logo

trugen jacn

بارىن قوزغىلېىڭى زادى كىمگە تەئەللۇق؟


ئەبدۇلھەمىد ئۇيغۇر
ئەسلىدە ھازىر بۇ قوزغىلاڭنىڭ كىمگە تەئەللۇق ئىكەنلىگىنى تالاش-تارتىش ‏قىلىدىغان ۋاقىت بولماستىن بارىن روھىدىن ئۆلگە ئېلىپ دىنى ئۆلىما ئۇستازلار ۋە ‏زىيالى ئالىملار ئىتتىپاقلىشىپ خۇددى بارىن جىھادىغا ئوخشاش شەرقى تۈركىستان ‏خەلقىنىڭ دىنى ئەركىنلىكى، مىللى مۇستەقىللىقى ۋە ۋەتەن ئازاتلىغى ئۈچۈن ئەڭ ‏مۇھىم بولغان ھەركەتنى قوزغاش ئارقىلىق دۇنيادىن يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ ‏قالغان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ساقلاپ قېلىشقا تېرىشىدىغان ‏ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ۋاقىت.ئىدى.‏
ئەپسۇس تور دۇنياسىدا بەزى ئىنسانلار قىلىدىغان باشقا ئىش تاپالمىغانمۇ ياكى ‏دۈشمەن تەرەپتىن مەخسۇس پىتنە-پاسات تېرىش ئۈچۈن ياللانغانمۇ؟ بارىن ‏قوزغىلىڭىنى جىھات دېمەيمىز مىللى ئىنقىلاپ دەيمىز دىيىش ئارقىلىق ‏مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى چېچىۋاتىدۇ، ئىتتىپاقسىزلىقلىق ‏ئۇرىغىنى تېرىۋاتىدۇ زېھنى قۇۋۋىتىنى خورىتىۋاتىدۇ.‏
ئۇنداقتا خەلقىمىز ئۆلگە ئېلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلماستىن ‏بەزى گورۇھلار يىلدا بىرقېتىم خاتىرلەش ئارقىلىق كىرىم توپلاپ جېنىنى ‏بېقىۋاتقان، بەزى گورۇھلار شۇ ۋەقەنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ تەشۋىقاتتىكى ‏رەسىمىنى كۆرۈش ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلغان ‏يالغان تەشۋىقاتىدىن باشقا دەلىل ئىسپات كۆرسىتەلمەيدىغان ئەمما خەلقىمىز يەنە ‏شۇنىڭدەك خەلقىمىزنى دىنى ۋە دۇنياۋى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان ھەركەتكە ‏تەقەززا بولۇۋاتقان بۇ ئۇلۇغ شەرەپلىك قوزغىلاڭ زادى كىمگە تەئەللۇق؟
بۇنى ئايرىش ئۈچۈن بۇۋەقەنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ‏توغرا كېلىدۇ. ‏
‏1-بۇ قوزغىلاڭنىڭ باش يېتەكچىسى زەييدىن قارىم كىچىكىدىن باشلاپ دىنى ‏بىلىم ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغان پەننى مەكتەپتە تولۇقسىزدىن يۇقىرى ئوقۇيالمىغان ‏ئەمما ئابدۇغەنىدەك پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ بانكا خىزمەتچىلىكىگە ئورۇنلاشقان پەننى ‏بىلىم ئىگىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشالىغان كىمنى قايسى ئورۇنغا قويۇشنى بىلگەن ‏بىردىنى ئۆلىما.‏
‏2-بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 2-قول باشلىغى ئابدۇغەنى كىچىكدىن باشلاپ پەننى ‏مەكتەپتە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىنكىيىنمۇ بانكا خىزمەتچىلىكىگە ئورۇنلاشقان بىر ‏تۆۋەن سەۋىيەلىك بولسىمۇ بىر زىيالى.‏
‏3-بارىن قوزغىلىڭىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى ئەمەتقارىم ۋە تۇرغۇن قارىملار ھەر ‏ئىككىلىسى دىنى ئۆلىمالار (چۈنكى مەن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىلەن تۈرمىدە ‏بىللە تۇرغان، ئەمەتقارىم نامازنى ئاشكارە ئوقۇيمەن دەپ ئاتېست ختاي كومۇنېست ‏جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ تاياق زەربىدىن شەھىد قىلىنغان، تۇرغۇن قارىممۇ تاكى ‏ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىسلامى ئبادەتتىن ۋازكەچمەي ۋاپات بولغان چۈنكى مەن بۇلارنىڭ ‏تېرىك شاھىدى).‏
‏4-بارىن قوزغىلىڭېنىڭ ئەسكەر قوماندانى جامالقارىم بۇ كىشى مەيلى دىنى ‏ياكى پەننى مەكتەپلەردە مۇكەممەل بىلىم ئالمىغان ئەمما بارىن قوزغىلىڭى بولۇشتىن ‏بۇرۇن كۇچادىكى ئاتاغلىق دىنى ئالىم (تۈرمىدە شەھىت بولغان) كېرەم قارىمدا دىنى ‏بىلىم ئوقۇۋاتقان
‏5- مۇھەممەت تۇرسۇن بۇ ئەزمەت كادىر ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ۋە پەننى ‏مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھەربىلىككە بارغان بىرئەسكەر.‏
دېمەك بۇ قوزغىلاڭدا خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ھەر ساھە كىشىلىرى ‏ئىچىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن–مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىنى ‏تونۇغان دىنى ئۆلىمالار ۋە زىيالىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدىن ئەمەلگە ‏ئاشۇرۇلغان دىنى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا جىھاد ئىنسانى نۇقتىدىن ئېلىپ ‏ئەيتقاندا ئازاتلىق كۆرىشى تەۋەلىك جەھەتتىن ئومۇمى شەرقى تۈركىستان خەلقىغە ‏مەنسۇپتۇر.‏
شۇڭا بۇ ئۇلۇغ ھەركەتنىىڭ تەۋەلىك مىۋىسىنى تالاشماستىن بۇ ھەركەتتىن ‏ئۆلگە ۋە ئىلھام ئېلىپ دىنى ئۆلىما ئۇستازلىرىمىز، زىيالى ئالىملىرىمىز ‏ئىتتىپاقلىشىپ ۋەتەن ۋە خەلقنى قۇللۇق ۋە خارلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تېرىشىپ ‏ئەمەلى كۆرەش قىلىشىمىز لازىم. ‏
‏2019-04-06‏

Share
2266 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.