logo

trugen jacn

امېرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايغا قايتارما زەربە بەردى، جىوپولىتىك ئۇرىشىدا تۇلاگى ئارىلىنى قايتۇرۇۋالدى، خۇاۋېينىڭ ئامېرىكىدىكى ئامبارىدا ساقلاغلىق زاپچاسلىرى يىل ئاخىرىدا تۈگەيدۇ

ئ

ئانالىزچى : گو باۋشېڭ
تەرجىمان: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن ئەرافات

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا مۇئاۋىن
پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقى نۇرغۇن كىشىلەرنى ناھايتى ئۈمۈتسىزلەندۈردى ،ئۇلار پەنسنىڭ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن جەڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بېغىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلايدىغان ھەتتا ئامېرىكا خىتاي ئارىسىدا ھەر جەھەتتىن جەڭنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان بىر نوتۇق ئارزۇ قىلاتتى ،لېكىن ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئىككى دۆلەت سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈپ جەڭنى باشلاش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇرەككەپ قەدەملەرنى بېسىپ كىرىتىك بىر نوقتىغا كەلگەندىلا ئاندىن جەڭ ئىلان قىلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىر ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى بولغان ياپونيە ھەر يەردە تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ 1931_يىلى خىتاينىڭ شەرقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى بېسىۋالغان. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كارى بولماستىن قاراپ تۇرغان، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1941_يىلى ياپونىيە pearl harbor غا ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ئامېرىكا ياپونىيەگە رەسمى جەڭ ئىلان قىلغان. ھازىرقى خىتايمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ، خىتاي ھازىر ئىچىدە پۇقرالىرىنى ئىزىپ ،سىرتقا بولسا يېيىلمىچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ بۇ رەزىللىكنى دۇنيا تونۇپ يەتتى. لېكىن ھەقىقىي جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن يەنە ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر بىر بىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقاندەك كۆرىنىۋالىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئاستىرتتىن بىر بىرى بىلەن تېپىشىپ تۇرىدۇ، خۇددى ترامپ شىجىنپىڭ مېنىڭ يېقىن دوستۇم دەپ قويۇپ ئوتتۇرسىدىكى تالاش-تارتىش جەڭگە جىدەل تۈگىمىگەندەك. يېقىنقى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ،ئامېرىكا ھېچ يۇمشاق قوللۇق قىلماستىن ئۈنۈملۈك ھالدا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسىگە زەربە بېرىپ كەلمەكتە. تىرامپ نوتىقىدا:خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساتتىكى رەقىبى دىگەن،ھەمدە ھەر ۋاقىت رەقىبىدىن مۇداپىيەلىنىش، قايتارما زەربە بىرىش،تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئەمەلى پىلانمۇ تۈزۈپ قويغان.
يېقىندا ئۈچ ۋەقە يۈز بەردى. ئالدى بىلەن ئامېرىكا خىتاي ئالەم قاتنىشى تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا زىمىنىغا كىرىشكە يول قويمىدى. سەۋەبى بولسا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ خىتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. ئاندىن بولسا سولومون ئاراللىرى تىنىچ ئوكياندىكى ئىنتايىن داڭلىق ۋە مۇھىم بولغان تۇلاگى ئارىلىنى خىتايغا 70يىل ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقى بولدى. بۇ خەۋەر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىمۇ ئىنتايىن خۇشال قىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ جىوپولىتىك ئىستراتېگىيەدە قولغا كەلتۈرگەن غەلبىسىدىن بىرى.
ئاخىرقى ۋەقەلىك بولسا ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىدە دىيىلىشىچە ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېيغا يۈرگۈزگەن جازاسى سەۋەپلىك خۇاۋېينىڭ ئامېرىكىدىكى ئىسكىلاتلىرىدا ساقلاغلىق زاپچاسلىرى يىل ئاخىرىغىچە تۈگەيدىكەن، بۇ خۇاۋېيغا ئېغىر ئاقىۋەت ئەپ كېلىدۇ.
