logo

trugen jacn

باي كۆمۈركان ھۇجۇمى گۇماندارلىرىنىڭ 3 جەمەتتىن 17 كىشى ئىكەنلىكى، ئارىلىرىدا 4 ئايال ۋە 3 بالىنىڭمۇ بارلىقى ئايدىڭلاشتى

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا 18 – سىنتەبىر كۈنى 50دىن ئارتۇق ساقچى ۋە خىتاي كۆمۈركان ئىشچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئاساسلىق ھۇجۇم گۇماندارلىرىنىڭ باي كانچى يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەزالىرىدىن مۇسا توختىنىياز قاتارلىق 3 جەمەتتىن 17 كىشى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 4 ئايال ۋە 3 بالىنىڭمۇ بارلىقى ئايدىڭلاشتى. گۇماندارلار تەۋە بولغان كانچى يېزا چارۋىچىلىق مەيدانى باشلىقىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، بۇ ئۈچ ئائىلە مەزكۇر چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم ۋە ئۆز – ئارا دوستلۇق، پىكىرداشلىق ۋە قۇدا – باجىلىق مۇناسۋىتى بار ئائىلىلەردىن بولۇپ، ئۇلار ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن سوغان كۆمۈر كاننىڭ يېنىدىكى يەۋەندى تاغ باغرىغا چېكىنىپ غايىپ بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ جەمەتنىڭ باشلىقى مۇسا توختىنىياز، مەمەت ئەيسا ۋە تۇرسۇن جۈمەلەر تەجرىبىلىك ئوۋچى ۋە ئۇستا مەرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئاپتوماتىك قورال ياساش ۋە قورال ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. ئۇلار ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم يەنى ۋەقە يۈز بېرىپ 3 سائەتتىن كېيىن، بويۇنلىرىغا قىلىچ ۋە ئوقيالىرىنى ئاسقان، قوللىرىدا مىلتىق تۇتقان، ئايال – بالىلىرىنى ئاتقا مىنگۈزگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۈستى بېشى قانغا مىلەنگەن ھالەتتە سۇ ئېقىنىنى بويلاپ تاغ ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىدا مەيداندىكى بىر چارۋىچى تەرىپىدىن بايقالغان.

بايان قىلىنىشىچە، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۇ 17 گۇماندارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئۈچ ئائىلىنىڭ ۋەقەدە رول ئالغان ئەزالىرى 14، بىللە ئېلىپ ماڭغان بالىلىرى 3 نەپەر.

مەمەت ئەيسا ئائىلىسىدىن 9 كىشى:

مەمەت ئەيسا (60)
ئايالى زۆرەم مامۇت (55)
چوڭ ئوغلى تۇنىياز مەمەت (33)
چوڭ كېلىنى : ئايىمنىسا روزى (30)
ئىككىنچى ئوغلى: تۇرسۇن مەمەت (28)
كىچىك كېلىنى رەيھان مۇسا (28)
نۇردۇن مەمەت  ) ئەسكەر بولغىنى ( 24
ئىنىسى ئەمەت  ئەيسانىڭ ئوغلى قۇترەت ئەمەت (26)
ئېلىپ مېڭىلغان بالا بىر: مۇنىرە 9 ياشلىق بېقىۋېلىنغان قىز.

تۇرسۇن جۈمە ئائىلىسىدىن 4 كىشى :

تۇرسۇن جۇمە   (46)
ئايالى: مەريەم ئابدۇرېھىم،   (44)
چوڭ ئوغلى مەھمۇت تۇرسۇن (26)
كىچىك ئوغلى مۇتەللىپ تۇرسۇن (24)
ئېلىپ مېڭىلغان بالا  6 ۋە 1 ياشلىق ئىككى ئوغۇل

مۇسا توختىنىياز ئائىلىسىدىن 4 كىشى:

مۇسا توختىنىياز   (47)
ئايالى: قەمبەرخان مەمەتنىياز (45)
چوڭ ئوغلى رەھمىتۇللا مۇسا (26)
ئەسمىتۇللاھ مۇسا(23)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باي ناھىيە كانچى يېزىسىغا تەۋە بولغان يۇقىرىقى 3 جەمەت گۇماندارلار 18 – سىنتەبىر كۆمۈركان ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارلىرى سۈپتىدە ئىزدەلمەكتە. دائىرىلەر بۇ 17 كىشى ئىچىدىكى 4 ئايال ۋە 3 بالىنىمۇ ھۇجۇم گۇماندارى دەپ ئېلان قىلغان، ئەمما بۇلارنىڭ بۇ ھۇجۇمدا قانداق رول ئالغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن. يەنى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھۇجۇم مەيدانىدا بارلىقى ۋە ياكى ھۇجۇمدىن كېيىن قېچىش جەريانىدا ھۇجۇمچىلارغا ھەمراھ بولغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. يەنە تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى ئارىسىدا، بۇ 3 جەمەتنىڭ سىرتىدا، كانچى يېزىسىدىن باشقا تەۋەلىكتىن قاتناشقانلارمۇ بار، ئەمما بۇ ھەقتە رەسمىي ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bay-weqesi-10162015222050.html

Share
2277 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.