logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە قېرىنداشلىرى سوتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

image1

 مېھرىبان

 

سېنتەبىر-16  ئەتىگەن ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 17-، 18-سېنتەبىر كۈنلىرى ئېچىلىدىغان ئېرى ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتىغا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 4 كىشىنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، گۈزەلنۇردىن باشقا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتىكى تۇغقانلىرىدىن ئۈچەيلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن

گۈزەلنۇر خانىم بۇ قېتىم ئۇ ئۈرۈمچىگە يالغۇز كەلگەن بولۇپ، ئۇ 7 ياشلىق ۋە 4 ياشلىق ئىككى ئوغلىنى بېيجىڭدا ئاچىسىنىڭ قىزىغا قاراشقا ھاۋالە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبىتىمىز جەريانىدا گۈزەلنۇر خانىم بالىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى سېغىنغانلىقى ئۈچۈن، دادىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىپ دائىم جېدەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز-يېشى قىلدى. ئۇ دائىرىلەر سوتتىن ئىلگىرى ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەتىكى سوتنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

cd8ee395-09f5-46d2-b98e-2e6a8effdb9c

دۈشەنبە كۈنى ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە كەلگىنىدە، 9-ئاۋغۇستتىن بۇيان ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەننى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، تۈرمە دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرمە دائىرىلىرى ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەننى يەنىلا ئېلىۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يىرىڭلاپ كەتكەنلىكىنى، ئىلھام ئەپەندىگە ئائىلىسىدىن ئەۋەتىلگەن كىيىملەرنىمۇ تۈرمە دائىرىلىرى ئىلھام ئەپەندىگە بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېلىڭ كىيىم بىلەن تۈرمىدە سوغۇق تېگىپ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈرمە دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى. لى فاڭپىڭ ئەپەندى يەنە، ئىلھام ئەپەندى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلھام ئەپەندى ئۆزى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتى بىلەن بىرگە ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ سوتىنى ئايرىم ئېچىشنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سوتىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى ئۇقتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09162014163735.html

Share
1662 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.