ئالدى بىلەن سولومون ئاراللىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا نەزەر سالساق ،ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك 9_ئاينىڭ 21_كۈنى سولومون تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان،9_ئاينىڭ 22_كۈنى خىتاينىڭ سىنتيەن شىركىتى سولوموننىڭ تۇلاگى ئارىلىنى 70يىللىق ئىجارىگە ئىلىش،ئارالنى ئېچىش، ئارالغا نېفىت گاز پورتى قۇرۇش ۋە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھەربى بازا قۇرۇش كېلىشىمى تۈزگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەركىتى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق ،چۈنكى سولومون ئاراللىرىنىڭ ئىستراتېگىيلىك ئورنى بەك مۇھىم، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەگە ئىنتايىن يېقىن، ئامېرىكىغىمۇ بەك يىراق ئەمەس. سولومون ئاراللىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى قاپساپ قويۇشتىكى بىرىنجى ئىككىنجى ئارال زەنجىرىنىڭ سىرتىدا بولۇپ تىنچ ئوكياننىڭ يادرولۇق رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارالنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە بېسىۋالغان بولۇپ ،ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىغا زەربە بېرىشتە چوڭ رول ئوينىغان .خىتاينىڭ سولوموننى يېنىغا تارتىشىدىكى مەقسەت ئىنتايىن ئېنىق ئۇ بولسا تۇلاگى ئارىلىغا ھەربى بازا قۇرۇش. بۇ ئارال پەقەت 2كۇۋادىرات كېلومېتىر چوڭلۇقتىكى 1000 كىشى ياشايدىغان سۈيى چوڭقۇر ئارال، ئاۋياماتكا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى ھەربى پاراخوتلارنى بۇ ئارالدا توختاتقىلى بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەمۇ بۇ ئارالغا ھەربى پورت قۇرغان بولۇپ ھەربى جەھەتتىن ئەپ ئېيتقاندا ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي 70 يىل ئىجارىگە ئىلىش ئارقىلىق بۇ ئارالغا ھەربى بازا قۇرۇپ ئاۋسترالىيە يېڭى زېلاندىيە ۋە ئامېرىكىغا تەھدىت ئەپكەلمەكچى،بۇ ئىنتايىن رەزىل بىر پىلان،ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە خىتاي خەنجەرنى ئامېرىكىنىڭ كاللىسىغا سانجىپ قويغاندەك بولىدۇ،بۇ ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىر ئەھۋال. لېكىن 10_ئاينىڭ 25_كۈنى ئىشلاردا 180 گىرادۇس ئۆزگىرىش بولدى،سولومون ئاراللىرى مېنىستىرى بايانات ئىلان قىلىپ،خىتاينىڭ تۇلاگى ئارىلىنى ئىجارىگە ئىلىشى قانۇنسىز،بىز كېلىشىم قىلىشنى رەت قىلىمىز دىگەن. سەۋەبى بولسا سىنتيەن شىركىتىنىڭ سولومون ئارىلىدا قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەنلىگى ،تۇلاگى ئارىلى سولوموننىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئالدىغا باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزەلمەيدىغانلىقى،سولومون
باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن ھەرقانداق كېلىشىمگە ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ ئىمزاسى ئىتىلمىغۇچە كۈچكە ئېگە بولمايدىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئەدىلىيە مىنىستىرىنىڭ ئىمزاسى ئېتىلمىغان. دېمەك بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە ئەمەس. بۇ خەۋەر ئامېرىكا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ يۈرىكىگە سانجايدىغان شەمشىرى سۇندۇرۇلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ سولومون ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ بۇ خەتەرنى ئالدىن بايقاپ كېلىشىمنى بىكار قىلغىنىدىن ئىنتايىن مەمنۇن قالغىننى جاكارلىدى. بۇ ئارالنىڭ مۇھىملىقى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدىلا ئاشكارا بولغان.1941 يىلى پئارىل پورتى جېڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيىسى ھەر يەردە ئاراللارنى ئىشخال قىلىشنى باشلىغان، سولومون ئاراللىرىنىمۇ ئىشخال قىلىۋالغان ھەمدە قوراللاندۇرغان،تۇلاگى ئارىلىغا ئېغىر تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى توختاتقان. 1943_يىلى ئامېرىكا ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرى سولومون ئاراللىرىدا يېرىم يىل قانلىق جەڭ قىلىپ مىڭ بىر جاپادا تۇلاگى ئارىلىنى تارتىۋالغان، بۇ تارتىۋىلىش جەڭنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا قەدەممۇ قەدەم ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ياپونىيەنى ياپون قۇرۇقلىقىغىچە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. ياپونىيە ئامېرىكا ئۇرىشىدىمۇ تۇلاگى ئارىلى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. سولوموننىڭ تۇلاگى ئارىلىنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىشنى رەت قىلىشى، ئامېرىكا خىتاي سودا ئۇرىشىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى دىسەكمۇ بولىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇ ئارالنى ئىجارىگە ئىلىۋالغان بولسا، تىنچ ئوكياندا ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىۋالغان بولاتتى، ئامېرىكىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىەتتى، بۇنى بىلگەن ئامېرىكا، دىپلوماتىيە يوللار ئارقىلىق ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سولومون ئاراللىرىنى گەپكە كەلتۈردى. سولومون تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بىلەن ئامېرىكا بىلەن تېخى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار، بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ جىوپولىتىك سىياسىتىدىكى قولغا كەلتۈرگەن غەلبىسىدىن بىرى. شۇڭا بىز ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ دېگەنلىرىگە بەك قۇلاق سەپكەتمەي، قىلىۋاتقان ئەمەلىي ئىشىغا قارايلى، بۇ قېتىم ئامېرىكا ئىشنى ئىنتايىن ياخشى قىلدى.
