logo

trugen jacn

باش بەت | خەۋەرلەر | خەلقئارا خىتاي ھىندونېزىيەدىن 4 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس بىلەن ھىندونېزىيەلىك بىر قاچقۇننى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان

e16745a6-2c19-4c8a-8676-e575c10d5783

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندونېزىيە تۈرمىسىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى، خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتايغا قېچىپ كەتكەن بىر ھىندونېزىيەلىك قاچقۇن بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ قاچقۇن يېقىندا شاڭخەيدە قولغا ئېلىنغان ئىدى.

سامادىكۇن خارتونو ئىسىملىك ھىندونېزىيەلىك قاچقۇن 2003‏-يىلى ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 1997 ۋە 98‏19-يىللىرىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدا ھۆكۈمەت مەبلىغىنى قالايمىقان ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ھىندونېزىيە سىياسىي، قانۇن ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرى لۇھۇت پانجايتاننىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندونېزىيە خارتونونى ھىندونېزىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. يىغىندا خىتاي تەرەپ خارتونو بىلەن 4 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

لۇھۇت پانجايتان ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئايرىم سۆزلىشىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئىككى خىل مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «بىز ئۇلارغا ئېيتتۇق، بۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئىككىسى ئىككى خىل دېلو» دېگەن.

ھىندونېزىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئاگوڭ پراسېتيو بولسا، ھىندونېزىيە ئاۋام پالاتاسىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندونېزىيەدىكى خىتاي پۇقراسى ئۇيغۇرلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى» دەپ كۆرسىتىپ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندونېزىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى سيۇجا راجا بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، چۈنكى، بۇ مەسىلە ھازىر مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

سيۇجا راجا: «بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى، بۇ ھازىر مۇزاكىرە باسقۇچىدىكى مەسىلە. ئەگەر بىز بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسەك، بىز باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقان بولۇپ قالىمىز. شۇڭا، بىز ئۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرنى بۇ يەردىن تەمىنلىيەلمەيمىز» دېدى.

سيۇجا راجا، بۇ مەسىلىنى ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ سورىشىمىزنى ياكى ئالاقىدار مىنىستىرلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ: «ئەگەر سىز بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بىزنىڭ ئورنىمىز ئۇنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلىپى، ھىندونېزىيەنىڭ ئۇلار ھەققىدە ئايرىم سۆزلىشىشنى تەكىتلىشى د ئۇ ق نى بىئارام قىلدى. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇر مەمەت مۇساباي ئەپەندى، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئېھتىمالى زور. ئۇ، «بۇ 4 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇش توغرا كەلسە، كەلگەن دۆلىتىگە يەنى تۈركىيەگە قايتۇرۇشى كېرەك» دەيدۇ.

نۇرمەمەت مۇساباي: «ئەگەر ئۇلار قايتۇرۇلسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا تەن جازاسى ۋە ھەقسىز جازالارنىڭ بېرىلىشى مۇقەررەر. ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى بۇ يالغۇز ئۇلارنىڭ شەخسى ھاياتى ئەمەس، بۇ تۆتەيلەننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغىمۇ خەۋپ كېلىدۇ. چۈنكى، بارغاندىن كېيىن خىتاي ئۇلارغا قوشۇپ ئائىلىسىنى سوراق قىلىدۇ. ئائىلىسى ئۇلارغا ياردەم قىلغان چەتئەلگە چىقىشىغا، دەپ، نۇرغۇن ئادەمنى سولايدۇ.

ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرغا بىر خىل قورقۇتۇش خاراكتېرلىك روھى بېسىم بېرىپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. شۇنىڭغا بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن بۇ تۆتىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.

ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرەر گۇناھى بولسا، ھىندونېزىيە ئۆزى جازالاپ، ئۆزىدە ئىجرا قىلسا، ئەگەر قايتۇرۇش توغرا كەلسە، قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە قايتۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئەخمەت ماھمۇت، ئالتىنجى بايرام، تۈزەر ئابدۇلباسىت، ئەخمەت بوزئوغلان قاتارلىق تۆتەيلەننى «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلار تەشكىلاتى »ناملىق جىھادچىلار گۇرۇھى بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ ئەيىبلىگەن.

جەنۇبىي جاكارتا رايونلۇق سوت 2015-يىلى 7‏-ئايدا ئۇ تۆتەيلەنگە ئايرىم-ئايرىم 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 7500 دوللار جەرىمانە قويغان ئىدى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى خارتونو بىلەن ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇ ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويغان.

بىر ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بېنارت خەۋەرلەر تورىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خارتونونى ھىندونېزىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە ئۇ 4 ئۇيغۇرنى سوراق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ، «بۇنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال»ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى نۇر مەمەت مۇساباي ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىدلەپ، ھىندونېزىيەنى ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماسلىقىغا، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

نۇرمەمەت مۇساباي: «ھازىر خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار تۇتۇلغان دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى سوراق قىلىشى ۋە بەزى ئۇچۇرلارنى ئېلىشى ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى. مەسىلەن، بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا خىتاينىڭ گۇانتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. مانا بۇدا ئامېرىكىنى ئۆلكە قىلىپ ھىندونېزىيە بەردى.

ئەمدىكى گەپ، ھىندونېزىيە خىتايلارنىڭ كېلىپ ئۇ ئۇيغۇرلارنى چىرايلىق، ئۆزىنىڭ ئەقلىي-پىكىرى بىلەن جاۋاب بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلامدۇ ياكى ئۇلارنى قىيناپ، مەجبۇرلاپ بەزى سوئاللارغا ماقۇل دېگۈزەمدۇ، بۇ ئېنىق ئەمەس.

ئەگەر بۇ يەردە قىستاش ياكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سوئال-سوراقلار بولسا ۋە ھىندونېزىيە بۇنىڭغا ماسلىشىپ بەرسە، خىتاي ئۇلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن بەزى پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

ئۇ تۆتەيلەن 2014‏-يىلى سېنتەبىردە قولغا ئېلىنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى تالاش-تارتىش قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرك پۇقراسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ھىندونېزىيە ئۇلارنىڭ پاسپورتى ساختا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى بولسا، ئۇلارنىڭ تۈرك پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان. تۈركىيەنىڭ ھىندونېزىيە باش ئەلچىسى زەكەرىيە ئاكجام، «ئادۋوكات نېمە دېسە شۇ راست» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بۇنى دەلىللىمىگەن. ھىندونېزىيەلىك ئادۋوكات ئاسلۇدىن خاتجانى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىقى ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بېنارت خەۋەرلەر تورىغا بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ھىندونېزىيە ئۇ 4 ئۇيغۇر مەھبۇسنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە، جاكارتا قاتتىق خەلقئارا بېسىمغا ئۇچراپ كېتىدىكەن.

بۇ ئەمەلدار: «ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئوخشاش. زور ئېھتىماللىق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دەرھال ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشى مۇمكىن» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/hindoneziye-uyghur-04212016141124.html

Share
888 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.