logo

trugen jacn

ئاقتاش ئامانلىق مۇدىرى: ۋاڭ شۇجى ياشلارنى ئوڭشاڭلار دېدى ۋە ھاراق تاماكىنى بۇيرىدى

image

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0506-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىز بۈگۈن خوتەن لاسكويدە تارقىتىلغان ئۇيغۇر دۇكاندارلارغا ھاراق – تاماكا سېتىشنى مەجبۇرلاش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئاقتاش ئامانلىق مۇدىرى، مەزكۇر تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يېزىلىق سىياسىي – قانۇن كومىتېتى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشنىڭ تېخى رەسمىي باشلانمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە لاسكوي بازارلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر يىغىندا يېزىدىكى ياشلارنى ئوڭشاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە ئارقىدىن ئاشخانا ۋە دۇكانلارغا ھاراق – تاماكىنى مەجبۇرلاشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/wang-xoten-haraq-05062015212632.html

Share
1562 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.