logo

trugen jacn

لاگېر سىرتىدىكى كىملەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا

بىز بۇرۇنقى ماقالىلەردە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 1/3 قىسمىنى تۈرمىلەردە، 1/3 قىسمىنى لاگېر ياكى تۈرمە سىرتىدا كونترول قىلىدۇ، ئاخىرىدا قېلىپ قالغان 1/3 قىسمى بولسا، قېرىلار، كىچىك بالىلار، ۋە خىتايلارنىڭ تۈرمىلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ چىققان ئۇيغۇرلار» دېگەن نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھازىرغىچە تۇتۇلغان 3-4 مىليون ئۇيغۇر ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 1/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئائىت بىر قەدەر تولۇق ئىسپاتلار ئاساسىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا چىقتى. لېكىن، لاگېر سىرتىدا قايسى 1/3 قىسىم ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ، تۈرمىدىكى بىلەن ئوخشاش كونترول قىلىدىغانلىقىغا ئائىت ئۇقۇملار ئېنىق ئەمەس ئىدى. لېكىن بىز مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، يەنى ھەر قانداق بىر ئائىلىدە، ئەر-ئايالدىن بىرەيلەن تۇتۇلغان بولسا، يەنە بىرەيلەننىڭ قاتتىق نازارەتتە قارىلىپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ياكى يەنە بىرەيلەننىڭ ئارقىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئائىلىدىكى ئادەم سانى ئادەتتە ئۈچ ياكى تۆت بولغانلىقى ئۈچۈن، 1/3 قىسىم ئۇيغۇرلار لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ 1/3 نى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ 1/3 ساننىڭ يەنە چوڭ بىر قىسمى، لاگېر ئىچى ياكى سىرتىدا ئىشلەۋاتقان، لاگېر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.

لاگېر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى يازدىكى لاگېرنى ئىنكار قىلىشتىن، 2018-يىلى ئۆكتەبىرگە كەلگەندە لاگېرلارنى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ ئۆزىنى قوغدىشى، كېيىنكى كۈنلەردە «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، ھەر خىل كەسپىي تەربىيىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى سەھنە قىلىپ كۆرسىتىپ، خەلقئارا مۇخبىرلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى، خىتايلارنىڭ لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ قانچە مەخپىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئۇلار گەرچە لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلىسۇن، ياكى لاگېر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا مۇناسىۋىتى بار خىزمەتلەرنى قىلسۇن، ئۇلار ئىنتايىن چوڭ بىر بېسىمدا ھەم تەھدىت ئىچىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى، ياشايدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى لاگېرنىڭ مەخپىي قۇرۇلۇش بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ھەر قانداق ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەرىكىتى ۋە ئىپادىسى ئۇلارنىڭ قاتتىق جازالىنىشىغا، لاگېرلارغا سولىنىشىغا ھەتتا تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولۇپ قالغان. بۇ نۇقتىنى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق توغرا چۈشەنسە كېرەك. چۈنكى، بىز ئائىلە ئەزالىرى بىلەن، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن، تونۇش-بىلىش ۋە بۇرۇنقى بىللە ئىشلىگەن خىزمەتداشلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايمىز.

بىز بۇ دوكلاتنى گەرچە دەل مۇشۇ لاگېردا تۇتۇلمىسىمۇ، مەيلى خىزمەت ئورۇنلىرىدا بولسۇن ياكى ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدا بولسۇن، لاگېر بىلەن ئوخشاش كونتروللۇقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان.

