logo

trugen jacn

بورتالا ساقچىلىرى رابىيخان ئانىغا پاسپورتىنىڭ بېرىلمەسلىكىنى مەركەزنىڭ بۇيرۇغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ بورتالادىكى ساقچىلىرى ئالدىنقى كۈنى رابىيخان مۇسا ئانا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ پاسپورت ئىشى ھەققىدە بېيجىڭدىن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش كەلگەنلىكىنى، ئۇقتۇرۇشتا بېرىلمەسلىك بۇيرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشتا چارىسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ساقچىلار رابىيخان ئانىنى نورۋېگىيەدىكى بالىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەكرار ئۈندىگەن. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن رابىيخان ئانىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ۋە كۆيۈنۈپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيخان ئانا بولسا ئۆزىگە بېشى بىلەن تەڭ ئالتۇن بېرىلسىمۇ بالىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، پەرزەنتلىرىدىن باشقىسى تەرىپىدىن بېقىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ ئىككى نەپەر ئايال ساقچى خادىمىنىڭ سۆھبەت داۋامىدىكى ساختا مېھرىبانلىقىنى قوبۇل قىلمىغان.

ساقچىلار بىلەن رابىيخان ئانا ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردىن قارىغاندا، رابىيخان ئانا ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بورتالا ساقچىلىرى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېڭىرقىغان ۋە 82 ياشلىق موماينىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىش-بەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئاددىي بىر ئىشتىمۇ ئۆز ئالدىغا قارار بېرەلمىگەن. يەنە رابىيخان ئانىنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئىشقا ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ ئارىلاشمىغان ياكى ئارىلىشالمىغان ۋە مۇشۇ سەۋەبلىك بورتالا ساقچىلىرى مەركەزنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان.

يۇقىرىقى سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئوغلى ھەققىدە بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن پاسپورتنى بەرمەسلىكىنى بۇيرۇغانلىقى مەلۇم؛ ئەمما تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، قولىدىكى مەۋجۇت ئارخىپلارغا قارىغانلىقى ياكى چەتئەلدىكى ‹قۇلاق› لىرى ئارقىلىق ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/rabiyxan-musa-ana-11152016162617.html

 

Share
1176 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.