logo

trugen jacn

باي ناھىيىسى ياقائېرىقتا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 17 كىشى ئۆلگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0220-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

ىككى كۈن ئاۋۋال، يەنى 17 – فېۋرال كۈنى ئاقسۇ باي ناھىيىسىنىڭ ياقائېرىق بازىرىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 17 كىشى ئۆلگەن. توقۇنۇش ساقچىلارنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشى داۋامىدا كېلىپ چىققان. تۇرغۇن بىلال باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار گۇرۇھى بىر ئۆيگە توپلىنىپ ئولتۇرغىنىدا ساقچىخانا باشلىقى قاسىم ئىمىن 7 – 8 ياردەمچى ساقچىنى باشلاپ ئۆي تەكشۈرۈشكە كىرگەن.

پىدائىيلار ئورۇنلىرىدىن چاچراپ تۇرۇپ ئاۋۋال قاسىم ئىمىرنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋالغان، ئارقىدىن پىچاق ۋە پالتىلارنى قوللىرىغا ئېلىپ ساقچىلارنى چاناپ ۋە چېپىپ ئۆيىدىن قوغلىغان. پىدائىيلار ساقچىلارنى ئارقىسىدىن قوغلاپ ساقچىخانىغا يېقىنلاشقاندا، ساقچىخانا ئىچىدىكى رەسمىي ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. قاسىم ئىمىر بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 4 ساقچى ئۆلگەن. ساقچىلار ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان دوختۇرخانا باشلىقى جۈمە ھەققۇلى ۋە ئۇنىڭ 16 ياشلىق قىزىنى، شۇنداقلا 4 – كەنتلىك 2 دېھقاننى گۇماندارلار قاتارىدا ساناپ ئېتىۋەتكەن.

ۋەقەدە ئۆلگەن بىر رەسمىي، 3 ياردەمچى ساقچىنىڭ ئىسىملىرى : قاسىم ئىمىر (ساقچىخانا باشلىقى)، ئەلى جان، ئابدۇل قادىر، سەمەت ئەخمەت؛ ۋەقەدە ئۆلگەن 9 گۇمانداردىن 3 نەپىرىنىڭ ئىسملىرى: تۇرغۇن بىلال، ئۆمەر مەمەت، تۇنىياز ھەسەن. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغىنى: ئازادەم نۇر، ئابلىز ئابلا قاتارلىق بەش كىشى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bay-weqesi-02202015204409.html

Share
1932 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.