logo

trugen jacn

باش مىنىستىرىمىزگە نىمە بولدى؟

تۆمۈر قادىرى

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتىغا مۇراجىئەت :

سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ باش مىنىستىرى تۇغلۇق ئابدۇرازاق بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ يىلىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاننى بېسۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدۇرۇش يىلى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەپسۇس، باش مىنىستىرىمىز بۇنى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلماستىن ئەكسىچە باشقىلارغا ماتېماتىكا ئۆگىتىش،بالىلارغا كۆكتاتلارنىڭ ناملىرىنى ئۆگىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتۇ.  بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گراژدانلىرى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ، باش مىنىستىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقتىمۇ، نىمە دەپ ئەسىرەپ قالدۇق ھەمدە باش مىنىستىرىمىز ئۆزىنى كونترول قىلالماي قالغان ئوخشايدۇ، دېگەن ئەندىشىگىمۇ چۈشۈپ قالدۇق. شۇڭلاشقا بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتنىڭ دەرھال مىنىستىرلار كابىنېتى پەۋقۇلئاددە يېغىنىنى چاقىرىپ، باش مىنىستىرىمىزدىن خىزمەت دوكلاد بېرىشىنى ھەمدە باش مىنىستىرنىڭ باش مىنىستىرلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بار –  يوقلىقى ئۈستىدىن  بىر قېتىملىق تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىز.

2022 –  يىلى فېۋرال

 

 

 

 

 

Share
2198 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.