logo

trugen jacn

باي كۆمۈر كان ھۇجۇمىنىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى ھەققىدە يىپ ئۇچى ئۇچۇرلار

7ee44ff6-0701-465e-878e-7f7dfed6a808

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاشكارىلىنىشىچە، بايدا 18-سېنتەبىر كۆمۈر كان ھۇجۇمى يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال، گۇماندارلار تەۋە بولغان چوكىتال چارۋا مەيداندا 6 قېتىم ئەسەبىيلىككە قارشى «تەلىم-تەربىيە» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان، ۋەقە گۇماندارلىرى بۇ ھەرىكەت داۋامىدا نۇقتىلىق تەربىيىلەش ئوبيېكتى بولغان. گۇماندار مەمەت ئەيسا ئاخىرقى قېتىم 7-سېنتەبىر كۈنى مەيداندا 3 كۈن «تەربىيە» لەنگەندىن كېيىن، يەنە 15 كۈنلۈك قوشۇمچە «تەربىيە» لىنىش ئۈچۈن، يېزىلىق ساقچىخانىغا يوللاپ بېرىلگەن، ئەمما ساقچىخانىدا بوش ئورۇن بولمىغاچقا، يەنى تۇتقۇنلار بىلەن تولغان بولغاچقا،10-سېنتەبىر كۈنى ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلگەن.

گۇماندارلاردىن مەخمۇت تۇرسۇن ئەسەبىيلىككە قارشى پائالىيەتتە مەيدان سېكرېتارى تەرىپىدىن گەجگىسىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ زامانىۋى ئۇسۇلغا سېلىنغان.

گۇماندار مەمەت ئەيسا، ئوۋچىلىقتىكى شاگىرتىنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان قىزىنى بېقىۋالغىنى ئۈچۈن 2500 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. مەمەت ئەيسا ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن دوست، جۆرە، پەرزەنت ۋە قېرىنداشلىرىدىن تەشكىللەنگەن 3 جەمەت سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر كۆمۈر كان ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان.

مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە مەزكۇر چارۋا مەيداننىڭ مۇئاۋىن باشلىقىدىن ئۇچۇر ئىگىلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مەقسەت جەھەتتىن خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ شۇ كۈن، شۇ جايدا يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولغان قوزغاتقۇچ سەۋەبلەر كۆپىنچە چاغلاردا پەرقلىقتۇر. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا باي كۆمۈركان ھۇجۇمىدا بايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش دولقۇنى قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10192015151128.html

Share
1322 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.