logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق گۈزەلنۇر خانىم ئېرى ئىلھام توختىنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىق خەۋىرىنىڭ تېخى دەلىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

 

 مېھرىبان 

20 – ئىيۇن جۈمە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، بۇ ھەپتە تارقالغان ئىلھام توختىنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تېخى دەلىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. گۈزەلنۇر خانىم يېقىندا ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىگە ياكى يۇرتى ئاتۇشقا بېرىش ھەققىدە ھېچقانداق قارار ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئۆزى ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇتوختىلىپ، ئۆيىنىڭ تېلىفون ئالاقىسىنىڭ پات – پات ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتقانلىقى، ھەر خىل بېسىملار سەۋەبىدىن يۈرەك ئاجىزلىقىغا گىرىپدار بولغان ئوغلىنى يەنىلا داۋالىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەردىن ئېرى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى، ئۇنىڭ سوتىنى ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

16 – ئىيۇن دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا بۇ يىل 15 – يانىۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مەخپىي سوتلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالدى. ئەنگىيە گۋاردىيان گېزىتى، جەنۇبىي خىتاي گېزىتى قاتارلىقلار خەۋىرىدە ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەلىپى بىلەن، ئىلھام توختىغا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بەش ئايدىن بۇيان ئائىلىسى ۋە ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان ئىلھام ئەپەندىنىڭ بەلكىم ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۈەنگە قاراشلىق مەلۇم سوتتا مەخپىي سوتلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي بايانات بەرمىگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

بىز ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىگە ۋە قول تېلېفونىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفون ئۈزلۈكسىز تاقاق ھالەتتە بولۇپ، تېلېفون ئۇلانمىغان ئىدى. 20 – ئىيۇن جۈمە كۈنى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

گۈزەلنۇر خانىم سۆھبەت جەريانىدا، ئىلھام ئەپەندىنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىق خەۋىرى تارقالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۈرۈمچىگە ئەھۋال ئىگىلەشكە بارىدىغانلىقىنى، ھازىرچە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە ياكى يۇرتى ئاتۇشقا بېرىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-06202014220612.html

Share
1534 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.