logo

trugen jacn

بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەنلا بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولامدۇ؟

fb8d2031-0166-41f9-8fc2-5304fc4ccaed

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بالا ئوغرىلاش ھەر قانداق دۆلەت، ھەر قانداق جەمئىيەتتىكى قەبىھ جىنايەت سانىلىدۇ، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا «بالا ئوغرىلىنىش» ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلۈپ ئاتا، ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئوقۇرمەنلىرىمىز تەرىپىدىنمۇ ئىنكاس قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ بالىلار يىتىپ كەتكەندىن سىرت تېپىلىش نىسبىتىنىڭ ئىزچىل پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بولۇشى ئاتا، ئانىلارنىڭ ئەندىشىسىنىڭمۇ بىھۇدە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش مەسىلىسى ھەققىدە توردا ئېلان قىلىنغان، ماقالىلەردە خىتايدا يىلىغا 200 مىڭدىن ئارتۇق بالا يوقاپ كەتسىمۇ تېپىلىش نىسبىتىنىڭ بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۈندىدار دوستلار چەمبىرەكلىرىدە ‹‹دۆلەتنىڭ بالا بېدىكلىرىگە بولغان قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە تەكلىپ، بالا ساتقۇچىلارنىڭ ھەممىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك، بالا سېتىۋالغۇچىلارنى مۇددەتسىز كېسىش كېرەك›› دېگەن يازما كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك تېمىلار تور ساھەسىدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. زور كۆپ قىسىم تورداشلار ئۆز مىكرو بلوگلىرىدا تارقىتىپ بىردەك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

‹‹بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش›› تەكلىپى تور ساھەسىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بەزى تور ۋە بولوگلاردا «بۇ بالا ئوغرىلىرىنى سىياسىي جىنايەتچىلەر بىلەن ئوخشاش جازالىغان بولسا،بۇ ئىشلارمۇ ئازلاپ قالاتتى…. ھازىر شەھەرلەردىن تارتىپ، يىراق يېزىلارغىچە ئاتا، ئانىلارنى ساراسىمىگە سىلىۋەتكەن، ئەڭ قىزىق نۇقتا مۇشۇ بولسا كېرەك….» دېگەن پىكىرلەرمۇ مەيدانغا كەلدى.

قارىمايدا بۇنىڭدىن 12 يىل ئاۋۋال يوقاپ كېتىپ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان نەفىسە تۇرسۇننىڭ ئانىسىمۇ بۇ پىكىرنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، «ھازىر دۆلەتنىڭ بالا ئوغرىلاشقا ئوخشاش جىنايەتچىلەرگە بېرىۋاتقان جازاسى يېنىك بولۇپ قالغان. بۇ، بالا ئالداپ سېتىش دېلولىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنىڭ مۇھىم ئاممىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە، بالا ئوغرىلىرىغا بولغان جازالاشنى ئېغىرلىتىپ بۇ خىلدىكى جىنايەتلەرگە جىددىي ۋە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش لازىم.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ج خ نازارىتى 2012-يىل ۋە 2013-يىل بېشىدا، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ۋە بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىچكىرىدىكى بالا ئوغرىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىغان. بۇ جەرياندا خىتاي دائىرىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 20 نەچچە مىڭغا يېقىن بالىنى ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، «ئېغىر جازالانغان يالماۋۇز-ئالۋاستىسىمان بالا ئوغرىلىرىنىڭ سانى2 مىڭ نەچچە يۈز گە يەتكەنلىكى» نى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرماقتا، بىر يېرىم يىل ئاۋۋال يەتتە ياش ۋاقتىدا، دۆربېلجىن ناھىيىسىدىكى ئۆز قورۇسى ئالدىدا ئويناۋېتىپ يوقاپ كەتكەن، ئۇنى ئىزدەش ئېلانلىرى ھەر قايسى جايلارنى قاپلىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان سوفىيە ئەسقەت ئەنە شۇ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ بىرى. سوفىيەنى ئىزدەشنى بىر كۈنمۇ توختاتماي داۋام قىلىۋاتقان سەبىرلىك ئاتا ئەسقەت «بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش» چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يەنە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەمەلىيەتتە، بالىلىرىنى يوقاتقان ئاتا، ئانىلارنىڭ زارى ۋە جەمئىيەتتىكى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى ئاممىۋى پىكىر ۋە پائالىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتكىنى راست، ئەمما ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش چارىسى بىلەنلا بۇ خىل جىنايى ئىشلار مەسىلىسى ئازلاپ قالمايدۇ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ، بالىلارنى قوغداشتا ئالدى بىلەن ئاتا، ئانىلار، ئاندىن جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك، ماس قانۇن ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، «بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرى» تەلىپى خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان قىزىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما، بىر قىسىم قانۇن ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭغا قارشى تۇردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم جازاسىنىڭ چەكلەش ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، ئەكسىچە بالا ئوغرىلىرى قەبىھلىشىپ، بالىلار تېخىمۇ خەتەر ئىچىدە قالىدىكەن.

