logo

trugen jacn

بالىسىنى بىر كۈن «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» كە بەرگەن ئىمام 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزا دۆڭباغ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇخەبەر ئەخمەت بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن بىر ئوغلى ئۆز مەھەللىسىدىكى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بىر كۈن بېرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بۇلتۇر 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن. ئۇ نۆۋەتتە كورلادىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازا لاگېرىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك كادىرلار ۋە ئەمەلدارلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا رايوندىكى تۇتقۇن ۋە كېسىملەر ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار ئاشكارىلانماقتا. كەنت كادىرلىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزا دۆڭباغ مەسچىتىنىڭ ئىمامى 46 ياشلىق ئابدۇخەبەر ئەخمەت بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى بىر ئوغلى 4 مەھەللىسىدىكى بىر «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» كە بىر كۈن قاتنىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا 5 يىل 6 ئايلىق كېسىۋېتىلگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىق يولى بىلەن ئېتىبار ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ۋە «بەشتە ياخشى دىنىي زات» بولۇپ باھالىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇخەبەر ئەخمەت نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيە» دولقۇنىدا ئامان قالمىغان. بۇ نۇقتىنى ئۇرچى يېزىسىدىكى بىر كەنت مۇدىرىمۇ دەلىللىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئەھۋال 2016‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان «مەسىلە تاپشۇرۇش» ھەرىكىتى داۋامىدا پاش بولغان. ئىمام ئابدۇخەبەر ئەخمەت شۇ قېتىملىق يىغىندا بىر ئوغلىنىڭ مەھەللىدىكى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بىر كۈن قاتنىشىپ قالغانلىقىنى ئۆزى مەلۇم قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالنى قانداق بىر ئۈمىد-تاما بىلەن ياكى قايسى دەرىجىدىكى بىر تەھدىت ئاستىدا مەلۇم قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. كەنت مۇدىرى ئابدۇخەبەر ئەخمەتنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئۆزى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، يەنى 5 يىل ئالتە ئايلىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا، 7 يىللىق كېسىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى، سابىق «بەشتە ياخشى ئىمام» ئابدۇخەبەر ئەخمەت نۆۋەتتە كورلادىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-05072018141302.html

Share
1485 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.