logo

trugen jacn

باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ باي چارۋىدارلار ئىكەنلىكى، مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

18-سېنتەبىر كۈنى ئاقسۇ بايدا يۈز بەرگەن كۆمۈركان ھۇجۇمى ھۇجۇمچىلىرىنىڭ باي چارۋىدارلار ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن ھەربىر ئائىلىنىڭ 500 دىن 1000 تۇياققىچە چارۋا مېلى، 4 پەسىللىك ئايرىم-ئايرىم يايلاقلىرى، بۇ يايلاقلىرىدا پىششىق خىشلىق مال قوتانلىرى بارلىقى، ئالىي قورۇ-جايلىرى بىلەن بىرلىكتە ماشىنا، تراكتور ۋە موتسىكلىتلىرى بارلىقى، يەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەزكۇر چارۋىچىلىق مەيدانى بويىچىلا ئەمەس، بەلكى يېزا ۋە ناھىيە بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئائىلىلەردىن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
مەزكۇر مەيدان سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار 17-سېنتەبىر كۈنى كېچىدە يۇقىرىقى مال-بىساتلىرىنىڭ ھەممىنى تەرك ئېتىپ، قورۇ جايلىرىنىڭ ئىشىكلىرى داغدام ئېچىقلىق ھالەتتە ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان ۋە ھۇجۇمغا ئاتلانغان.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مەزكۇر مەيدان رەھبەرلىرى ھۇجۇمچى 3 جەمەتنىڭ مال-ۋارانلىرىدىن باشقا زىلچا-گىلەم، ئۆي-سايمان قاتارلىق بارلىق ئۆي-بىساتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلاردىن بىرى، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىكەنلىكى، يەنى ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن نامرات قالدۇرۇلغاچقا، رايوننىڭ تەرەققىياتىدىن بەھرىمەن بولالمىغاچقا، رايوندا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىقمايۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي ئادالەتسىزلىك تۈگىتىلسە، رايوننىڭ تىنچىيدىغانلىقىدۇر؛ ئەمما بۇنىڭغا نىسبەتەن قارشى پىكىر بولسا مەسىلىنىڭ يىلتىزى يالغۇز ئىقتىسادىدا ئەمەس، مۇھىمى سىياسىي ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلمىغۇچە رايوننىڭ تىنچىمايدىغانلىقىدۇر. باي كۆمۈركان ھۇجۇمىنىڭ نىشانى مەسىلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرسە، ھۇجۇمچىلارنىڭ باي چارۋىدار ئىكەنلىكى مەسىلە يىلتىزىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10202015151529.html

Share
1254 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.