logo

trugen jacn

ياپونىيە قەلەشكەشلەر كۇلۇبى ئىلھام توختىنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلدى

image

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ياپونىيە قەلەمكەشلەر كۇلۇبى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە قەلەشكەشلەر كۇلۇبى ئۆتكەن يىلى 15-يانۋاردا ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان شۇنداقلا ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ تۈرمە ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيە قەلەمكەشلىرى مەزكۇر كۇلۇبنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن بالدۇرراق ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن بۇلتۇردىن باشلاپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-01052015170319.html

Share
1705 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.