بۇ ھەقتە «باغداش» تورىدىكى «بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئىجابىي رول ئوينىيالمايدۇ»، دېگەن تېما بەس مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، قانۇن ئىلىم ساھەسى، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر كەسپى جەھەتتىن كۆزىتىپ قارشى تۇرۇش پىكرىنى بەردى. ئەمەلىيەتتە، «ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش»، ۋە «بالا ساتقۇچىلارنى بىردەك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش» مۇنازىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

بۇ ماقالىدە قانۇنشۇناسلىق دوكتورى مىي شاۋيەن خانىمنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ ئۇ: بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىمدە، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ مۇنداق قىلمىشى مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى، بىراق نەچچە يىللىق قانۇن ئۆگىنىش ماڭا ھەرقانداق مەسىلىگە قارىتا ئەقلىي، ئوبيېكتىپ قارار چىقىرىشنى ئۆگەتتى. بىرىنچىدىن، جىنايى قىلمىشىنىڭ ئېغىر -يېنىكلىكىگە نىسبەتەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش چەكلىمىلىككە ئىگە. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى توسۇپ قالالمىدى.»

قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئادەم سېتىۋالغۇچىلارغا بېرىلگەن جازا بەك يەڭگىل بولۇپ قالغان. بۇ، بالا ئالداپ سېتىش دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالماقتا، ئادەم سېتىۋالغۇچىلارغا بولغان جازالاشنى ۋە ئۆسمۈرلەرنى خورلىغۇچىلارغا بولغان جازالاشنى ئېغىرلىتىش لازىم.

«باغداش» تورىدىكى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، جىنايەتكە قارىتا جازا ھۆكۈم قىلىش سىمۋول خاراكتېرىگە ئىگە بىر چارىدۇر. جازالاش ئارقىلىق جىنايەتچىنى ئۆزگەرتىش، ياكى ئېغىر جازالاش ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك قاراش، مۇنداقچە ئېيتقاندا ساددا بىر ئارزۇدۇر.

«باغداش» تورىدا بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدىغانلار بىر قەدەر كۆپ قىسىمنى ئىگىلىگەن بولۇپ بۇ ھەقتە بىر تورداش «ئاۋۇ بىر قانچە ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېگىنى بويىچە بولغاندا، ئوغرىلانغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاشۇ يالماۋۇزلارنىڭ قولىدا ياخشىراق كۈن كۆرۈشى ئۈچۈن، بالا ئوغرىلىرىغا ھازىرقىدەك يېنىك جازا بېرىش، ئۇلارنى قورقۇتۇۋەتمەسلىك، چۆچۈتۈۋەتمەسلىك كېرەك ئىكەندە-دە؟

مەيلى ئۇلار نېمە دەپ جۈيلىسۇن، مەن بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش پىكرىمنى ساقلاپ قالىمەن» دېگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/bala-yutush-12072015135548.html

Share
1728 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.