بىز بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىپ پۈتتۈرەي دېگەن ۋاقىتتا، يەنى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدىن زور كۆلەمدە 400 بەتلىك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ خەۋەردە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ قانچىلىك چوڭ بېسىمدا، بولۇپمۇ خاتالىشىپ قېلىشتىن ئىبارەت چوڭ تەھدىتنىڭ ئىچىدە ئىشلەيدىغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلار تېخىمۇ ئايدىڭ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىزنىڭ يەكۈنىمىزنىڭ ناھايىتى توغرا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئىسپاتلاپ بەردى. مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو 2017-يىلى 2-ئايدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا «ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىپ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ بۇ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىن گۇمان قىلىشنىڭ ھەر قانداق بىر ئىپادىسىنى جىنايەت» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدىن سىرت چېن چۈەنگو يەنە «كۇكۇم-تالقان قىلىش»، «پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىش»، «تۇتۇشقا تېگىشلىكلەرنى بىرنىمۇ قويماي تۇتۇش»، «بۇ قېتىملىق ھەرىكەت بولسا بىر قېتىملىق خەلق ئۇرۇشى (خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇرۇشى)» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بېسىم بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلدۇرغان. ئوتتۇرىلىقتا، مەيلى سۆزىدە ياكى ئىدىيەسىدە بۇ لاگېر تۇتقۇنچىلىقى توغرۇلۇق باشقا پىكىردە ياكى گۇماندا بولغانلارنى كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىغان. بۇ خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلنىڭ ئىچىدىلا 12000 ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يەردىكى 12000 ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار.

بۇ 1/3 قىسىم ئۇيغۇرلار لاگېر سىرتىدا كونترول قىلىنىدۇ، دېگەن جۈملىدىكى بۇ سان ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئادەتتە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر چوڭ سانمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىز لاگېرلارنىڭ كۆلىمى، چېتىلىدىغان دائىرىسى، ۋە لاگېرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئارقا ساپ خىزمەتلىرى قاتارلىق كەڭ دائىرىلەرگە ئانالىز ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، لاگېر سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى، ۋەتەننىڭ ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.

بىرىنچى، لاگېرنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن زور.

1. ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر سولانغان لاگېرنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ
گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى 11-ئايغا كەلگۈچە شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 1000 دىن ئارتۇققا يەتكەن. زىمىستان (bitterwinter.org) تور بېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلدىن باشلاپ «لاگېر» يولغا قويۇلغاندىن بېرى ھازىرغىچە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 3 مىليوندىن ئارتۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يەكۈنلىگەن سانمۇ 3 مىليوندىن 4 مىليونغىچە. ھەمدە بۇ سانلار ھەر بىر سېكۇنتتا ئېشىپ بارماقتا.

2. ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ دائىرىسى كەڭرى
2018-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى تۈرمىلەرگە مىڭلاپ-ئونمىڭلاپ يۆتكىلىۋاتقان پاكىتلار ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي دۆلىتىنىڭ چوڭ بولۇشى، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانىنىڭ ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلىشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، زادى قانچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئېنىق بىر سان يوق. لېكىن، زىمىستان (Bitterwinter.org) قىش تور بېتىنىڭ تەييارلىغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 500 مىڭ ئۇيغۇر مەھبۇس 2018-يىلدىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقىتىۋېتىلگەن. بۇ تور بېتىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيەسىگە 2000 ئۇيغۇر مەھبۇسىنى يۆتكىگەن، شەنشى ئۆلكىسىگە 25000 مىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسنى يۆتكىگەن، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي شەھىرىگە 1000 ئۇيغۇر مەھبۇسنى يۆتكىگەن. ھازىرغا كەلگۈچە ئاشكارىلانغان، ئۇيغۇرلار يۆتكەلگەن ئۆلكىلەر بولسا گەنسۇ، خېنەن، ئىچكى موڭغۇل، خېيلوڭجياڭ، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەر بولۇپ، بۇلاردىن سىرت ئاشكارىلانمىغان ئۆلكىلەرنى بىز بىلمەيمىز. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەرقايسى مېدىيالاردا ئاشكارىلانغان، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى پويىز ئىستانسىسىدا يۆتكەپ كېتىۋاتقان ۋىدېئوغا ئاساسلانغاندا، ھەر بىر مەھبۇسنى 1 ساقچى ئېلىپ ماڭغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا 500 مىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ئاجرىتىلغان.

ئىككىنچى. لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن زور.