يەنە بىر ۋەقەلىك بولسا، 10_ئاينىڭ 25_كۈنى ۋاشىنگىتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئالەم قاتنىشى يىغىنى بولدى. بۇ يىغىنغا نۇرغۇنلىغان چوڭ دۆلەتلەر قاتناشتى، لېكىن ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان خىتايدىن بىرمۇ ئادەم بۇ يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمىدى، سەۋەبى ئامېرىكا كونسولى خىتاينى تەخنىك ئوغۇرلاش، پاتېنت ھوقۇقىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.بۇ ۋەقەدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قاتتىق قول دىگىنىنى قىلىدىغان خاراكتېرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ۋىزا بەرمەسلىكتە ئامېرىكىمۇ ھەقلىق، چۈنكى خىتاي بۇ تۈردىكى يىغىنلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق ماتېرىيال ئوغۇرلايدۇ، باشقا دۆلتتىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنى چىرىكلەشتۈرۈپ يېنىغا تارتىش ئارقىلىق ئۇلاردىن تەخنىك، ئاخپارات ئوغۇرلايدۇ. خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان تەھدىتتىمۇ بەك چوڭ، ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا قارشى ئالەم بوشلۇقى ئارمىيىسى قۇرۇپ چىقتى، تىرامپ:بىز ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ لېدىرلىق ئورنىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك دىگەن. ئەگەر بۇ قېتىم ئامېرىكا خىتاي ۋەكىللىرىنى يىغىنغا قاتناشتۇرغان بولسا، بۇ خۇددى بۆرىنى ئۆيىگە باشلاپ كىرگەندەك ئىش بولاتتى.
ئەڭ ئاخىرقى ۋەقەلىك بولسا، ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىدە دىيىلىشىچە، خۇا ۋېي نىڭ ئامىرىكىدىكى ئىسكىلاتىدا ساقلاغلىق زاپچاسلىرى يىل ئاخىرىغىچە تۈگەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ خۇا ۋېي غا يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، يەنە مۇشۇندا داۋام قىلسا، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرەلىشىدىكى مۇھىم قورالى بولغان خۇا ۋېي گۆرىگە كىرىشىگىمۇ ئاز قالدى دېگەن گەپ. ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىدە كالفورنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى ئانالىزچى جو.ماددوننىڭ ئېيتىشىچە ، مىڭ ۋەن جۇ ۋەقەسىدىن كېيىن خۇا ۋېي ئامېرىكىدىكى ئىسكىلاتلىرىدا قالغان زاپچاسلىرىنىڭ سانىنى ھېساپلاپ چىققان، نەتىجىدە زاپچاسلىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئاران يېتىدىغانلىقىنى بىلگەن. خۇاۋېي مىڭ ۋەن جۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە زاپچاس سېتىۋىلىشنى تېزلەتكەن، بۇنى بايقىغان ئامېرىكا دەرھال سېتىشنى توختاتقان تا ھازىرغىچە بۇ جازا يۈرگۈزۈلمەكتە. تىرامپ ۋەدىسىدە پات-پات تەۋرىنىشلە كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا پارلامېنتى تىرامپنى ئاگاھلاندۇرۇپ بۇ ئىش بىلەن سودا ئۇرىشىنى ئارلاشتۇرىۋالماسلىقىنى سەمىگە سەپ كەلمەكتە. خۇاۋېينىڭ يېڭى بازارغا سېلىنغان Mate30تېلېفونىدا ئىشلەتكەن ئامېرىكىنىڭ زاپچاسلىرى بۇرۇن ئىشلەپ چىقارغان تېلېفونلىرىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئازلىغان، بۇرۇن بازارغا سالغان تېلېفونلىرىدا 15% ئىگىلەيتى. بۇ تېلېفونلارنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. خۇاۋېي بۇندىن كىيىن يەنە ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ? ئەلۋەتتە بۇنداق چوڭ شىركەتنى ئۇنداق ئاسان يوق قىلىۋەتكىلىمۇ بولمايدۇ، لېكىن ئامېرىكىدىن كىلىدىغان زاپچاس ۋە تېخنىك ياردىمى توختىغانلىقى ئۈچۈن تەرەققىياتى بۇرۇنقىدەك تېز بولمايدۇ. رىن جىڭ فىي بۇ توغىرسىدا مۇنداق دىگەن:خۇاۋېي ھازىر كونا ئايروپىلانغا ئوخشاپ قالدى، بۇ ئايروپىلاندا 4000 تال تۆشۈك بار، بىز بۇ تۆشۈكلەرنى يامىشىمىز كېرەك دىگەن. مەنچە بۇ تۆشۈكلەرنى ياماپ ئۈلگۈرۈپ بولالماسلىقى مۇقەررەر، بەلكى يامىغانسېرى تۆشۈك يوغىناپ كېتىشى مۇمكىن، بۇندىن كېيىن خۇاۋېي چېكىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ تېخنىك ۋە زاپچاس جەھەتتىن ياردىمى بولمىسا خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەممەيدۇ.
بىز يۇقارقى ئۈچ ۋەقەدىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق قايتارما زەربە بىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا بىز سىياسىيونلارنىڭ دېگىنىگە ئەمەس قىلغان ئەمەلىي ئىشىغا قارىشىمىز كېرەك. بىز ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتايغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تېخىمۇ ئېغىر زەربىلەرنى بېرىشىنى كۈتىمىز.

Share
3301 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.