logo

trugen jacn

ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا شىددەت بىلەن يامرىشىدىكى سەۋەبلەر زادى نېمە؟

 

ee3a1cca-93ca-457d-9b96-624321d88447

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن 2600 نەپەرگە يېقىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سەھىيە ساھەدىكى كەسپىي خادىملار بىلەن مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدە 40 يىل دوختۇرلۇق قىلغان، ھازىر ئۆز ئالدىغا شىپاخانا ئېچىۋاتقان بىر پېشقەدەم دوختۇرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «مېھمانخانا»، «ھۆسن تۈزەش» ياكى «ھورداقخانا» دېگەن ناملاردا ۋىۋىسكا ئېسىپ، ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن جىنسىي مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلار ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا يامرىشىدىكى ئاساسلىق قاناللارنىڭ بىرى ئىكەن.

نيۇيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا ئىلمىي تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ زەھەر چېكىشى ياكى زەھەر سودىسىغا چېتىلىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا زور تۈركۈمدە كۆچۈرۈلگەن كۆچمەنلەرنىڭ رايوندا ھەر خىل ناملاردىكى جىنسىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ئېچىشى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ جەنۇبتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىغا تارقىلىشىنى تېزلەتكەن ئامىل ئىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «بىر كۆزىنى قىسىۋېلىشى» ياكى كۆچمەن خىتايلارغا «يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى» مەسىلىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، ھازىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم «تەشۋىقاتنىڭ سۇس بولۇشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى ئەيدىز يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا يامرىشىدىكى يەنە بىر سەۋەبتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر پېشقەدەم تېببىي خادىممۇ يەرلىكتە ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ قىزىل يۇقۇمى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەھىيە ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان كەسپىي خادىملارنىڭ دەلىللىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ستاتىستىكىسىدا مىللەت ئايرىمىسى يوشۇرۇن تۇتۇلىدىكەن. بۇ ھال سەھىيە خادىملىرىنىڭ بەزى رايونلاردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جەھەتتە نۇقتىلىق خىزمەت ئېلىپ بېرىشىغا قۇلايسىزلىق تۇغدۇرىدىكەن.

ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇنچە تېز يامرىشىدىكى بەزى سەۋەبلەر ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تەشۋىقاتىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمىغا قارشى تەشۋىقاتتىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-08172016144051.html

Share
1606 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.