logo

trugen jacn

بايدىكى كۆمۈر كان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 50 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

7ee44ff6-0701-465e-878e-7f7dfed6a808

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر بەرگەن شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بۈگۈن يەنە بىر تولۇقلىما خەۋەر بېرىپ، ۋەقەدە 70 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا تېرەك بازاردىكى بىر نۆۋەتچى خادىم دائىرىلەرنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ سانىنى تېخى ئاشكارىلىمىغانلىقى، پەقەت «بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ سالمىقى بىرئاز ئېغىر بولدى » دەپلا ئۇقتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ نۆۋەتچى خادىمنىڭ دائىرىلەردىن ئۇقۇشىچە، ۋەقەدە شۇ كۈنى كاننىڭ 6 قەۋەتلىك ئىشچىلار ياتاق بىناسىدا دەم ئېلىۋاتقان ۋە ئىشقا چۈشۈشكە تەييارلىنىۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلگەن ياكى يارىلانغان، كان ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلىرىلا ئامان قالغان.

بۇ خادىم يەنە، كوچىدا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ۋەقەدە ئاز دېگەندە 50 كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ھۇجۇمچىلارنىڭ سانىنىڭ ئاز دېگەندە 20-30چە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-09282015160419.html

Share
1455 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.