logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» بىلەن ئەيىبلىگەن سوت ئاياغلاشتى، ئىلھام ئەپەندى ئۆزىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلدى

image

 مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەيىبلەنگەن سوت 18-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشتى، ئەمما سوت دائىرىلىرى ھۆكۈم ئېلان قىلمىدى. ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتتا دائىرىلەرنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغان 10 نەچچە گۇۋاھچىنىڭ بىرىنىمۇ سوتقا چاقىرتمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتنىڭ ھەتتا خىتايدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى مۇنازىرىدە ئىلھام ئەپەندى تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتچە سۆزلەپ، ئەيىبلىگۈچى ئۇنىڭغا ئارتقان جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى «ئاساسسىز ئەيىبلەش» دەپ ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا سوتنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى ۋە قالغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سوتىنىڭمۇ ئۇنىڭ سوتى بىلەن بىللە ئادىل ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان

تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى«دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن سوت پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:45 تە ئاياغلاشتى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ سوت ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار غەرب مەتبۇئاتلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ باش سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى لى فاڭپىڭ ئەپەندى ۋە ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندىلەر، چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ۋە تۋىتېر تورىغا يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا، بۇ قېتىم ئېچىلغان سوتنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي بەلگىلىمىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان سوت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئىلھام ئەپەندىنىڭ دائىرىلەرنىڭ بارلىق ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

لى فاڭپىڭ ئەپەندى بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا سوت ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن سوت ئاياغلاشتى، ئەمما سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلمىدى. چۈشتىن كېيىن ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلھام ئەپەندى ئالدى بىلەن سوتنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان بېيجىڭدا ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، پىكىر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، بۇلارنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئاساسسىز دەپ ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئىلھام ئەپەندى قۇرغان «ئۇيغۇربىز تورى»نى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرى تەرغىب قىلىنغان مۇنبەر سۈپىتىدە پاكىت قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ خىل ئەيىبلەشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق. چۈنكى، ئۇلار ئۇيغۇربىز تورىنىڭ تور باشقۇرۇش قوللانمىسىدىكى مەزمۇنلارنى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئەمما بۇلار ئاتالمىش«دۆلەتنى پارچىلاش»جىنايىتىگە پاكىت بولالمايدۇ. تور بېكىتىدە ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى پىدائىي بولۇپ ئىشلىگۈچىلەر، بۇ يەردە شىركەت بىلەن خىزمەتچىلەر ئارىسىدا تۈزۈلگەن مەخسۇس توختاممۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيىبلىگۈچىلەر سوتتا ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقرارىدا ئېغىر مەسىلە بار. ئۇلار ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرىنى تور بېكىتىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلاپ، بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى تۇتۇپ قالىدىغانلىقى ۋە جەمئىيەتتىكى بالىلار ئارقىلىق ئەدەپلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىقرارلىرىنىڭ توقۇلغان ھېكايە ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئىسپاتلارنىڭ قىيناش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئېلىنغان يالغان ئىسپات بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. ئىلھام ئەپەندىمۇ بۇ ئىسپاتلارنى قەتئىي ئىنكار قىلدى» دېدى

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندىنىڭ تۋىتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، سوت دائىرىلىرى ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتتا گۇۋاھچى بولۇشقا تاللىغان 10 نەچچە كىشىنىڭ بىرىنىمۇ سوتقا چاقىرتمىغان. گۇۋاھچىلار سوتقا قاتناشتۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتتا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلغان بىرقانچە پارچە ماقالىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۆز ماقالىلىرىدە ھېچقاچان «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلمىغانلىقى، ئەكسىچە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ مەيلى دەرسخانىدا بولسۇن، ياكى ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە بولسۇن، ھەر ۋاقىت مىللىي باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى سوتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى يەنى مۇنازىرە باسقۇچىغا كىرگەن. ئىلھام ئەپەندى تەخمىنەن 1 يېرىم سائەتچە ۋاقىتتا سۆز قىلىپ، ئۆزىگە ئارتىلغان 8خىل ئەيىبلەشنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان

ئىلھام ئەپەندى سوتتا ئىنكار قىلغان 8 خىل ئەيىبلەش، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشىلىك دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەت گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر بىز تورىدا تەرجىمە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا تەشكىللەپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىش، ئۇيغۇربىز تورىدا شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش، چەتئەللەرنىڭ خەۋەر ئۇچۇرلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش، سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىدىغان لېكسىيىلەرنى سۆزلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام ئەپەندى بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بىرمۇ-بىر ئىنكار قىلغان. ئىلھام ئەپەندىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى ليۇ شاۋيۈەن تۋىتېر تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە-ئەسەرلەر ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن تور مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ جىنايەت بېكىتىشكە ئاساس بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ماقالىلىرى سەۋەبلىك بۇ يىللاردا دائىرىلەرنىڭ تەقىب قىلىشى ۋە كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر 7-ئاي مەزگىلىدە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ھىېقانداق پائالىيەتتە بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كەلگۈسىدە دائىرىلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئېلان قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/ilham-toxti-09182014154835.html

Share
1680 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.