logo

trugen jacn

باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ 6 نەپەر ئەمەس، ئاز دېگەندە 9 ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن يىل 18 – سېنتەبىر باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن سوغان كۆمۈركان ھۇجۇمىنى 56 كۈن كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلغان خىتاي ئاخباراتى ھۇجۇم يۈز بەرگەن كۈنى 3 رەسمىي، 2 ياردمچى ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، گۇماندارلارنى قوغلاپ زەربە بېرىش جەريانىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى مەمەت توختىنىيازنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، ئەمما چارلاش دۋامىدا ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەققىدە توختالمىغان ئىدى. بۈگۈن رايوندىكى مەلۇم بىر ساقچىلار ئۈندىدار توپىدا تارقالغان بىر ئۇچۇردىن ئاشكارىلىنىشىچە چارلاش داۋامىدا مەمەت توختىنىيازدىن باشقا يەنە باي ناھىيىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ كېيۈن قاتارلىق 3 ساقچىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر ئۇچۇردا مەمەت توختىنىيازدىن باشقا 8 ساقچىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن نام ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئوقۇلغان مەرسىيە ئورۇن ئالغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ:

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن ئۈندىداردا تارقالغان بىر ئۇچۇردىن ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىىرىنى ئىزدەش ۋە زەربە بېرىش ئوپىراتىسىيەسى داۋامىدا، باي ناھىيىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ كېيۈن، ئالاھىدە ساقچى خادىمى لوتيەنيوڭ ۋە ياردەمچى ساقچى ياقۇپ ياسىن قاتارلىق 3 ساقچىمۇ ئۆلگەن. خىتاي ئاخباراتى ھازىرغا ۋەقەدە ساقچى تەرەپتىن 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان؛ ئوپېراتسىيە داۋامىدا ئۆلگەن يۇقىرىقى 3 ساقچى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. بۈگۈنكى ئۈندىدار خەۋىرىدە باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن مەمەت توختىنىيازدىن باشقا 8 نەپەر ساقچى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇلاردىن 4 نەپىرى خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، بۇلار تېرەك بازار ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ فېڭ، مەزكۇر ساقچىخانا خادىمى خوڭ جيەنۋېن، باي ناھىيىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ كېيۈن ۋە ئالاھىدە ساقچى خادىمى لو تيەنيوڭ قاتارلىقلار؛ خەۋەردە بىلدۈرىلىشىچە بۇ تۆت ساقچىغا«ئىنقىلابىي قوربان» ۋە 2 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان دەپ نام بېرىلگەن. قالغان 4 نەپەر ساقچى ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلار ئابدۇزايىر قۇربان، ئەكبەر ئوسمان، ياقۇپ ياسىن ۋە ئىلياس توختى قاترالىقلار، بۇلاردىن ئابدۇزايىر قۇربان تېرەك بازار ساقچىخانىسىنىڭ رەسمىي ساقچىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا«ئىنقىلابىي قۇربان» ۋە 2 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان دەپ نام بېرىلگەن؛ قالغان ئۈچ نەپىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئۇلارغا پەقەت «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپلا نام بېرىلگەن.

بۇ ئاشكارىلانغان 8 كىشىدىن 5 نەپىرىنىڭ كىملىكى رادىئومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇر رادىئومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى. بۈگۈنكى بۇ ساقچىلارنىڭ ئۈندىدار ئۇچۇرىدا يەنە مەزكۇر 8 شەخسكە قارىتا يېزىلغان بىر مەرسىيەمۇ ئورۇن ئالغان. مەرسىيەدە ئۇلارنڭ ئاتالمىش باتۇرلۇقى ۋە پىداكارلىقىغا ئاپىرىنلار ئوقۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. مانا بۇ، باي ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ساقچىلاردىن مەمەت توختىنىيازدىن باشقىلىرىنىڭ كىلىملىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ سانى خىتاي ئىلگىرى ئېلان قىلغاندەك 6 نەپەر بولماستىن بەلكى ئاز دېگەندە 9 نەپەر. بۇلاردىن ئۈچ نەپىرى ساقچى ئەمەلدارى. ۋەقەدە ئۆلگەن ئەمەلدارلار سانى نەزەردە تۇتۇلسا، باي كۆمۈركان ھۇجۇمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىچىدە خىتاي ساقچىلىرىغا بىر نۆۋەت ئېغىر زەربە بەرگەن بىر ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى ئىلگىرىكى ۋەقەلەردە يەكەندە بىر قوراللىق قىسىم ئەترىتىنىڭ باشلىقى، سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە بىر ساقچى پونكىتى باشلىقى ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىر قېتىملىق ۋەقەدە ساقچى تەرەپتىن 3 ئەمەلدارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى تۇنجى قېتىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ خىتاي ساقى ۋە كۆچمەنلىرىنى ئۈركۈتۈپ قويماسلىق ۋە ئۇيغۇر قارشلىلاشقۇچىلارنى جاسارەتلەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ۋەقەنى كېچىكتۈرۈپ خەۋەر قىلغانلىقى، بولۇپمۇ ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ كىملىكى ۋە سانىنى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى:

كانادا تۇرۇشلۇق سىياسىي ۋەزىيەت ئانالزىچىسى مەمەت توختى بۇ ھەقتە : «خىتاينىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك نىشانلىرىدىن بىرى رايوننىڭ دېموگراپىيەسىنى ئۆزگەرتىش يەنى خىتاي نوپۇسىنى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا ئەكىلىش، بۇ يالغۇز نوپۇس يۆتكەش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، يۆتكەلگەن نوپۇس ئۇ يەردە تۇرۇشى كېرەك، تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاردا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، بۇنداق ۋەقەلەردە ساقچىلارنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى بېرىش مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا ماس ئەمەس، شۇڭا خىتاي خەۋەرلىرىدە ساقچىلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۆلتۈرۈلۈش جەريانى تىلغا ئېلىنمىدى دەپ قارايمەن» دېدى.

باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ كىملىكى ۋە سانى ھەققىدىكى يۇقىرىقى يېڭى ئۇچۇرلار، باي ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلاردا يەنە كۆپلىگەن كەمتۈكلۈكلەرنىڭ بارلىقى ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بايدا قوغلاپ – زەربە بېرىش ئوپېراتسىيىسى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شىۋىتسىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» گۇماندارلارنىڭ قېچىش جەريانىدىمۇ ساقچىلارغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكى، بەزى ئۇيغۇر چارلىغۇچىلارنىڭ گۇماندارلارنىڭ سېپىگە قېتىلىپ كەتكەنلىكى، بىر قىسىم گۇماندارلارنىڭ خىتاي مەتبۇالىرى ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشتى دېگەن چاغدىمۇ تېخى تۇتۇلمىغانلىقى ھەققىدە رادىئومىزغا بەزى ئۇچۇرلارنى يوللىغان، ئەمما بۇ ئۇچۇرلار ئەينى چاغدا بايدىكى دائىرىلەر ياكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن خەۋەر قىلىنمىغان ئىدى. ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ يۇقىرىقى يېڭى تىزىملىكى، ئەنە شۇ خەۋەر قىلىنمىغان ئۇچۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bay-weqesi-01112016220318.html

Share
1528 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.