخشايدۇ. ئۇ يەردە يەرلىكنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى يوق دېيەرلىك. بۇ ئىككى مىللەت بىر-بىرىنىڭ تىلىنى ئاساسەن سۆزلىمەيدۇ. ئاقسۇدىكى بىر ئوتتۇرا ياشلىق خىتاي ئايال «ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بېرىپ قالساڭلا، كېچىدە تالاغا چىقماڭلار، بىخەتەر ئەمەس» دېدى. ئاقسۇدىكى خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ تاملىرى ئېگىز ئۆرۈلگەن ۋە تام ئۈستىگە تىغ بېكىتىلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، يېقىندا يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەندە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن مەخسۇس «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان» ئىشلەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە ئۆلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان

خەۋەردە، «خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئەھۋاللار توغرۇلۇق مۇستەقىل خەۋەر بېرىشنىمۇ چەكلەيدۇ» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 3 نەپەر مۇخبىرى بارغان بولۇپ، ئۇلار كۇچا ئايرودرومىغا كېلە-كەلمەيلا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. كېيىن ئۇلار ئايرودرومدىن چىققان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇلارنى 24 سائەت تەقىب قىلغان. ساقچىلار ئاشخانىدىمۇ، مېھمانخانىدىمۇ ھەتتا ھاجەتخانىدىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان

خەۋەردە بۇ مۇخبىرلار ئاقسۇدىكى بىر رېستوراندا كۆرگەن ئەھۋال مۇنداق بايان قىلىنغان: مۇخبىرلار ئاشخانىدىن ئايرىلاي دەپ تۇرغاندا، ئاشخانىدىكى بىر ئۇيغۇر خىزمەتچى ئۇلارغا قاراپ، تىلىنى چىقىرىپ ئىككى بارمىقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، خۇددى قايچا بىلەن كەسكەندەك ئىشارەت قىلغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئېغىر بېسىم سىياسىتىنىڭ ئاقىۋەتتە زور بىر توپىلاڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خىتاي تەتقىقاتچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئارقىلىق رايوننى پەلەستىنگە ئوخشىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئەگەر بىر كۈنى بۇ دىكتاتور ھاكىمىيەت ئۆرۈلۈپ چۈشسە، رايوندىكى ئېتنىك ئۆچمەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇش ئىنتايىن ۋەھشىي بولۇشى مۇمكىن. بۇ قورقۇنچلۇق، دېدى

خەۋەردە خىتاي تەتقىقاتچى ۋاڭ لىشيۇڭنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىغىمۇ يەر بېرىلگەن. ۋاڭ لىشيۇڭ بۇ ھەقتە «ھۆكۈمەت بۇنى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىشى، دېگەن بىلەن باشقىلار ئۇنى ئېتنىك ئاسسىمىلياتسىيە دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشنىڭ ئۆزى، ئۇيغۇرلارنى خىتايدەك تەپەككۇر قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغانمۇ؟» دەپ مۇلاھىزە قىلغان

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ مۇلاھىزىسىگىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھەرقانداق سىياسىتى-مەسىلەن، تىل، دىن، پىلانلىق تۇغۇت، كۆچمەن يۆتكەش سىياسەتلىرى ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ باقمىغان. ھۆكۈمەت ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىپ باقمىغان» دېگەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى قوغداپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، پاسپورت ئېلىش ۋە بانكىدىن قەرز ئېلىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئايرىمىچىلىق ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىقنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئەكسىچە يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ نارازى قىلىدىغان سىياسەتتىن بېشارەت بېرىپ «ئۇيغۇرلارغىمۇ بىر پەرزەنتلىك تۈزۈم يولغا قويۇش» توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا خوڭكوڭ بىلىم ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقاتچىسى باررىي سۇتماننىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بەرگەن

باررىي سۇتمان سۆزىدە «مۇسۇلمانلار پەرزەنتنى خۇدا بەرگەن ھەدىيە دەپ قارايدۇ، بىر كىشىگە مۇنچە بالا ئالىسەن دەپ نورما بېكىتىپ بېرىش ياكى ئالمايسەن دەپ مەجبۇرلاشنىڭ ئۆزىلا شەخسنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋاي دەپ قالدى، ئەگەر بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىپلا قالسا، تۈگىمەس بالاغا قالىدۇ» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xelqara-uyghur-09052014175720.html

خەۋەردە، گەرچە جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزىنىڭ قاچان ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىق ئىنكاسنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنىڭ مۇقەررەرلىكى ئەسكەرتىلگەن.

Share
1480 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.