logo

trugen jacn

باي كۆمۈركان ھۇجۇمچى گۇماندارلىرىدىن 3 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلاندى

b66f455f-c87e-4bed-9c35-1664a5ef97d3

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

باي ناھىيىسىنىڭ كانچى يېزىلىق ھۆكۈمىتىدە بۈگۈن ئەتىگەن ئېچىلغان مۇقىملىق خىزمىتى مۇزاكىرە يىغىنىدا 18-سېنتەبىر سوغان كۆمۈركان ۋەقەسى ھۇجۇمچى گۇماندارلىرىدىن 3 نەپىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

يىغىندا تۇرسۇن جۈمە، مۇسا توختىنىياز ۋە مەمەت ئەيسا قاتارلىقلار تەۋە بولغان 3 جەمەت كىشىلەرنىڭ ۋەقە گۇماندارلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كانچى يېزىسىنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكى بايان قىلىنغان، ئەمما بۇ ئۈچ گۇماندارنىڭ ۋەقەگە ئائىلە ئەزالىرى يەنى جەمەتلىرى بويىچە قېتىلغان ياكى ئۆزلىرى يالغۇز قېتىلغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىگەن. مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇماندار تۇرسۇن جۈمە 35-40 ياش ئارىسىدا، مۇسا توختىنىياز 45-50 ياش ئارىسىدا بولۇپ، بۇلار كانچى يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ چوكىتال مەھەللىسىدىن؛ گۇماندار مەمەت ئەيسا 60 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ مەزكۇر چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ يۇلغۇنلۇق مەھەللىسىدىن.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن يەنە مەزكۇر 3 گۇماندارنىڭ ئائىلىسى بويىچە يوق ئىكەنلىكى يەنى جەمەت بويىچە غايىب ئىكەنلىكى ۋە ئىزدىلىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بولسا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ كىشى ياكى جەمەتنى گۇماندار دەپ بېكىتىشتە، ئۇلارنىڭ ۋەقەدە رول ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بەلگىلىك پاكىتلارغا تايانغانلىقى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە بويىچە يوق بولۇشتەك غايىپلىقىغا قاراپ بېكىتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10132015160834.html

Share
1986 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.