logo

trugen jacn

بايدا ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي: چارۋىچىلار تاغنى بوشاتقان، چارلاش قاراباغقا قەدەر كېڭەيگەن

 

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاشكارىلىنىشىچە، باي ناھىيىسىدە 18-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىيەت كۈندىن-كۈنگە جىددىيلەشمەكتە، بۇنداق بولۇشى ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 12 كۈن بولغىنىغا قارىماي پىدائىيلار تېخىچە تۇتۇلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پىدائىيلارنىڭ تۇتۇلماسلىقىغا ئۇلار چېكىنگەن تاغ يوللىرىنىڭ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىكى، پىدائىيلارنىڭ مەزكۇر يوللار بىلەن پۇختا تونۇشلۇقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ قورالىنى ئولجا ئالغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغان.

تەۋەلىكتە مال بېقىۋاتقان چارۋىچىلار تاغنى خىتاي قوراللىق قىسىم ۋە ساقچىلارغا بوشىتىپ بەرگەن، چارلاش تاغنىڭ تېرەك بازار ياقىسىدىن قاراباغ يېزا ياقىسىغا قاراپ كېڭەيگەن. نۆۋەتتە باي ناھىيىسىنىڭ تېرەك بازار، بۇلۇڭ ۋە قاراباغ يېزىسىدىكى كەنت مەركەزلىرىدە ئاياللار توپلىنىپ چارلىغۇچىلارغا تاماق ئېتىشكە سېلىنسا، ياشلار دوقمۇش-دوقمۇشتا نۆۋەتچىلىككە قويۇلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-09292015143309.html

Share
1360 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.