logo

trugen jacn

ئەنىۋەرجان: ئىلھام توختىنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ ‹ئەركىن سۆزلەش› مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتۇق

4ky9rcqascclwe4bxx8gk9f7mkhvhb_w304h228

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گۇرۇپپا ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىغا مەخسۇس خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى، مەزكۇر رادىيو تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارغا بېرىلىدىغان «ئەركىن سۆزلەش» مۇكاپاتىنىڭ 2017-يىللىق نامزاتلىقىغا تەۋىسيە قىلغان.

«ئەركىن سۆزلەش» مۇكاپاتى ياۋروپادا 30 نەچچە خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەخسۇس كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىدىكى كەمچىلىكلەرنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىر ژۇرنالىستلارغا بېرىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇكاپات 2015-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەركىن تور يازار رائىف باداۋى ئەپەندىگە بېرىلگەن بولسا، 2016-يىلى تۈركىيە ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سېدات ئەرگىنگە بېرىلگەن.

گۇرۇپپا مەسئۇلى ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گۇرۇپپا بۇ يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەدە قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆز پائالىيەتلىرىدە ئىلھام توختى ئەپەندىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ناھەق تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10312016151203.html

Share
1036 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.