logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىلھام توختى يەنە سۆز تېمىسى بولدى

3ecc2c1a-2776-4cf1-a1d5-c541817d3a88

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش يەنە سۆز تېمىسى بولدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوك، تۋىتىر قاتارلىقلاردا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەرنىڭ ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان مۇراجىئەتلىرى ئېلان قىلىنىپ، مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

ئىلھام توختىنىڭ دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان شەخس بولۇپ تونۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىلھام توختىغا باھا بېرىپ، ئىلھام توختى ئۆز مىللىتىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر زىيالىي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خىتايدەك دىكتاتور دۆلەتتە ئەركىن پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك قەيسەر روھى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىدا ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئىلھام توختى قاتارلىق خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق تېما مەزمۇنى بولدى.

بۇ يىل 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبو ئەپەندى، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەندى. 10-دېكابىر كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ، دادىسىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئېلان قىلغان چاقىرىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتى ۋە فېيسبوك، يۇتۇب، تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بېكەتلىرىدە تارقىتىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سوفى رېچاردسون خانىم تۋىتېر تورىدىكى ئىنكاسىدا «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىن ئىبارەت بۇنداق مۇھىم بىر كۈندە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تىلى ۋە نۇتۇقلىرى ئارقىلىق تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر شەخسنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پەقەت خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭلا چاقىرىقى بىلەن چەكلەنمەسلىكى كېرەك، ئىلھام توختى، ليۇ شاۋبولارغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى!» دېگەن سۆزلەرنى يازدى.

10-دېكابىر كۈنى يەنە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، تۈركىيە ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى، ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتلەر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىقلارمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بايانات، چاقىرىقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيەلىك پروفېسسور ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارىي ھولموز خانىم گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ھەم مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مارىي ھولمۇز خانىم ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە ئايلىنىشى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقان مۇھىم مەسىلىلەر كۈنتەرتىپىگە كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.

مارىي ھولموز: «ئىلھام توختى پىكىر ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن خىتاي دۆلىتىدە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن باراۋەرسىز سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن دائىرىلەر ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەمما،ئىلھام توختى ئۆز بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرلەرنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى خەلقئارا تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلاتتى. ئۇ ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنى ئەڭ ئېغىر جازالار بىلەن جازالايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇ، بۇنىڭغا تامامەن تەييار ئىدى. شۇڭا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىلا ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى پىكىر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتتە مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ ئەركىن سۆزلىشى، پىكىر قىلىشىغا يول قويۇشقا مەجبۇرلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

2006-يىلدىن 2013-يىلغا قەدەر ئىلھام توختى قۇرغان ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خىتاي تىلى سەھىپىسىدە «قىران بۈركۈت» تەخەللۇسىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدەك ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىنىڭ ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىنىڭ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىدا ئەھمىيىتى زورلۇقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ نۇتۇقلىرى ئاساسىدا 2014-يىلى تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان «غايەم ۋە يولۇم» ناملىق ئەسەرنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشىدا ئەمگەك سىڭدۈرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى.

ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ ئاللىقاچان مۇھىم كۈنتەرتىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىدە ئاۋانگارت رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىقى، ئەينى يىللىرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى نېلسون مەندالانى ئەسكە سالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىلھام توختىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-12122016150351.html

Share
1658 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.