1. خىتايلارنىڭ قوشماق تۇغقان سىياسىتى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 1 مىليون خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يېتىپ-قوپۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ كادىرلار ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىپ، ئۇنى دوكلات قىلىپ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىكەن. ئاندىن كېيىن ھەر بىر ئائىلىدىكى دوكلاتلارنى مەخسۇس ئادەم ئانالىز قىلىپ، شۇ ئائىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىدىيەسىدە مەسىلە بارلىقىنى مەجبۇرىي ئويدۇرۇپ چىققان.

2. ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش سىياسىتى
ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ئېلىپ كېتىش لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش پىلانىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بارلىق ئاتا-ئانىسى ياكى خالىغان بىر تەرەپ تۇتۇلغان ھەر قانداق ئائىلىنىڭ كىچىك بالىلىرىنى ھۆكۈمەت ئېلىپ كەتكەن.

زىمىستان تور بېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، 2018-يىلى 6-ئايغىچە خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىنلا 5 ياشتىن تۆۋەن 2000 بالا ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇر ئايرىۋېتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «ئەيشىن يەسلىسى» گە يىغىۋېلىنغان. بىز لوپ ناھىيەسىنىڭ سانىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى 23 شەھەر، 68 ناھىيەگە ئاساسەن، يەنى 91 ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 2000 بالىلار ئېلىپ كېتىلدى دېسەكمۇ، جەمئىي ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ سانى 182000 بولۇپ چىقىدۇ. بۇ سان 2018-يىلى 6-ئايدىكى سان بولغاچقا، ھازىر 2019-يىلنىڭ 11-ئايغىچە تۇتۇلغان بالىلارنى مۆلچەرلەپ باقساق، يەنى 1 يېرىم يىلنىڭ ئىچىدە 1 ھەسسىدىن 1.5 ھەسسىگىچە كۆپەيدى، دەپ پەرەز قىلساق، ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ سانىنىڭ 350 مىڭدىن 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى ئەمەلىيەتكە ناھايىتى يېقىن.

3. كوچىلاردىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن چارلاش ۋە تەكشۈرۈش سىياسىتى
شىنجاڭنىڭ ھازىرقى رېئاللىقى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە چىڭ ۋە قويۇق. خىتاي سېكرېتارى چېن چۈەنگو شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن، 2017-يىلنىڭ ئۆزىدىلا 90 مىڭ ساقچىنى ئىشقا قوبۇل قىلغان بولۇپ، 2009-يىلدىكىدىن 12 ھەسسە كۆپ.

بىز ھازىرقى ۋەتەننىڭ خالىغان شەھىرىگە بارساق، ھەر 100 مېتىر ياكى ھەر بىر كوچىدا بىر كىچىك ساقچى تەكشۈرۈش چازىسى، كوچىلاردىكى ھەر بىر يول ئېغىزىدا، دۇكانلاردا، ئىدارىلەرنىڭ ئىشىكىدە، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە 4 ياكى 6 دىن ساقچىلارنىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان ساقچىلارنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن زور بولۇپ، بۇ خىزمەتنى قىلىدىغانلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر ساقچىلار.

4. تور ۋە تېلېفوننى نازارەت قىلىش سىياسىتى
شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى نازارەت قىلىنىپلا قالماستىن، كومپيۇتېر ئىشلىتىش، ئەقلىي تېلېفون ئىشلىتىش، تېلېفون بېرىش ۋە تېلېفون ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونىنى ئاڭلايدۇ، ھەم تور ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىدۇ.

يۇقىرىقى بىر قانچە نۇقتىلاردىن شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ (project) ھەجمى ۋە چېتىلىدىغان دائىرىسى ئىنتايىن چوڭ، لاگېردا بىۋاسىتە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سانىنىڭمۇ ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇنداقتا يۇقىرىقى ئانالىزلارغا ئاساسەن، بىز لاگېردا تۇتۇلغان ئەمەس، لېكىن لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدا، لاگېرغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا مۇلازىمەت قىلىدىغان، لاگېر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە كونترول قىلىنىدىغان خادىملارنى تۆۋەندىكىدەك 3 كاتېگورىيەگە ئاجراتتۇق.

بىرىنچى:
1. بارلىق لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى.
2. لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانمىغان، نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان ئائىلىلەردىكى ئۇيغۇرلار.
3. بارلىق ئوقۇغۇچىلار، يەنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.

