logo

trugen jacn

باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگۈچىلەر 500 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى ئىزدەش ئوپىراتسىيەسى 25-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، يەنى 13-ئۆكتەبىر كۈنى باي ناھىيىسىنىڭ كان يېزىلىق ھۆكۈمىتىدە يىغىن ئېچىلىپ، ھۇجۇم گۇماندارلىرىدىن تۇرسۇن جۈمە، مۇسا توختىنىياز ۋە مەمەت ئەيسا قاتارلىق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ غايىب ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرگە، تەمىنلىگەن ئۇچۇرىنىڭ قىممىتىگە قاراپ، 200 مىڭ، 300 مىڭ ۋە 500 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. يىغىندا يەنە مەزكۇر گۇماندارلارنى يوشۇرغۇچىلار ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، جىنايەتچىنى يوشۇرۇش قىلمىشىغا كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ھۇجۇم گۇماندارلىرىنىڭ تەۋەلىكى بولغان كانچى يېزىسىدىكى كەنت مەسئۇللىرى، نۆۋەتچى خادىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قارشى تەرەپنىڭ ئەنسىز كەيپىياتى ۋە زورلانما جاۋابلىرىمۇ خىتاي تەرەپنىڭ گۇماندارلارنى تېپىشتا ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇم گۇماندارلىرى ھەققىدىكى بەزى كوچا پەرەزلىرىدە ھۇجۇم گۇماندارلىرىنىڭ 3 ئائىلە يەنى 3 جەمەت كىشىلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تۈنۈگۈن كانچى يېزىلىق ھۆكۈمەت يىغىندا ئېلان قىلغان گۇماندارلار ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىمۇ «3 جەمەت» ئىبارىسى تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈن يەنە باي كۆمۈركان ھۇجۇمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاقسۇغا بارغان، ئەمما خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن بايغا بېرىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان، بىر چەتئەل مۇخبىرىنىڭ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇدا ئۆتكەن ھەپتە بىر تامغا چاپلانغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا بىر نەپەر ئايال گۇماندارنىڭمۇ رەسىمى كۆرسىتىلگەن. ئەمما تۇتۇش بۇيرۇقى ئۇزۇن ئۆتمەي تامدىن سۆكۈۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى ئارىسىدا ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى ۋە ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ 3 جەمەت كىشىلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10142015144920.html

Share
2553 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.