ئىككىنچى: لاگېر ۋە تۈرمە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىدىغان ئۇيغۇر خادىملار. بۇ خادىملار گەرچە لاگېر ياكى تۈرمىگە تۇتقۇن قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن لاگېر ۋە تۈرمە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. لاگېردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ساقچىلار
2. لاگېردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار
3. لاگېردا ئىشلەيدىغان دوختۇر خادىملار
4. لاگېردا ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر، مەسىلەن ئاشپەزلەر، تازىلىقچىلار، بىنا باشقۇرغۇچىلار.
5. لاگېر ۋە تۈرمە ئۈچۈن ئىشلەيدىغان شوپۇرلار
6. لاگېرنىڭ ئىچىگە قۇرۇلغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان باشقۇرغۇچى خادىملار
7. لاگېرنىڭ يېنىغا سېلىنغان «مېيىت كۆيدۈرۈش» ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار

ئۈچىنچى: لاگېر بىلەن ئۇچراشمايدىغان لېكىن لاگېر قۇرۇلۇشى (project) ئۈستىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. ناھىيە دەرىجىدىن يۇقىرى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار.
2. بىۋاسىتە لاگېر قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان، سىياسىي قانۇن، دۆلەت بىخەتەرلىك، جامائەت خەۋپسىزلىك، ئەدلىيە، سوت ئورگانلىرىدا بىۋاسىتە لاگېرغا سان جەھەتتىن قانچىلىك ئادەم تۇتۇشنى پىلانلاش، تۇتۇلغانلارنى لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە ئاپىرىشنى قارار قىلىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەش لايىھىسىنى بېكىتىش، ۋە يۇقىرىقى قارار ۋە لايىھىلەرنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى قاتناشقان ئۇيغۇر خادىملار.
3. شىنجاڭنىڭ كوچا-كوچىلىرىدا چارلاشقا قاتنىشىۋاتقان، تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ساقچىلار.
4. ئىنتېرنېت تور ساقچىلىرى ۋە تېلېفون ئاڭلاش ساقچىلىرى.
5. ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىكى، بولۇپمۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت، يېزىلىق ھۆكۈمەت، بازارلىق ھۆكۈمەت، كەنت ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى، لاگېرلار ئارقا سېپى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر خادىملار.
6. شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەردە ياتقاندىن كېيىن خاتىرىلىگەن ئۇچۇرلىرى ۋە دوكلاتىغا ئاساسەن، توپلانغان دوكلاتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەر بىر ياكى ئايرىم ئائىلىلەردىن كىملەرنى تۇتۇپ لاگېرغا سولاش جەھەتلەردە بىۋاسىتە قارارغا قاتناشقان ھەم ئىجرا قىلغان ئۇيغۇر خادىملار.
7. ئاھالىلەر خىزمىتىنى ئىشلەشكە بىۋاسىتە قاتناشقان ئۇيغۇر خادىملار.

بۇلار تۆۋەندىكىچە:
• ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە خىزمىتىنى قىلىدىغان ئۇيغۇر كادىرلار.
• بارلىق دىنىي كىتابلار، ئۇيغۇرچە كىتابلار، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى يىغىپ كۆيدۈرۈش، ئىسلام بەلگىلىرىنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە بىۋاسىتە قاتناشقان ئۇيغۇر خادىملار.
• مەسچىت ۋە مازارلارنى چېقىشقا قاتناشقان خادىملار.
• شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە ناماز ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغان ئەھۋاللارنى ئىگىلەيدىغان خادىملار.
• ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە چوشقا گۆشىنى تارقىتىش، ھاراق ئىچىشكە دەۋەت قىلىش ياكى ھەرخىل ھاراق ئىچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئائىلىلەردە، مەسچىتتە دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش، دۆلەت شېئىرىنى يادلاش، كومپارتىيەنى مەدھىيلەش، ئىسلام ئېتىقادىنى تەرك ئېتىش قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى بىۋاسىتە پىلانلاشقا قاتناشقان ئۇيغۇر خادىملار.

• ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش جەريانىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ئۇيغۇرلار. (ھازىر ھەر بىر مازىرىمنىڭ يېنىدا ھۆكۈمەتنىڭ سېلىپ بارغان بىر دەپنە قىلىش ئورنى بولۇپ، ھەر قانداق ئۆلگەن ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەستىن، چوقۇم شۇ بەلگىلەنگەن ئورۇندا دەپنە قىلىش تەلەپ قىلىنغان).
• مەكتەپلەردىكى، ئاتا-ئانىسى لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەشكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار. بۇ يەردىكى خىزمەت ھەرگىزمۇ پىسخولوگىيە جەھەتتىكى تەربىيە بولماستىن، ئوقۇغۇچىلارنى قورقۇتۇش، ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سېلىش خىزمىتى. ھازىر چوڭ-كىچىك دېمەي باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە، بارلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن بىر زور روھىي جەھەتتىكى بېسىمدا بولۇپ، مەكتەپ ئۇلارغا ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئىشىنى سىرتقا دەيدىغان ئىش بولسا، ئۇلارنى تۈرمىگە سولايمىز، ياكى ئاتا-ئاناڭنى تېخىمۇ ئېغىر جازالايمىز، دېگەندەك تەھدىت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

خۇلاسە

مۇشۇ يۇقىرىقى خادىملارنىڭ ھەممىسى گەرچە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى لاگېرغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا مۇلازىمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقىدا ياشىماقتا. ئۇلار گەرچە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولسىمۇ، ھۆكۈمەتتىن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى لاگېر ياكى تۈرمىدىكىلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ. ئۇلار تۈرمە سىرتىدا تۇرۇپ، تۈرمىدىكىدەك كونتروللۇقتا بولۇپ، بۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، ھەر بىر قىلغان سۆزى، قىلغان ئىشى، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشىگە ياكى تۈرمىلەرگە سولىنىشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولىدىكەن. شۇڭا بۇلار گەرچە لاگېر ياكى تۈرمىلەردە بولمىسىمۇ، لېكىن لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇلغان بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بېسىم ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشايدىكەن.

بىز بۇ قىسقىچە دوكلاتنى تەييارلاشتىكى مەقسەت، ھازىر ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى لاگېرلارنى تاقاش، لاگېرلاردىكىلەرنى قويۇپ بېرىش دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى ھەرگىزمۇ لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئادەملەر بىلەن چەكلىنىپ قالغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى، خاراكتېر جەھەتتىن لاگېرغا ئېلىپ بېرىپ ئۆزگەرتىدىغان ياكى تۇتقۇن قىلىدىغانلار دەپ قاراپ تۇرۇپ، ماكرو جەھەتتىن ناھايىتى غەلىبىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارغا كونتروللۇق ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭدىن بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش دائىرىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن لاگېر دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بۇ دوكلات يەنە بىر نۇقتىدىن، شىنجاڭدىكى لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدىكى 1/3 قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكىدەك كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

پايدىلانغان تور بەتلىرى:

[1] بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يېتىپ-قوپۇپ، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلماقتا
http://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20181221-%E7%99%BE%E4%B8%87%E5%85%AC%E5%8A%A1%E5%91%98%E5%88%B0%E7%BB%B4%E6%97%8F%E5%AE%B6%E5%BA%AD%E5%81%9A%E5%AE%A2%E5%BD%93%E4%BA%B2%E6%88%9A

[2] ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار
https://bitterwinter.org/?s=uyghur+prisoners+are+relocated+in+inner+provinces

[3] The New York Times:
https://www.nytimes.com/interactive/2019/11/16/world/asia/china-detention-directive.html?mtrref=www.nytimes.com&assetType=REGIWALL

[4] خىتايلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاجراتقان پۇلى ۋە ئادەم سانى توغرىسىدا
https://www.bbc.com/zhongwen/trad/chinese-news-48836678

[5] خىتايلار لاگېرغا تۇتۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋەتمەكتە

Uyghur Children Deprived of Parental Love

Share
6916 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.